• خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رامزان.
    پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن ئالتە ياشار، 
    مەككىدىن-مەدىنىگە سەككىز باسار، 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزان، 
    مۇھەممەت ئۇمبەت دېگەن شۇ رامزان.
    ئاسماندىن لەيلەپ چۇسكەن مەللە پوتا، 
    ئۇيۇڭدە بىر ئوغلۇڭ بار خىزرى ئاتا. 
    رەببىم ئاللاھ، رەببىم ئاللاھ رامزا


  • ھەي پىلە قۇرتى ،ئەي مۆھتىرەم زات ،
    نىمەدىگەن ئاجايىپ بىرجان سەن ، ھەييات!
    يىيىشىڭ ئاددىيلا يېشىل يۇپۇرماق ،
    ئىنسانغا بېرىسەن گۆھەر مەھسۇ...


  • ھەقىقەت ساداسى يىتىپ قۇلاققا ،
    ئەقىل ۋە غورۇرغا يەتمىسە ئەگەر
    ئۈلگۈرمەي قالىسەن ئاچچىق ساۋاققا
    بوسۇغاڭ ئالدىغا كەلگەندە خەتەر .

    شاراپنىڭ كەينىدە يارالغان چۆلدە ،
    دەرۋىشكە ئايلىنار خاقانسىز شائىر .
    قەلەمنى تىگىشەر سۇنۇق تاۋاققا ،
    ئاۋات رەستىلەردە ماكانسىز شائىر .


  • ئاتلار تۇيىقىدىن چاچرىغان سۆزلەر ،
    ئاداشقان نەسلىمگە بولىدۇ چولپان .
    مەن پۈتكەن ھەركالام
                                      ھەتتا ،چىكىت ، پەش،
    مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامان .

    تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان ،
    مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان .
    يىشىلىپ پۇتلىرغا چىرماشقان تۈگۈن ،
    ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان .

  • ئىنكار قىلما سۆيگۈمنى سەن
    ئەقىدەمنى بىلمىسەڭمۇ

  • ھەق ئۇياقتا خەق بۇياقتا كۆنمەي نەچارە ؟

    بۇ ئالەمنى بىنا قىلغان خاتا ئالدىدا .

    ئۆزۈڭدە كۆي بۇ ئالەمدە دوزاق يوق دېدى

    ئوتتىن چىقىپ سۇغا كىردىم گۇنا ئالدىدا .

    دېدى : كىندىك قېنىڭ چاقىرار سىنى مەڭگۈ  ..

    تۇمار قىلىپ ئاستىم ئۇنى جۇدا ئالدىدا ،

    ياشا دېدى ،تاۋۇتۇمنى سۇندۇردى ئانام ،

    مۇھاببەتكە كۆندۈم ئاخىر خۇدا ئالدىدا

  • تەخسىكەشلەر لازىم ماڭا،ئاڭلاپ قېلىڭلار،
    ئىش قىل دېسەم قىلالمايدۇ،ئېتبار قىلىڭلار.
    كۆز ئالايتما گۈل كەلتۈرۈپ ئىشنى قىلغانلار،
    يۆلەپ قويدۇم،قىلالمايدۇ ئېتبار قىلىڭلار.  
    ئالالمايدۇ ۋەزىپە ئىش كەلمىگەچ قولىدىن،
    يارىتالماس نەتىجە ماڭغان ھەر بىر يولىدىن.
    قورۇققاچقا بويسۇنار قىلغان ھەر بىر ئىشىدىن،
    يۆلەپ قويدۇم،قىلالمايدۇ ئېتبار قىلىڭلار.  
    ئىش كەلمىسە مەيلىغۇ ئېگىلىشنى بىلسىلا،
    چىشلە دىسەم"خوپ"دەپلا ئېتىلىشنى بىلسىلا.
    ھېيىقمايمەن ھەرگىزمۇ خوشامەتتە تۇرسىلا،

  •  

  •  

                        دوست تاپقۇچە ھوقۇق تاپ   

  • ئاپتۇرى:ئىزدىنىش تورىدىن ئەيساجان

ئۇسلۇب ئاپتورى:پرېستان ak22.blogbus.com网站PR查询
Loading