• 5/5/2010

    abdukadir jalalidin ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم--مەھمۇد قەشىقەرى - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63060153.html


    ئانا تىل ھاياتىم ،ئانا تىل ئەركىم
                    ئابدۇقادىرجالالىدىن               

           

    3.مەھمۇد قەشىقەرى

    ئالەمنىڭ پۈتۈلگەن تىلغا ،
    مەن ئۇيغۇر تىلىنى قويىمەن يانداش .
    سىنادا مۇراجەت قىلغاندا مۇسا ،
    بوۋام نەپەسلىرى بولغان زامانداش.

     

    يۇلتۇزلارنى سۈزۈپ پەلەككە تىزدىم ،
    ئارىلاپ يۇرتۇمنىڭ قىشلاقلىرىنى .
    قۇياشقا ئۇلىدىم ئاپراسىياپنىڭ ،
    تەۋەرۈك سەلتەنەت پەشتاقلىرىنى .

     

    ئاتلار تۇيىقىدىن چاچرىغان سۆزلەر ،
    ئاداشقان نەسلىمگە بولىدۇ چولپان .
    مەن پۈتكەن ھەركالام
                                      ھەتتا ،چىكىت ، پەش،
    مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامان .

     

    تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان ،
    مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان .
    يىشىلىپ پۇتلىرغا چىرماشقان تۈگۈن ،
    ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان .