• 1/22/2012

    توي بېسىمىغا ئۇچرىغان ياشلار - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188719050.html

    توي بېسىمىغا ئۇچرىغان ياشلار


     

     

     

    بۈگۈن تازا مىجەزىم يوق ،ئىشقا بىرىپ بىر پەس ئىشلىرىمنى بېسىقتۇرغاندىن كىيىن، ھەپتە ئارلىقىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي،<<كۇلىسا پۇل كۇلايدىغۇ>>دەپ، ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ ئازراق دورا ئىچىپ كۈزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم.بېشىمنىڭ ئاغرىقى بىلەن كۆزۈمنى شۇنچە چىڭ يۇمۇپ ياتساممۇ ئۇيقۇنىڭ دىرىكىمۇ يوق،ئەكسىچە كاللام خىيال بىلەن تولدى.

    كىچىك ۋاختىمدىن تارتىپ ،مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم،يەنە نەچچە يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى بېشىمدىن كەچۈرگەن ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ،ئۆتكەن بەزى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىمدىن تەسكىن تېپىپ مەمنۇن بولسام،بەزى ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان،كۆڭۈلسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۈچۈن،پۇشايمەن بىلەن قەلبىم قىلدەك تولغاندى.

    كۈڭۈللۈك خىيالدىن كۆڭۈلسىز ئەسلىملەر،ئادەمنىڭ كاللىسغا بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالامدۇ تاڭ؟بايىقى كۆڭۈلسىز خىياللىرىم ،كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ <<شۇنچە ئويلىماي>> دىسەممۇ ھېچ كاللامدىن چىقاي دىمەيىتتى.تېلفۇنۇمغا قارسام ،چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا ئاز قاپتۇ.بېشىمنىڭ ئاغرىقى بىلەن تاماققا چىقساممۇ گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتمەيدۇ.شۇڭا ئۆزۈمنى زورىغا ئۇيقۇغا ئۈندىدىم.كۈزۈمنى ھەر قانچە چىڭ يۇمساممۇ ئۇيقۇم كەلمەي تۇراتتىم،شۇ ئارلىقتا ئىشخانىغا ،بىر قىز خىزمەتدىشىم كىردى.ئۇ قىز تېلفۇندا لايىقى بىلەن پاراڭلىشىۋاتامدۇ؟ئاۋازى ئىشقىلىپ شۇنداق خاپا بولغاندەك چىقاتتى.

    قارشى تەرەپ بۇ قىزدىن<<يېنىڭىزدا ئادەم بارمۇ؟>>دەپ،سورىدىمۇ تاڭ،بۇ قىز<<يېنىمدا بىر ئادەم بار ئەمما قاتتىق ئۇخلاۋاتىدۇ،ئەنسىرمەي دەۋىرىڭ >>-دىدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ئۇيقۇ كەلمىگەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ راس ئۇخلىغاندەك بۇلۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.

    كۈزۈمنى چىڭ يۇمۋالغىنىم بىلەن ،قۇلىقىمغا بۇ قىزنىڭ ھەممە گەپلىرى كىرىپ تۇراتتى.بۇلار توي تۇغۇرلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتامدۇ ؟ئېيتاۋۇر ھەر خىل پاراڭلارنى قىلىشىپ ،قىز بىردەم <<ۋۇ ساراڭ>>دەپ تېلفۇننى بۇلشىغا بېسىپ قۇيۋەتسە،قارشى تەرەپ يەنە ئۇرۇپ بۇلارنىڭ پارڭى زادى تۈگمەيۋاتاتتى.مەن يالغان ئۇخلىۋالغان بولغاچقا،خۇددى تارچۇلۇقتا سىقىلىپ نەپەس ئالالماي قالغان ئادەمدەك، گاللىرىم قىچىشىپ گېلىمنى قىرغۇم،چوڭقۇر نەپەس ئالغۇم شۇنداق كەپكەتتى.ئەمما قىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ شۇنداق تەستە چىدىدىم.

    تېلفۇننى قۇيۋىتىپ كىيىن قارشى تەرەپ ئۇرغان بولغاچقا،قىز خېلى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ قارشى تەرەپنىڭ گىپىنى ئاڭلاۋاتاتتى...مەنمۇ خېلى جىمجىتلىق ھىس قىلىپ بايىقى جىددىيلىكىم سەل پەسىيىپ قالغان ئىدى.تۇيۇقسىز قىزنىڭ ئاچچىقلاپ ۋاقىراپ سۆزلەشلىرى ئارامىمنى  يەنە بۇزدى.

    مەن ئەمدى بۇلارنىڭ پارڭىغا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن قۇلاق سالدىم.قىزنىڭ سۆزلىردىن يىگىتنىڭ ئۆي ئالغىنىنى،قىزنىڭ ئۆينى بىزەپ ئۆيگە جابدۇق ئىلىشى كىرەكلىكنى،يەنە تويدا قىزنىڭ تەلپىدەك تويلۇق پۇلى بىرەلمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.يىگىتنىڭ سۆزلىردىن قىزنىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى بوغاي. يىگىتكە ۋاقىراپ تۇرۇپ مۇنداق -دىدى.<<سىز مىنىڭ دىگنىمدەك خىزمىتىڭىزنى ھەل قىلىپ ،تويلۇق پۇلىنى دىگىنىمدەك بىرەلمىسىڭىز ،ئەمىسە سىزگە تويلۇققا 50 مىڭ يىۋەننى مەن  بىرەي،ئۆينىمۇ ئۆزۈم ئالاي ھەممىنى مەن قىلاي،يەنە سىزنى مەن باقاي  سىز ماڭا تىگىڭ؟ >>-دىدى، قىز ئاچچىقلاپ.قىزنىڭ بۇ ئاچچىق گىپىنى  ئاڭلاپ ئۇ يىگىتكە شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى.

    ھەم كىيىنكى كۈنلەردىكى ئوغلۇمنىڭ توي ئىشلىرى كۆز ئالدىمغا كىنو لىنتىستەك كەلدى.

    ھەر قانداق بىر ئانا بولغۇچى ئۆز ئوغلىنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن،قىزلارنىڭ ئالدىدا ،ئۇنداق ئاھانەتكە قېلىپ،غورورىنى يۇقىتىپ قۇيشىنى خالىمايدۇ.

    بۇلار بىردەم ۋاقىراشسا بىردەم جىمىپ دېگەندەك، قىز ئىشخانىدىن ئاستا چىقىپ كەتتى.مەنمۇ يالغان يۇمغان كۆزلىرىمنى ئېچىپ قىزنىڭ بايىقى ئاچچىق بىلەن دېگەن سۆزلىرنى ئويلاپ قالدىم.

    بۇ قىز بۇرۇنمۇ ماڭا لايىقى بىلەنكى ئىشلىرنى ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ بىرەتتى.بۇ قىزنىڭ سۆزىدىن ئۇ يىگىتنى تۇلىمۇ ئەخلاقلىق غورورلۇق بالىيكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.بۇ قىزمۇ ھەم بەك ئەخلاقلىق ،ئاتا-ئانىسقا شۇنداق كۈيۈمچان ،ئاخكۆڭۈل قىز ئىدى.قىزنىڭ دەپ بىرشىچە بۇلار يۈرگىلى 10 يىل بۇپتىكەن.

    ئەمدى قىزمۇ خىزمەتكە چىقىپ،ئەمما يىگىت تېخى مۇقىم خىزمەت تاپالماي ،ئەمما تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

    ئەمما قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى،بۇ يىگىتنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق دەپ، قىزنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلمىغاچ ،تويلىقنى ئېغىر سېلىپ تۇرۋالىدىكەن.قىز ئاتا-ئانىسنى بەك ھۆرمەتلىگەچكە ،ئاتا-ئانىسنىڭ گىپىنى يىرالمايدىكەن.شۇڭا ئامالسىز يىگىتنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن،قاتتىقلىق قىلىشقا مەجبۇر بۇپتۇ.

    جەميىتىمىزدە توي قىلىش ئىچىدىكى ياشلار دۈچ كىلۋاتقان، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بەلكىم كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.

    جەميەت تەرەققى قىلغانسىرى ياشلارغا،ئۇقۇش پۈتتۈرسە خىزمەت تېپىش،خىزمەتكە چىقىپ بۇلۇپ توي قىلىشتەك ئىشلىرى  جەڭ ئىلىپ كىلۋاتىدۇ.

    ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە 24 ياشقا كىرىپ قالىدۇ.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تېپىپ توي ئىشى ئۈچۈن ھېچقانچە پۇلمۇ يىغالمايدۇ.تويلىقنىڭ ئېغىر بۇلىشى ياشلارغا، ئاتا-ئانا بولغۇچىغا زور بېسىم بۇلۋاتىدۇ.

    بىز نىمىشقا ئاددى-ساددا توي قىلىشنى خالىمايمىز.

     

    قىزنىڭ بۇ تىيمىدا دېگەن گەپلىرنى ئاڭلاپ،بۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىش نىيتىگە كەپ قالدىم.

    -سىڭلىم نېمىشقا ئاددى ساددا توي قىلمايسىز؟

    -ھەدە مىنىڭمۇ ئاددى-ساددا توي قىلغۇم بار،ئەمما خۇلۇن-خوشنىلارنىڭ دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلىمەن.بىرەرسى ئاددى-ساددا توي قىلىپ باشلاپ بەرگەن بولسا،<<ئاۋۇ پالانچى ئاشۇنداق،ئاددى-ساددا  توي قىپتىكەن،بەك ياخشى بۇپتۇ،شۇڭا مەنمۇ شۇنداق توي قىلمەن>> دېسەم بۇلاتتى.ئەمما ھېچ كىم قىلمىغان ئىشنى ئاتا-ئانامغا دېسەم ئۇلارمۇ ئۇنىمايدۇ.ئۇلارنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى ئورنى بار ئادەملەر.خەقلەرنىڭ <<قىزىنىڭ تۇيىنى  رارۇس قىلالمىدى>>.دىيشىدىن قورقىدۇ -دېدى.

     

    ئالدىنقى يىلى نەۋرە ئىنىمنىڭ قارمايدىكى تويىغا بېرىپ ،نەۋرە ئىنىم مۇنۇ گىپىدىن ھەيران قالغان ئىدىم.<<ھەدە تويلۇق رەسىم ئۈچۈن 15 مىڭ يىۋەن غەچلىدۇق>>دېگەن سۆزى مىنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى.ئاتا-ئانىسى ئوغلىمىزنىڭ توينى ھەشەمەتلىك قىلىمىز دەپ،يىققان پۇلى يىتىشمەي ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرىز ئالدى.بۇ نەۋرە ئىنىم بولسا پۇلنى پۇلشىغا غەچلىگەن ئىدى.


    يىغىپ كەلسەك يەنە شۇ ئابروي پەرەسلىككەن.<<خەق نىمە دە>> دەپ ،خەقـنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن قورقۇپ بەسلىشىپ توي قىلىدىغان گەپكەن.ئەجىبا بىز خەق ئۈچۈن ياشامدۇق.<<ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.>>دەپ،نەچچە مىڭ يىۋەننى ئىسراپ قىلىپ توي سۈرەتلىرگە چۈشۈشتىن تارتىپ،ھەشەمەتلىك توي ماشىنىلىرى يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۈچۈن ،ئارتۇقچە غەچلەنگەن پۇلنىڭ بەزىسى قەرىز بۇلۇپ گەدەنگە مىنىدۇ.

     

     

     

    مەنبە ئاچچىق ھىسلىرىم