• 1/22/2012

    ماڭا بەخت تىلىمە جېنىم

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188719109.html

    ماڭا بەخت تىلىمە جېنىم

    (پىستەك)

     

    ئۈن-تىنسىزلا كەتتۇق ئايرىلىپ،
    ھىجران دېغى كۆزلەرنى ياشلاپ.
    يۈرىكىمىز سەزدى ئېھتىمال،
    يالغۇزلۇقنى قالدى باغاشلاپ.

     

    بوغۇزۇمغا يىغا قاپلىشىپ،
    كەتتىم سەندىن مەڭگۈلۈك ئۇزاپ.
    بەلكىم سەنمۇ قايتتىڭ كەينىڭگە،
    يۈرەكلەرگە ئازابنى باشلاپ.

     

    يۈرىكىمنى باسقان ئېغىر تاش،
    ئېزىۋەتتى باغرىمنى شۇ تاپ.
    كەچمەك شۇنچە ئاسانمۇ ماڭا،
    بار ئازابنى بىر ساڭا تاشلاپ.

     

    يىغلاي دەپمۇ يىغلىيالمىدىم،
    كۆزلىرىمگە تىكىلمە قاراپ.
    ماڭا بەخت تىلىمە جېنىم،
    بەخت كەتكەن سەن بىلەن ئۇزاپ.

     

    2012-يىل 20-يانۋار