• 1/22/2012

    ئەرەبلەرگە زادى نېمە كېرەك - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/188719009.html

    ئەرەبلەرگە زادى نېمە كېرەك؟

    ئاپتورى: مەنسۇر مۇئادىل (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

    بىر يىل ئىلگىرى، تۇنىسلىق يايمىكەش مۇھەممەد بۇئەزىزىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قاتار ئىسيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرى ئەرەب دۇنياسىنى قاپلىدى، مىسىر، لىۋىيە ۋەيەمەن مۇستەبىتلىرىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. نۆۋەتتە، سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشار ئاسادنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

    بۇ ھەرىكەتلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالدى. ئەمما نېمە قىممەت قارىشى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ئىسلاھات كېرەك؟ 2011-يىلى يازدا، ئەرەب دۇنياسىدا قانات يايدۇرۇلغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر خەلق رايىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

    تەكشۈرۈشتە، %84 مىسىرلىق ۋە %66 لىۋانلىق دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئەرەب باھارىنىڭ نىشانى دەپ قارىغان. بۇ ئىككى دۆلەتتە، پەقەت %9 كىشى بۇ ھەرىكەتلەر ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىغان.

    مىسىر، ئىراق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەبلىرىدە يۈزلىنىشلىك سانلىق مەلۇمات بولۇپ، ئەرەب باھارى كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى ئېتراپ قىلىش تۇيغۇسى جەھەتتىكى قىممەت قاراش جەھەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. 2001-يىلى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى پەقەت %8 كىشى ئۆزىنى مىسىرلىق دەپ قارايتتى، %81 كىشى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايتتى. 2007-يىلىدىكى نەتىجىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولغان.

    ئەمما ئەرەب باھاردىن كېيىن، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى: ئۆزىنى مەن مىسىرلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى %50 كە كۈتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلاردىن %2 يۇقىرى بولغان. ئىراقتا، ئاساسلىق ئۆزىنى ئىراقلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى 2004-يىلى جاۋاب بەرگۈچىلەر ئىچىدە %23 بولغان، 2011-يىلى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %57 كە يەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلاردا، بۇ سانلىق مەلۇمات 2003-يىلدىكى %17 تىن 2011-يىلى %46 كە يەتكەن، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %57 تىن %44 كە چۈشۈپ قالغان.


    دىندىن خالىي سىياسىيغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش نىبىسىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن. ئىراقتا، ئەگەر سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلسا، ئىراق تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەتتى دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 2004-يىلدىكى %50 تىن 2011-يىلى %70 كە يېتەي دەپ قالغان. مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا پايدىلانغۇدەك سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولغان. مىسىردا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام قانۇنىنى يۈرگۈزىشى «ئىنتايىن مۇھىم» دەپ قارىغۇچىلار 2001-يىلدىكى %48 تىن 2011-يىلى %28 كە چۈشۈپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، بۇ سان 2003-يىلدىكى %69 تىن 2011-يىلى %31 كە چۈشۈپ قالغان.

    قورامىغا يەتكەن 3500 نەپەر مىسىرلىق (ئۇلار مۇبارەككە قارشى ھەرىكەتتە قاتناشقان) پۈتكۈل مەملىكەتكە ۋەكىل قىلىدىغان ئەۋرىشكىنى تۈزۈگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئەۋرىشكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئورنى نىسبەتەن يۇقىرى، نىسبەتەن ياش بويتاق ئەرلەر، ئېنتىرنېت ئابونتلىرى، ئاخبارات گېزىتلىرى مۇشتەرىلىرى، شەھەر ئاممىسى ھەمدە زامانىۋى قىممەت قارىشى ۋە ئەركىنلىك ئىدراكىغا چوقۇنغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار ئامېرىكىلىق، ئەنگىلىيەلىك ۋە فرانسىيەلىكلەر بىلەن قوشنا ئولتۇرۇشنى ئېغىر ئالمايدۇ. دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەشكە ئامالسىز، ئەمما دىننىڭ كەڭ قورساق بولماسلىقى قاتنىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

    بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى زىت بولۇپ قالدى، بۇ قېتىمقى سايلامدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن سالافى ئەسلىيەتچىلىرى ئاۋامنىڭ جەمئىي %65 ئاۋازىغا ئېرىشتى. مىسىر سايلام ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئامىل، بۇ يەنىلا ھەقىقەت. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %66 تى ئەگەر كۈچلۈك دىننىي ئېتىقادلىق ئادەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، مىسىر تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن قاراشنى «ئىنتايىن قۇۋۋەتلىگەن» ياكى «قوشۇلغان»؛ %57 ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويىشى «ئىنتايىن مۇھىم» ياكى «مۇھىم» دەپ قارىغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مىللەتچىلىك دىندىن غالىپ كەلگەن. دەل %78 ئادەم: ئەگەر دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ئەمما مەسىلىلەرگە دىننىي نۇقتىدىن قارىمايدىغان ئادەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، مىسىر تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان.

    ئۇنداقتا، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن مىسىر سايلىمى نەتىجىسى ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئالدى بىلەن، دىننىي تەرەپدارلار كۆپ يىللىق سىياسىي تەشكىللەش ۋە پائالىيەتلەردە مەنپەئەتدار بولغان، شۇڭا قوللىغۇچىلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىگەن، لېكىن ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغان ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىللىشى كەمچىل، يېڭىلا ئېرىشكەن سىياسىي كاپىتالىنى سايلام بېلىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ھېچقانداق ۋاقتى يوق ئىدى.

    ئىككىنچىدىن، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسىدە چاتاق بار. ئۇلار مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قارالمىلىرىنى كېڭەيتمىدى، ئەكسىچىە ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى خاتا دۈشمەنگە سەرپ قىلىپ، يىغىلىش تەشكىللەش ئارقىلىق ئارمىيەگە قارشى تۇرۇپ، ۋاقىتنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتتى.

    ئاخىرىدا، سايلام نەتىجىسى ئۇنچە چاتاق ئىشمۇ ئەمەس. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى دىننىي ئاشقۇنلۇق ۋە دىننىي ئورگانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىمۇ ئەزگۈچى قانۇننىڭ چەكلىسىمىگە ئۇچرىدى. ئەگەر مۇبارەك ھاكىمىيىتىنى سىياسىي دىننىڭ بايرىقىدا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسا، مۇسۇلمان ئەسلىيەتچىلىرى تېخىمۇ پايدىلىق ئورۇندا تۇراتتى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنى ۋە دۆلەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەتتى، چەتئەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ چەتكە قاقاتتى.

    ئەمما مىسىرلارنى مۇستەبىت ھۆكۈمراندىن قۇتقازغىنى ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىدۇر. بۇ ئەكسىچە ئەركىنلىك تەرەپدارلىنى قانۇنلۇققا ئىگە قىلىپ، مىسىر خەلقىنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئېڭىنى ئويغاتتى. شۇڭا، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش تۆۋەنلەپ، دۆلەتنى ئېتراپ قىلىش تۇيغۇسى كۈچەيدى. سىياسىي بەلگىلىك دەرىجىدە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەركىنلىك بولغاچقا، مىسىر ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى بىر مەيدان جاپالىق كۈرەشكە دۇچ كېلىدۇ.

    مەنبە: ئاپتورى مەنسۇر مۇئادىل شەرقىي مىچىگان ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سوتسىئولوگىيە پراففىسورى. 2001-يىلدىن 2011-يىلغىچە، ئوتتۇرا شەرقتە كۆپ تۈرلۈك دۆلەت ھالقىغان قىممەت قاراش تەكشۈرۈشىدىكى ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى بولغان.

    مەنسۇر مۇئادىل بلوگىدىن  naprat2009تەرجىمە قىلدى.