• 5/5/2010

    abdukadir jalalidin ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم--يۈسۈپ خاس ھاجىپ - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63060656.html


    ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم
                    ئابدۇقادىرجالالىدىن                

     

    4.يۈسۈپ خاس ھاجىپ 

     

    ئۇچتى تۇمان باسقان خىرە كۆزلەردىن ،
    قەلىمىم ئۇچىدىن ئېچىلغان شەھەر.
    نەغمىگە تۇتۇلغان بىھۇش سۆزلەردىن ،
    غەش بۇلۇپ مەغرىپكە ئۇزىدى قەمەر .

     

    خانىقا ئىچىدە يېنىپ جىن چىراق ،
    نىشە تۈتۈنىگە ئالماشتى قانۇن .
    شاھانە ساراينىڭ خارابىسىدە ،
    ئاينىڭ شولىسىغا مۇڭ تۆكتى قالۇن .

     

    ھەقىقەت ساداسى يىتىپ قۇلاققا ،
    ئەقىل ۋە غورۇرغا يەتمىسە ئەگەر
    ئۈلگۈرمەي قالىسەن ئاچچىق ساۋاققا
    بوسۇغاڭ ئالدىغا كەلگەندە خەتەر .

     

    شاراپنىڭ كەينىدە يارالغان چۆلدە ،
    دەرۋىشكە ئايلىنار خاقانسىز شائىر .
    قەلەمنى تىگىشەر سۇنۇق تاۋاققا ،
    ئاۋات رەستىلەردە ماكانسىز شائىر .