-
2010年10月01日
بىلوگ سىتاستىكىسى blog sitastikisi - [ئۇقتۇرۇش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/76101529.html
بىلوگ سىتاستىكىسى
بۈگۈن تور ئىسمى غەلىتە بولغان بۇ بىلوگىمغا يازمىلارنى ئىلان قىلىپ بۇلۇپ بىلوگ باس ئارقا بېتىدىكى سىتاستىكىنى كۆرۈپ يەنە ئۈزۈمچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كەتتىم . بۇ بىلوگىمدىكى ئۆزۈم قول سېلىپ يازغان ئىجادى يازمىلىرىم 10پىرسەتنكىمۇ يەتمەيدۇ، قالغىنى ئاساسەن ئۇيەر -بۇيەردىن تېرىپ تۆشەپ يىغىپ قويغان يازمىلار. يەنە شۇنداقتىمۇ سىتاستىكا قىلغۇچقا قارىسام كۈندە بىلوگ قا كىرىپ قاراپ بېقىپ چىقىپ كىتىدىغانلار ئاز بولغاندا 10 جىق بولغاندا 20گە يىتىدىكەن .گەرچە بۇ سانلار بىرقىسىم داڭلىق بىلوگلارغا نىسپەتەن ئادەتتىكى بىر سانلار بولسىمۇ لىكىن باشقىلار كۆرۈپ بولغان يازمىلارنى، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى كۈچۈرۈپ ئىلان قىلغاچقا مۇشۇنچىلىك ئادەممۇ جىق بىلىنىدۇ .
ئويلايمەن بۇ زىيارەتچىلەر بىلوگقا كىرىپ قايسى يازمىلارنى بەك كۆرىدىغاندۇ ، قانداق ئادەملەر كىرىدىغاندۇ دەپ. بەزى تور بەتلەردىن بەزى ماقالىلەرنى ئۈزەمچە شۇنداق نوچى يېزىلىپتۇ دەپ ئويلاپ مىڭ بىر جاپالاردا كۆچۈرۈپ كىلىپ چاپلاپ كىيىن سىتاستىكىغا قارىسام ھىچكىم كۆرمىگەن ، بەزى يازمىلارنى خىيالىمدا ئادەتتىكى چاغلاپ ئىلان قىلىپ قويۇپ بىرچاغلاردىن كىيىن قارىسام كۆرۈلۈش نىسپىتى ناھايىتى يۇقىرى تۇرغان ، مۇشۇنداق چاغلاردا قاتتىق ھەيران بولىمەن دە . بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ نىمىلەرنى ياختۇرىدىغانىنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم . بەزى تورداشلار ياخشى يېزىپسىز دەپ ئنكاس يېزىپ قويىدۇ ،خىجىل بۇلۇپ قالىمەن چۈنكى مەن يازمىغان تۇرسام ، مۇشۇنداق ئارلىشىپ قالمىسۇن دەپ‹ يازمىلىرىم › دەپ بىر تۈر ئېچىپ قويغان ،تاقا-تۇققا دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىپ .
مۇشۇ بىلوگنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىلوگقا خېلىلا بەك قىزىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ،نىمىشقا دىگەندە ئۆزۈم قول سېلىپ جىق نەرسە يېزىپ كەتمەيمەن ياخشى دەپ قارىغان يازمىلارنى كۆچۈرۈپ قويىمەن ،شۇنداقتىمۇ بىرقىسىم تورداشلارنىڭ بۇ بىلوگنى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىدىن كىشلەرنىڭ بىلوگقا بولغان قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ،بولمىسا كىشىلەر ئىككى كوي تۆلەپ تورغا چىقىپ بۇ بىلوگنى كۆرمىسىمۇ ،ئويۇن ئويناپ ،ناخشائاڭلاپ كىنو كۆرۈپ ياكى باشقا ئىش قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ . يەنە ئاز بولسىمۇ زىيارەتچىلەر كۆرگەن ئىكەن بىلوگ قا قىزىقىدىغانلار يەنە بار ، ئەگەر مەنمۇ ئۆز ئىجادىيىتىم بولغان يازمىلارنى جىقىراق يازسام زىيارەتچىلەرمۇ ئاينىشى مۇمكىن ئەمما مەكتەپتە ئىنتاما ئالسا ئىزچىل كۆچۈرۈپ ئۆتۈپ كۈنۈپ قالدىممۇ قانداق تورغا چىقىپمۇ كۆچەمىكەشلىكنى تاشلىيالماي قالدىم.
بىلوگنى زىيارەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ كۆپ ئازلىقى نىمە بىلەن بۇلىدىكى بۇنىمۇ تازا بىلەلمەي قالدىم يازمىنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دىسە بەزى بىلوگلارنىڭ يازمىسى ئازلا ئەمما كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە ئون مىڭ . بۇمۇ بەلكىم زىيارەتىنىڭ ياختۇرىشىدكى ئىش بولسا كېرەك .
收藏到:Del.icio.us
评论
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .