|
-
7/20/2010
ئىككى شېئر - [شئېرى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/ak22-logs/69802575.html
ئىككى شېئر
ئۇ ئاناڭ ...غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
ئۇ ئاناڭ ،ئويغانغان چولپان بىلەن تەڭ ،
غېمىڭدە ئۆرتەنگەن گۈلخان بىلەن تەڭ .
بولسىمۇ سەھرادا ئاددي كەپىدە ،
قىممىتى ، شەپقىتى ئاسمان بىلەن تەڭ .
كۆزلىرى
تورلاشقان يولۇڭغا چىراغلار يېقىپ ،
چاچلىرى
ئاقارغان سەن ئۈچۈن تاڭلارغا بېقىپ .
چىھرىگە
بالىلىقىڭ ،كەچمىشىڭ ئۆتكەن ئىز سېلىپ ،
ۋە لىكىن
كۆڭلى ئۇز ، چوغلۇق ھەم رەيھان بىلەن تەڭ .يېنىمدا تۇر دەيدۇ ،تولا سۆزلەيدۇ ،
قەغىشلىق قىلىدۇ ، ئاسان يىغلايدۇ .
رەنجىمە بارغانچە ›كىچىك بالا ‹ ئۇ ،
بىل ئۇنىڭ دىل رايى سۇلتان بىلەن تەڭ .ئەر كۆكلەر ئانىنىڭ دۇئاسى بىلەن ،
ھەق رازى ، ئانىنىڭ رىزاسى بىلەن .
ئادا قىل قەرزىڭنى قازاسى بىلەن ،
ئانىغا يۈكۈنۈش ئىمان بىلەن تەڭ .ئون سەككىزگە كىرگەندە قىزلار
ئون سەككىزگە كىرگەندە قىزلار ،
ئون سەككىزگە كىرىدۇ ئالەم .
ۋىسال ئىزلەپ ھىجران چۆلىگە ،
يول ئالىدۇ ئون سەككىز ئادەم .ئېچىلىدۇ ھەر بىر ئىزىدىن ،
پورەك - پورەك ئون سەككىز تال گۈل .
گۈل ئىشقىدا سايراپ زارۇ - زار ،
جان بېرىدۇ ئون سەككىز بۇلبۇل .ئون سەككىزگە كىرگەندە قىزلار ،
ئون سەككىزگە كىرەر تەبىئەت .
قېرىمايدۇ مۇھەببەت مەڭگۈ ،
ئون سەككىزدە تۇرار تائەبەت .
评论