• 1/23/2012

    يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزنى چاقىرىشنىڭ 12 تەدبىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188744820.html

    eنىڭ يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزنى چاقىرىشنىڭ 12 تەدبىرى
    ئاپتۇرى:Michael Wong
    Michael Wong ئىزدەش ماتورى ۋە ئىزدەش يۇمشاق دىتاللىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ ئىزدەش ماتورى ۋە ئىزدەش يامشاق دىتاللىرى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپ يازغان. شۇنداقلا
    Mike的营销策略 يەنى مايىك نىڭ تىجارەت سىتىراتىگىيسى ناملىق داڭلىق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى. Michael Wong نى ئىنتىرنىت سودا بازىرىنىڭ باشلامچىسى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ.
    گوگىلنىڭ Google关键词 يەنى [Google AdWords Select] دىن پايدىلىنىپ تور بىكەتتە [Google AdWords Select]نى چاقىرىپ كىلىش ئارقىلىق گوگىل ئېلان كىرىمىدىن پايدىلىنىشنى
    سۆزلەپ ئۈتۈمىز. Google AdWords Select ياخشى تاللانسا تور بىتكىتىڭىزدىكى ئېلانلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بۇلىدۇ يەنى ھالقىلىق سۆزنى ياخشى لاھىيىلەلسىڭىز،
    تور بىكىتىڭىزدە كۈرۈنگەن ئاشۇ ھالقىلىق سۆز ئېلانىنى باشقىلار چەكسە يۇقىرى قىممەت يارتىشى مۈمكىن.
    مەن مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بىر مەزگىل سىناپ باقتىم. نەتىجىدە ناھايتى ئۈنۈملۈك بولدى. تور بىكىتىمدىكى ئېلانلار قىممەت باھالىق ئېلانلارغا ئۆزگەردى.
    بۇ 12 تەدبىر ئارقىلىق بىر قەدەر يۇقىرى باھالىق ئېلان لارنى چاقىرىپ كىلىشكە بۇلىدۇ.
    1. ئېلاننى چەككۈچى ئاممىنىڭ تىل، ۋە رايۇن چەكلىمىسىنى كونتۇرۇل قىلىپ ئېلاننىڭ كۈرۈنۈش مەلۇم بىر تىلدىكى ئامما ياكى مەلۇم بىر رايۇندىكى كىشىلەرگىلا كۈرۈنىدىغان قىلىپ بەلگىلەڭ.
    2. ھاللىق سۆزىنى ئالاھىدە بەلگە ئىچىگە ئېلىڭ. مەسىلەن: [ ] .
    مىسال ئۈچۈن : :[Google][Google AdWords] . بۇنداق بەلگە ئىچىگە ئېلىنغاندا شۇ بەلگە ئىچىگە ئېلىغان سۆز ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى چۆردىگەن بولغاچقا ئىزدىسىلا شۇ سۆزنى ئاۋال ئۇقۇپ چىقىرىدۇ ياكى ئاسان ئۇقۇپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەش ماتۇرلىرىدا سىز بەلگىلىگەن ھالقىلىق سۆز گوگىل ئېلان مۇلازىمىتىېردىكى ماس كىلىدىغان ئېلان مەزمۇنىنى تارتىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق يۇقىرى باھالىق ئېلانلارنى چاقىرىپ ئېلىپ كىلىشكە بۇلىدۇ.
    3. كۆپ خىل ئېلانلارنى سىناپ كۈرۈڭ. يەنى بىر ياكى ئىككى خىل ئۇرۇندىكى ئېلاننى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۆپ چىكىلىدىغان ئېلانلار بىلەن ھالقىلىق سۆزلەېنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگەنللەش ئۈچۈن سىناشقا توغرا كىلىدۇ.
    4. ھەر بىر ئېلاننىڭ مەبلەغ سېلىش مەلۇماتىنى ئىزدەپ كۈرۈڭ. بۈۇ بىر قەدەر مۇھىم. سىز گوگىل ھىسابىڭىزنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىدىن يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. بىلوگ ياكى مۇنبەرلەردىكى يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆز دىگەنلەرگە ئىشەنمەڭ. ئەڭ ياخشىسى گوگىل ھىساباتىڭىزدا تۇرۇپ ئۈزىڭىز گوگلدىن ئاقتۇرۇپ ئىزدەپ تېپىڭ.
    شۇنداقلا بەتلەرگە قيۇۇلغان ھەر بىر ئېلانلارغا قارتىتا ئېلان كودى ئالغاندا 道具 ئىشىلتىڭ. بۇ نداق بولغاندا ھەربىر ئۇرۇندىكى ئېلانلارنىڭ كرىىمىنى تەپسىلىي كۈرەلەيسىز.
    5. نىشان ھالقىق سۈزىنى ئىشىلتىڭ. كونكىرىت، ئىنىق بولغان ھالقىلىق سۆز بۇلىشى كىرەك. گوگىل ئېلانىڭىز ئىچىدىكى ماس كىلىدىغان ھالقىلىق سۆزلەرنى تېپىپ بېتىڭىزدە شۇ خىل ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىلەرنى ۋە يازمىلارنى كۆپرەك يېزىڭ.
    6. مەسھۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ پايدىلىق تەرپىنى كۆپرەك تەكىلەڭ. يەنى گوگىل ئېلانىدىكى كۈرۈندىغان ھالقىلىق سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ماقىلەرنى يازغاندا ئاشۇ خىل ھالقىلىق سۆزنى كۆپرەك ماختاپ بىرىڭ.
    مەسىلەن: نوكيا يانفئۇنى سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرايدۇ، يىشىل يانفۇن، بەك پايدىلىق، ئىستىمال قىلسىڭىز 100ياشقا كىرىسىزئ…..دىگەندەك نوكيا يانفۇنىنى شۇنداق ماختاپ ، ماختاش سۆزلىرى ئىچىدە ھالقىلىق سۆزنى كۆپ تەكىتلىسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.
    7. يازغان ماقالە ياكى تېمىدا ئېلان ئارىسىدا دىققتىڭىزنى ئالاھىدە تارتىدىغان سۆزلەر بولسۇن. مەسىلەن: ئېلاننىڭ ماۋزۇ قىسمىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىدىغان سۆزلەر “ [ياخشى]، [ يېڭى...] [ ھەقسىز...] [2008يىلدىكى...] لارغا مۇناسىۋەتلىك يازما بولىشى كىرەك.
    بىراق، سىز ئېلانىدا كۈرۈنگەن “ [ياخشى]، [ يېڭى...] [ ھەقسىز...] [2008يىلدىكى...] دىگەنلەرنىڭ بىرى بولسا سىز ئۇلارنى ماختاپ تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز ئېلاندا كۈرۈنگەن ئاشۇ مۇلازىمەتلەر ھۇقۇم ھەقىقىي ۋە ھەقسىز، يېڭى بۇلىشى كىرەك. بولمىسا بۇ گوگىل كىلىشىمىەە خىلاپلىق قىلغان بۇلىسىز.
    8. خىراىدارلارنىڭ، ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىلھامىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشىلتىڭ. مەسىلەن: ھاىزر سېتىۋالسىڭىز يېرىمىدىن كۆپرەك پايدا ئالىسىز. ھەقسىز سىناق نۇسقىسى ھازىرلا چۈشۈرۋېلىڭ. تەمىنلەش چەكلىق، ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.. بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى،.. دىگەندەك كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى ماقالىڭىزدە كۆپرەك ئىشىلتىڭ.
    9. ئۈزىڭىزگە خاس بولغان سېتىش نوقتى نەزىرىڭىز بۇلىشى كىرەك. ( بۇ ئېلان بەرگۈچى بىلەن ئىلاندىكى مەسھۇلاتنى تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ ئورتاق مەسھۇلاتنى تەۋسىيە قىلىش ۋە سېتىش ، تۇنۇشتۇرۇش ئۇسۇلىغا قارىتىلىدۇ).
    10. كۈرۈنگەن گوگىل ئېلانىدا زىيارەتچى ۋە خېرىدارلارغا قۇلايلىق بولغان تور بەت ئۇلىنىشى بۇلىشى كىرەك.يەنى ئېلاندىكى ئۇلىنىشنى باسسىلا تۇنۇشتۇرۇلغان مۇلازىمەت ياكى مەسھۇلاتنىڭ نەق بېتى كۈرۈنىشى كىرەك. ئاندىن سىز تەۋسىيە ماقالىلرىنى يازغاندا زىيارەتچىلەرنىڭ ۋە خىرىدارلارنىڭ تېخىمۇ قوللىشىغا ئىرشەلەيسىز.
    11. ئېلانلاردىكى a, in, on, it, of, etc قاتارلىق قۇشۇمچە سۆزىلەرنى چىقىرۋىتىڭ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. بۇ سۆزلەر ئېلاندىكى سۆز چەكلىمىسىنى ئىگەللىۋېلىپ ئېلاندىكى مەزمۇننىڭ ئاز ھەم ساز بۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
    12. ھەقسىز مۇلازىمەت ياكى مەسۇھلاتلارنى ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ئېلاننى قالايمىقان چېكىشىنى چەكلەڭ. ئېلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىغا مەسھۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ.
    بۇلغاندا ېلاننىڭ قالايمىقان ئېلان چىكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.ھەمدە زۈرۈرىيىتى بولمىغان ئېلان چىقىملىرىنىڭ ئىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. لىكىن، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن بەك كۆپ ئەنسىرەپ كىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. سىزنىڭ نىشانىڭىز توردىكى ھەر بىر زىيارەت قىلغۇچى ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ئىھتىياجلىق كىشىلەردۇر.
    ئومۇملاشۇتۇرپ ئېيىتقاندا تور بىكەتكە يوللىغان ماقالىڭىزدا ھالقىلىق سۆز ئىشلەتسىڭىز ئېلاندىكى كۈرۈنىدىغان سۆزلەر بىلەن ماقالىڭىزدىكى ھالقىلىق سۆز ئۇدۇل كىلىپ قالسا نە شۇ ۋاقىتتا ئېلان باشقىلار تەرپىدىن چىكىلسە ئويلىمىغان يەردىن بىر قىتىملىق چىكىلىشى 50 دوللارغىمۇ ھەتتا 70~80 دوللاغىمۇ ياراپ قېلىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن سىز يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تەتقىق قىلپ ئىزدەپ تېپىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تېپىش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇر نوكيا كۇلۇبىمىزدىكى كىيىنكى يازمىغا دىققەت قىلغايسىز.
    ئېلان- چىكى يوق بىر قاتار سىناش. دائىم سىزنىڭ ئېلانىڭىزنى ئىز قوغلاش ۋە زىرىكمەي ئوخشىمىغان ھالقىلىق سۆزلەر ۋە ئېلان مەزمۇنلىرى ئارقىلىق ئاشۇنداق يۇشۇرۇن ئابۇنىتلىرىڭىزنى ئېلان چىكىپ كىرىپ ئېلاندىكى مەسھۇلات ياكى مۇلازىمەتتىن ھەقىقىي پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
    گوگىلنىڭ ئېلان كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھالقىلىق سۆز ئىشىلتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق. ھالقىلىق سۆز ئىشىلتىپ كۈرۈنگەن ئېلان بىلەن ماس كەلتۈرۈپ ئېلان تارتىپ كىلىش ئەڭ ئەقىللىقلىق بىلەن قىلغان ئىش. ئېلان تارتىپ تور بىتىڭىزدە كۈرۈندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلانلارنىڭ چىكىلىشى ئۈچۈن يوللىغان شۇ ئېلاندىكى مەسھۇلاتنى تۇنۇشتۇرغان ماقالىڭىزنىڭ قىممىتى ئەڭ قىممەتلىك. ئاشۇ ماقالىلىرىڭىزنى تەييارلاش ئۈچۈن گوگىل ئېلانى يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تەتقىق قىلىپ تور بىتىڭىزدە چىقىرىشىڭىز سىزنىڭ توردا پۇل تېپىشتا مۇۋاپىقيەتكە ئىرىشكەنلىكىڭىز بۇلىدۇ.
    دىققەت: بەزىلەر يۇقارقى ماقالىنى تازا چۈشۈنەلمەسلىكى مۈمكىن. زاغرا نان تىلى بۇيىچە چۈشەندۈرگەندە،
    تور بىتىڭىزدىكى ئېلانلار ئاساسەن:0.1 دولالردىن 0.35 دوللارغىچە باھادىكى ئېلانلاردۇر. تەخمىنەن 15 قىتىم چىكىلسە 1 دوللار ھىسابلىنىشى مۈمكىن.
    سىز بىر قىتىملىق چىكىشىلىنى نەچچە دوللار ھەتتا نەچچە ئون دوللارغا كۈتۈرۈشىڭىز تامامەن مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىز گوگىل ئېلانى يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىشىڭىز كىرەك.
    يۇقىرى باھلىق ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ باھاسىنى گوگىلدا ئېلان بەرگۈچىلەر ئۈزى بەلگىلەيدۇ. ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ باھاسىنى سىز Google’s AdWords Select ئارقىلىق تەكشۈرۈپ
    بىلەلىشىڭىز مۈمكىن. ئەلۋەتتە يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن Google’s AdWords ھىساباتى قۇرشىڭىز كىرەك. Google’s AdWords ھىساباتى ھەقسىز. گوگىل
    ھىساباتىڭىز بولسىلا Google’s AdWords غا تىزىمتىلىپ كىرەلەيسىز. ئاندىن Google’s AdWords باشقۇرۇش مەركىزىدىن Google’s AdWords قۇرالچىىسىدىن پايدىلىنىپ باھالىق
    ھالقىلىق سۆزلەرنى تەكشۈرۈپ تاپالايسىز. يۇقىرى باھلاىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تاپقاندا شۇ ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ ھالقىلىق سۆز بىلدۈرگەن مەسھۇلات ياكى مۇلازىمەت
    ھەققىدە ئەتراپلىق تەۋسىيە ماقالىسى يازىسىز. مانا بۇ يۇقىرى باھالىق ئېلاننى تور بىتىڭىزدە كۆرسىتىشنىڭ مەخپى سىرى.
    تورداشلار مۈمكىن بولسا ئەمدى ئىلان كودىنى چاپلاپ قۇيۇپلا بولدى قىلماستىن ھالقىلىق سۆز بىلەنم ئېلاننىڭ چىكىلىش باھاسىنى يۇقىرلىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرسىكەندىگەن ئۈمۈدتە مەن.
    نوكيا كۇلۇبى ھەرقايسىڭىزلارنىڭ جىق پۇل تېپىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ…