|
-
7/31/2011
كەلدى ئولۇغ رامىزان
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/ak22-logs/152735879.html
كەلدى ئولۇغ رامىزان
كەلدى ئولۇغ رامىزان ،
گۇناھلارغا ئۇ قالقان.
ئاللاھنىڭ كۆپ رەھمىتى،
ئەگەر تۇتسا ھەر ئىنسان.
يىلدا بىر ئاي رامىزان،
بىزگە پەرىز ھەي ئىنسان!
ئۇنۇتمايلى پەرىزنى،
قەرىز قالسا بەك يامان.
خاسىيەتى بەك تولا،
بىر ساۋابىڭ مىڭ بولا.
قىلغان ئىغىر گۇناھىڭ،
توۋا قىلساڭ يوق بولا.
شۇنچە سىخى رامىزان،
ئىچلىدۇ ھەم ئاسمان.
پەرىشتىلەر ئىنسانغا،
مەدەت بىرەر ھەر قاچان.
رامىزاندا خۇشاللىق،
ئىپتار بىلەن زۇھۇرلۇق.
ھەتتا ماڭساڭ بىر قەدەم،
ئاللاھ يازار ساۋاپلىق.
ئولۇغ شۇنچە رامىزان،
ئوخشىمايدۇ ھىچ زامان.
مەغپىرەت قىل ئىنساننى،
دەيدۇ ھەتتا يەر جاھان
ئەگەر بىلسەڭ رامىزان،
ئىنسان ئۆچۈن ئىنتىھان،
تۇتۇش تۇتماس ئۆزىڭدە،
كۆرۈپ تۇرار ياراتقان.
خەيىر خەلقىم بول ئامان،
ئونۇتمىغىن بىز ئىنسان.
ئىنتىھانغا تەييار تۇر،
بىزدىن قالار بۇ جاھان.
قېرىنداشلار ئولۇغ رامىزان ئۆچۈن مۇنۇ شېئرىمنى يازدىم . ئولۇغ ئاللاھ ھەممىزگە كۈچ قۇۋەت غەيرەت ئاتا قىلسۇن.
رۇستەم قارسۇ ئاتۇش 2011.7.....بۆرتالا ئالاتاۋ