• 10/20/2010

    شائىر قانداق ئادەم؟ xaer kandak adem ? - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80032062.html

    شائىر قانداق ئادەم؟

     

    (چوغلان تور سۆھبىتى)

     

    سۆھبەت تور مۇنبىرىدە چەكلىك ۋاقىتتا ئەركىن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغاچقا بىر ئاز چىچىلاڭغۇ.

    سۇئال سورىغۇچى بىرنەچچە ئادەم بولغاچقا ھەم ئۇلارنىڭ سۇئال سوراش سەۋىيىسى ۋە سۇئال سوراشتىكى مۇددىئاسى ئوخشاش بولمىغاچقا جاۋابلارمۇ قىسمەن مۇرەككەپ ھەم گەپ ئوينىتىشلاردىن خالىي ئەمەس.

    مۇئەللىپ نەزىيىنى قورال قىلمىغاچقا، بەرگەن جاۋابلىرىدا ھېسسىيلىك ۋە ئۆزۈمچىلىك خاھىشى كۈچلۈك.

    بۇ ئۆزىنى شائىر دەپ تونۇغان بىر ئادەمنىڭ ئىچ- باغرىنى چۇۋۇشى.

     

     


         ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟  
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مۇنبەردە تەرجىمھالىم تونۇشتۇرۇلۇپ بولدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم- قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقىچان بىلىپ بولدۇڭلار. ئۇنىڭ ئۆزى يوللىغان ۋە باشقىلار چاپلىغان نەچچە ئون پارچە شېئىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىڭلار. ئۇ  تاسادىپىي ئامەت بىلەن شېئىرخۇمار خەلقىنىڭ بىر مەزگىل «غوجىمۇھەممەد قىزغىنلىقىنى»  كۆتۈرۈشى ئارقىلىق خىلى نامى بار شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ قۇياش بولۇشتىن خىلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قىتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ،قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز- ئۆزىدىن مەست بولدى... لىكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ ھەتتا ئۆزى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر لەبزە سۆزچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، ياقىسىنى پارە- پارە يىرتىپ نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر... ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھىچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راسىت!  ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق- بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بىرى بىر ھەرپ- بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يىقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھىچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا ئىنىقكى، بۇ ئىككىلا تەرەپكە زىيان.  ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى. ياشايدىغانلار ياشاۋەرسۇن، ئۆلىدىغانلار ئۆلۈۋەرسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار. ئۇ شېئىر يېزىۋەرسۇن، يا ئەۋلىيا بولۇپ كېتەر، يا ساراڭ...
           ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: .2شىئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر ھەققىدە تالاي شائىرلار تالاي تەبىرلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بۇ تەبىرلەر بىر- بىرىدىن پاساھەتلىك ۋە ھەقىقى. مەن يەنە شېئىر توغرىلىق ھىچنىمە دېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنى «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز» دېسەم ئاراڭلاردىن باش لىڭشىتىدىغانلار چىقماي قالمايدۇ. دىن مۇرىتى دىنىي تەلىماتلارغا كۆڭۈل بەرگەنسىرى، تەگ- تېگىگە چۆككەنسىرى، چۈشەنگەنسىرى دىنسىز بولۇپ كەتكەندەك، شائىرمۇ شېئىرغا چوڭقۇرلىغانسىرى كائىناتنىڭ مەركىزىدە پەقەت ئۆزىنىلا كۆرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىرىك دەپ ھېسابلىسا ئەتراپىدا ھاياتلىق بولىدۇ، تەقۋا بولسا يەتتىنچى ئاسماندا خۇدا بولىدۇ، ئىشەنسە ئۆلگەندىن كىيىن يەنە بىر دۇنيا بولىدۇ. شېئىر نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ تۈگىمەيدىغان ئازاب ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شېئىر بىزگە تۈگىمەيدىغان ئازابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمىز. ئازابقا ئىرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولالمىساق شېئىرغا يۈز كېلەلمەيمىز.  شېئىرنىڭ ئازابى خۇددى تەڭرىگە ئاشىق بەندىنىڭ تۈگىمەس ئۆلۈملىرى...كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ياراتقان مۇبارەك زاتنى كۆرۈپ باققۇسى كەلمىسۇن؟ بىراق بۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمىغاچقا شېئىر ئارقىلىق ئۆلۈمنى باشتىن كەچۇرۈۋاتقاندەك قىلىمىز. شېئىر سىياسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شېئىر ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇرۇش قوزغىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۇرۇشلار،  ئۆلۈۋاتقان ئادەملەر، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارغا قاراپ گۈزەل مىسرالارغا غەرق بولىدۇ. مەن بۇ قارىشىمغا قوشۇلۇڭلار دېمەكچى ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ گەپلىرىم باش- ئاخىىر باغلاشمىغان، ئىنىق بىر مەقسەت مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان، بەئەينى يوق گەپلەر...

    ساجىدە سۇلايمان: سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق  كۈچتۇ؟ 
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شەرەپ بىلەن مېنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن كۈچ ۋە ئىلھام-  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تېلىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان 32 ھەرپ دەيمەن. بۇ گەپ ماڭا خىلى قۇيۇق مىللەتپەرۋەرلىك تۈسىنى بېرىپ قويسىمۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سانسىز كۆزلەرنىڭ ئالدىدا يالغان ئىيتالمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمدا ئىچىمدىكىنى ۋە تېشىمدىكىنى مۇشۇ تىل ۋە يىزىق بىلەن ئىزھار قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۆلگەندىن كىيىنمۇ خۇداغا قىلمىش ئەتمىشلىرىمنى مۇشۇ تىل ئارقىلىق بايان قىلىدىغىنىم ماڭا ئايان. لەززەت بىلەن سۆزلەرنى چاينىغان ۋە ئىخلاس بىلەن ھەرپلەرنى ئوينىغان ۋاقتىمدا سۈرگەن راھەتنى خۇشاللىقىم يىغلاپ تۇرۇپ شېئىر پۈتتى. قەدىرلىك نازى، سىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھىچقانداق تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمنى تىخى بىلمەيسىز... ­
      
        ساجىدە سۇلايمان: سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، سىزدەك كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىجاد قىلىمەن. مەن ھىچقاچان ئىلھامنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ باققان ئەمەس. بىراق ئاخشىمى شېئىر يازسام تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىسى مۇھىم ئىشىم بار كەچلەردە قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. ماڭا بىرىلگەن ۋاقىت ئاساسەن ئىجاد قىلىش ۋاقتىدۇر، ئىجاد قىلمىسام ۋاقىتنىڭ ئىگىسىگە يۈز كېلەلمەيمەن... كىشىگە لەززەت ئاتا قىلالىغۇدەك شېئىرلارنى پۈتۈش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىڭ، چۈنكى قايغۇ- ھەسرەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلىدىغان ئەڭ شىرىن سوۋغىتىڭىز. ئادەملەر تورغاينى يىغلىتىش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايانسىز ساينى، كەڭرى ئاسماننى سېغىنىپ چەككەن نالە- پىغانلىرىدىن لەززەت ئالىدۇ.   
          ساجىدە سۇلايمان: سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، «ئەرنىڭ ئىپپىتى» دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخىش كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە  بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟ )
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتىن ئىلگىىرى كاللام قۇپقۇرۇق، ھىچقانداق روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۈستەلگە ئولتۇرىمەن. بۇ خۇددى مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە چىققان يولۇچىنى قەدەمدە بىر يېڭىلىق كۈتۈۋالىدۇ. مۆجىزە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كۈتۈتۈلمىگەندە ۋە تاسادىپىيلىق ئىچىدە. تەرتىپلىك ھاياتتا مۆجىزە يۈز بېرىشى تەس، بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ زىل- زىلىسى بولسۇن؟ مەن ھەر بىر شېئىرىمنى ئەنە شۇنداق نىشانسىز قىلغان سەپەردىكى تاسادىپىيلىق دەپ قارايمەن. شېئىر يېزىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھىچقانداق شەكلى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭغا قۇرۇلما بېكىتىش مۈمكىنمۇ؟ بەلكىم بۇ مېنىڭ شېئىر يېزىش ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن، ماڭىلا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر. ,
       ساجىدە سۇلايمان: فەقىرنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى ــ قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالغان ئىستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەك؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز..
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەسەر يازماقچى بولۇۋتقاندا ژانىر تاللاپ ئاۋارە بولماڭ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ژانىر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىنى تونۇش، راستچىل ۋە جاسارەتلىك بولۇشتۇر. شەكىلنى سىز يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەسەر يېزىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ژانىرنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا تۇيغۇلىرىڭىز ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ. قەلەمگە بويسۇنماڭ، ماھارەتنى بىتچىت قىلىڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز شېئىرىي قۇللۇقتىن ئازاد بولىدۇ.
     

               رېسالەت مەردان: شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدىم دەپ قارايسىز ؟
          غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇلارنى ساناپ بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئىمىن ئەخمىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دورىدىم، كىيىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۈكۈشمەك ئوينىدىم، ئۇندىن كىيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى  دەستەك قىلدىم، ئەڭ ئاخىىرىدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئىخلاس بىلەن تەقلىد قىلدىم. كىيىن ھەممىسىگە مىڭلارچە رەخمەتلەر بىلەن خوش دەپ، ئۆزۈمگە تۇتۇلدۇم. ھازىر ئۆزۈمنى تەقلىىد قىلماقتىمەن، بۇ رەزىل كىشى مېنى ھىچبىر قويۇپ بېرەر ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسى مەندىنمۇ يورۇق بولۇپ، مېنى كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىر كۈنلەردىىكى سۇمرغ تورىدا ئالا- تاغىل جۆيلۈپ يۈرگەن  پارىسا، سىدىق دۆلەت دېگەن ئىككى شائىر ئېسىڭىزدە بارمىكىن؟ ئۇلار مېنى مەندىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ مەيدە قاققان ئىدى، بىراق شۇھامان مەغلۇپ بولدى. كىشىلەر ناھايىتى تىزلا ئۇلارنىڭ غوجىمۇھەممەدنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. مەن بىلىمەن، ئۆزۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى تەلتۆكۈس ئادالىۋىتىشقا توغرا كەلگەچكە ئىلگىرى ئىرىشكەن ئازغىنە شان- شۆھرەتلەرگە قىيالمايۋاتىمەن. ئۆتمۈشتىن مۇستەسنا بولمىغان ھاياتتا ئىجادىيلىق بولمايدۇ. مەن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتەي قالغان بۇ خارابىدىن كېتىشىم كېرەك، كېتىشىم كېرەك...
           رېسالەت مەردان: ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىز قايناق بىر مەزگىلدىن كىيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز ؟   
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان بولدى. مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقىلاردىن قايناق شېئىرىي ئىجادىيەت مەزگىلىمنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن دائىم جىمجىت ياشايمەن ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن، قانداقلىقىمغا ئانچە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقتىكى گەپلەرنى بولسا باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. ئاشۇ باشقىلار ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىز راسىت بولسا كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىم مېنىڭ يىقىندىن بۇيان شېئىرىيەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ھازىرقى شېئىرلىرىمدىن بۇرۇنقىدەك زوق ئالالمىغانلىقىنى يۈز- تۇرانە ۋە ھاۋالە بىلەن ئىيتىشتى. تىخى ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توقسۇلۇق يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن بۇرادىرىم توقسۇدىكى بۇرادەرلەرنىڭ سالىمىنى ئىيتىپ مۇنداق دېدى( ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يېنىمىزدا قەدىناس شائىر بۇرادىرىم ئابدۇرېشىت ئېلىمۇ بار ئىدى): «شېئىرلىرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك قاينام تاشقىنلىق كەيپىيات يوق. سىز ھازىر تىخنىكىغا تايىنىپ يېزىۋاتىسىز. توقسۇدىكى قەلەمكەش بۇرادەرلەر: غوجىمۇھەممەد ئەمدى ئۆزۈمنى يارىتىپ بولدۇم، قانداق يازسام بولۇۋىرىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، دېيىشىۋاتىدۇ» دېگەندە مەن بەزىبىر باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، بىراق ئىچىمدە قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى ئابدۇرېشىت تۇيدى. يەنە بىر باھانە- سەۋەب بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام كونا گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق سۆزمەنلىك قىلىمەن: «نام- ئاتاق گوياكى قاراڭغۇ تۈرمە، ساڭا ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تېكىلگەن ساناقسىز كۆزلەر بۇ تۈرمىنىڭ گۇندىپايلىرىدۇر. سېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭ، ھەر بىر ئېغىز گېپىڭ ئاشۇ گۇندىپايلارنىڭ  نەزەربەنتى ئاسىتىدا. ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ سەندە بار يوقلۇغى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. سېنىڭ خالىغانچە يېزىش ۋە يازالىغانچە يېزىش ھوقۇقۇڭ ئاللىقاچان تارتىۋىلىنغان. ئاھ بىچارە قۇل...» بىراق مېنىڭ بۇ نالەمگە ئىچ ئاغرىمتاڭ. مەن پات ئارىدا يەنە باشقىلاردىن مەن توغرىلىق يېڭى- يېڭى گەپلەرنى ئاڭلىشىم مۈمكىن.
     
        رېسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز، شەكىل دىمۇ ؟   
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھازىر شېئىر يېزىشتا مەقسەت مۇددىئا بولمايدۇ، شېئىر يېزىش پەقەتلا شېئىر ئۈچۈندۇر دېمەكتىمەن. ھەرقانداق ئىددىيە ۋە كۆز قاراشلار كونىرايدۇ، تىلنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ھەم مەڭگۈلۈكتۇر دەيدىغان بولۇۋالدىم. شېئىر ئەڭ بۈيۈك ئاشىقانىلىقتۇر، شائىردا ئۆزىنى بىغىشلاش ئىستىكى باركى، ئۇندىن ئارتۇق مەقسەت يوق... دېگەن سۆزگە مەپتۇنمەن. مەن قايسىدۇر بىر شامالنىڭ شائىرغا مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: ئۆلۈپ تۇرۇپ ياز، تىرىكلەرنى سەگىتىدۇ؛ تىرىلىپ تۇرۇپ ياز، ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ؛ شەكىلگە بەنىد قىلما، يىقىلمايدىغان ئىمارەت يوق؛ مەنىگە بىقىنما، كونىرىمايدىغان ئىددىيە يوق؛ جان ئاتا قىلما، جان بار يەردە قازا بار؛ روھ بەر، مەڭگۈ ياشايدۇ، چۆلدەك ئەمەس، بورانلاردەك ئەركىن- ئازادە، خۇشال بەختىيار...
                   رېسالەت مەردان: شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز ؟
               غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەيتاندىن، دېسەم كۈلۈپ كېتەرسىزمۇ؟ شېئىرنىڭ غايىبتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىراق ئۇ ۋەھىي ئەمەس. بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرگە ۋەھىي نىسىپ بولمىغان. شەيتاندىن، دېسەم ئەمدى كۈلمەيسىز...  قارىغاندا مەن شېئىرىي ئىلھامنى ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىدىن، بەندىلىك ئىزتىراپلىرىدىن، دوزاخ يالقۇنلىرىدەك بىسىقماس ھەم ئەبەدىي ئۆچمەس مۇھەببەتتىن ئالسام كېرەك. بۇ مۇھەببەت مەن تۈركىينىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەيىت قىلغان«كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز»غا بىغىشلانغان. 
            رېسالەت مەردان:                   شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى ؟
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئادەتتە ئۇنى ياخشى- يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن. بىراق مەن بەزىدە مېنى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال»قاتارلىق شېئىرلىرىمنى دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىشكە ئامراق...
           رېسالەت مەردان: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نىمىلەر كەمچىل؟  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىقىنى شېئىرغا بىغىشلىيالايدىغان، شېئىر ئۈچۈن رىيازەت چېكەلەيدىغان، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان«مۇنداق» ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن «شۇنداق»قا ئوت ئاچالايدىغان پىداكار شائىرلار كىرەك. قاراڭە، جاھاندا تەڭدىشى يوق پاساھەتلىك تىل، مۇكەممەل يىزىق، گاڭگىراش، ئازاب، يىمىرىلىشلەر يەتكۈچە تۇرۇپتۇغۇ. شۇنداق رىسالەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شائىردىن باشقا ھىچنەرسە كەمچىل ئەمەس. i@`T_&6l  
    O,!4 W\s        رېسالەت مەردان: زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ؟ 7(bE;(4  
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېىنىڭ زامانداش شائىر- شائىرەلەرنىڭ ھەممىسسىگە دەيدىغان نۇرغۇن- نۇرغۇن  گېپىم بار. گېپىمنىڭ يىغىندىسى مەن ھەممىڭلارنىڭ دوستۇڭلار. مەن ھەممىڭلار بىلەن دوست بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دېيىش ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئاتىشىم كېرەك. بىراق بۇنىڭغا ھازىرچە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەيدۇ. بىرنەچچىڭلارنىڭ ئىسمىڭلارنى ئاتاپ يەنە بىر نەچچىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگۈم يوق. ھاياتلا بولساق گەپلىرىمىزنى بىر- بىرلەپ دېيىشىۋالىمىز، ئاشۇ گۈزەل دەملەرگە يېتىش ئۈچۈن سىلەرگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن! 0P6< 4
      
    b-,]21     رېسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتتە ئۇسلۇب ياراتتىم دەپ قارامسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇسلۇب خاسلىقتىن شەكىللەنسە، خاسلىق بىر خىللىقنى بىشارەتلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەن ئۇسلۇبقا قارشى. ۋەھالەنكى، كۆپ زامانلار ئىلگىرى مەن تولۇپ تاشقان قايناق ھاياجان بىلەن يۈرىكىمنى بېسىپ ياتقان ئەل- يۇرت تەشۋىشلىرىنى، ئىنسانلىق ئىزتىراپلىرىنى، ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىنتىلىشلىرىنى كۈيلىگەنىدىم. ئاۋازىم ئىنتايىن مىسكىن ۋە ئىغىر ئىدى، ۋارقىراپ يىغلايىتتىم،  ئايال!... دەيىتتىم قۇرۇپ كەتكەن باياۋاندەك... بۇ بوزلاشلىرىم  بىر- ئىككى يىللا داۋاملاشقان بولسىمۇ مەن ناھايىتى كۆپ يىغلىغاچقا باشقىلار تەرىپىدىن «يىغلاڭغۇ» دەپ ئاتالدىم. ئاڭلىشىمچە بەزى كىشىلەر يىغلىغان چاغدىكى ئاۋازىمغا قاراپ، سانسىز ئاھۇ- زارىلەر ئىچىدىن  مېنىڭ يىغامنى ئاسانلا تونۇۋالىدىكەن. سىز دېگەن «ئۇسلۇب» مۇشۇ بولسا مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئىيتىمەن: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسىرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ- دە، مەنمۇ ئۇسلۇبۇمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن... ئۇسلۇب- ئۆز ئىزىغا سەكرەش، ئۆزگىچىلىكنى تەكرارلاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئۆزگىچىلىكنىڭ جەلىپكارلىقى، يوچۇنلۇقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك...  سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز قانچە زورۇققانسىرى شۇنچە مەزىسى قالمايدۇ» ...

      رېسالەت مەردان: بۇرۇنقى شېئىرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا قانداق پەرقلەر بار دەپ قارايسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يۈرەكتىن ئىبارەت  كۆكسىۈمدىكى ئىلغۇغا ئېسىلغان تەڭرىنىڭ بۇ سەپەر سومكىسىنى تاشلىۋىتەلمىدىم. پانى دۇنيانىڭ ھەممە ئازاب- ئوقۇبەتلىرى قاچىلانغان بۇ سومكا ماڭا ھامان ئىغىرلىق قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ئاز-ئازدىن ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ سىلەرگە ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق يىنىكلىمەكچى بولىمەن. بىراق تەڭرى ئالغانلىرىمنىڭ ئورنىغا يەنە نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى سېلىپ تۇرىدۇ.  سومكا كۈنسىرى ئىغىرلىشىپ قەددىمنى پۈكىدۇ. دەسلەپ مەن بۇ سومكىدىكى ئەڭ جۇلالىق ۋە چىرايلىق بولغان خوتۇن- قىزلار ھەسرىتىنى ئېلىپ سېلەرگە بەرگەن ئىدىم، بىراق مەن خوتۇن- قىزلارغا ئىرىشكەندىن كىيىن بۇ ھەسرەتلەر توزۇپ كەتتى. ئاندىن مەن بۇ سومكىدىن يۇرت، قەۋم ئىزتىراپلىرىنى ئالدىم. بۇ ئىزتىراپلار بەكلا سۈلكەتلىك ھەم جەزبىدار بولغاچقا مېنى تولىمۇ ئالىيجاناب قىلىۋەتتى. كىشىلەر تەرەپ- تەرەپتىن ماڭا مەدھىيە، ئالقىشلارنى ياڭراتتى، بىراق سومكا تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ قەددىمنى رۇسلىيالماس  قىلىۋەتتى. بۇ سومكىدا خۇشاللىق دېگەن نەرسە يوق ئىكەن، ئەركىنلىك، ساراڭلىقنىڭ بارلىقىدىن ئىغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدىكەن. بۇ سومكىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەتلەر ساماندەك تولۇپ يېتىپتۇ. يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن، چىرىپ سېسىپ كەتكەن، چېقىلىپ ياكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. ئاھ، خۇدا!... بۇ سومكىدا ھەممە نەرسە بار ئىكەن، بىراق مەن يوق ئىكەنمەن، مەنلا يوق ئىكەنمەن... بارا- بارا بۇ سومكىغا قول ئۇزاتماس بولدۇم،-دە، كۆڭلۈمگە ئەگەشتىم. كۆڭۈل دېگەنگە ئىت- ئىشەكلەر ئەگىشىدۇ، دېدى كىمدۇ بىرى.   شۇ چاغدا سىلەر مېنى شائىرلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلىدىڭلار. مەن بىلەتتىم، بۇ ھايات ئاخىرلىشاتتى، شۇندىلا قەددىمنى پۈككەن ئىغىر سومكىدىن خالاس بولاتتىم. ھازىر مەن كوچا غەزەلخانلىرىغا مەپتۇن. ئۇلارنىڭ غەزەللىرى شۇ قەدەر ئەركىن- ئازادە بولۇپ، ھىچقانداق نەرسىنى ئۆزىگە يۈك قىلمايدۇ. يەتتە قات ئاسماننىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدىن، يەتتە قات يەرنىڭ يەتتىنچى تەكتىگىچە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ غەزەللەردىن ئۆزۈمنىڭ تامدىن تامغا ئارتىلىپ، ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ ياكى ئۇلغايتىپ، سۇلارنىڭ ئۈستىدە شامالدەك يورغىلاپ كېتىۋاتقان توسقۇنسىزلىقىمنى كۆردۈم. مەن ھازىر يىغلاۋاتقان ئادەمنى كۈلۈشكە قىستىمايمەن. ئۆلۈۋاتقان ئادەمگە ھايات ھەققىدە ۋەز ئىيتىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس يۈزلىنىشىگە كاشىلا قىلمايمەن. قارىسام ھەممە ئۆز يولىدا، ھەتتا يولسىزلىقمۇ يولنىڭ تېشىدا خاتىرجەم كېتىۋىتىپتۇ..


    a]‑|k w4  _Vxk4KjP5  7A[`%.!F6         مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز ھازىرقى زامان شېرىيتىمىزگە قانداق قارايسىز؟ g>*t"Rf:  
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىراق نۆۋەتتىكى  شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر- ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەي: شېئىرىيىتىمىز ھازىر جىمجىت ۋە تىنجىق. 90- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدىكى شاۋقۇن- سۈرەنلىك ھالەتتىن ئەسەر يوق. ئەخمەتجان ئوسماننى خىلى ئۇزاقلارغىچە ئەسلەيدىغاندەك تۇرىمىز. يېڭى بىر شائىرنى كۈتۈپ كۆزلىرىمىز تۆت بولدى، دىققەت قىلسام مەن قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان چاغ(1990- يىل)لارغا قارىغاندا ھازىر شائىرلار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپتۇ. شېئىرىيەت يىىغلىشلىرى كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك زوق- شوق بىلەن سۆزلەيدىغانلار ئاز قاپتۇ. بۇرۇن بىرەر شېئىر توپلىمى ئەمەس، گېزىت- ژۇرناللاردا بىرەر پارچە ئېسىل شېئىر ئېلان قىلىنسىمۇ ھەپتە- ئايلارغىچە زىل- زىلىسى بېسىلمايىتتى، تېلېفۇن، خەتلەر ئارقىلىق بىر- بىرىمىزگە ھاياجان بىلەن تەۋسىيە قىلاتتۇق، بىراق ھازىر ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن شېئىر يېزىش ئۈچۈن قەلەم، قەغەز بولمىسا بولمايىتتى، بىراق ھازىر قەلەم، قەغەز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، كومپىيۇتىر ئۇلارغا كەڭرى سەينا ۋە شارائىت ھازىرلاپتۇ. شېئىر يازماق بەك ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، ئاسانلاشقانسىرى شېئىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكىدىن يىراقلىشىپ مېڭىپتۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە شېئىر ھەتتا بىكارچىلىقتا يېزىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل خوشى ئېكەن. قارىسام ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە چۈشىنىكسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك... لىكىن بۇزۇلمايدىغان جىمجىتلىق يوق، جىمجىتلىقنىڭ تاسادىپىي بۇزۇلۇشى نەقەدەر ھەيۋەتلىك ۋە ئۇنتۇلماس، ھە؟!... ^zr]#`@G  
    &Kgl­\;}     2- 22       مەتتۇرسۇن ئېلى: تورئەدىبىياتى بىلەن يېزىق ئەدىبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتى قانداق دەپ  قارايسىز؟ *m[ow s  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بايقىشىمچە تور ئەدەبىياتى بىر قەدەر ئەركىن بولىدىكەن. مەتبۇئات ئەدەبىياتىدەك تەكرار ۋە مۈشكۈل تەھرىرلىك باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلمىگەچگە  قارىماققا سەل خامدەك، مۇكەممەل ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ  لىكىن شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى تولۇق ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىم تەرىپى بىر ياخشى ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەرھالدا زىلزىلىسى بولىدىكەن، مۇئەييەن باھالار بىرىلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات ئەدەبىياتى يەنىلا ئۈستۈنلۈك ۋە باشلامچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋىتىپتۇ، بىر ئەدىبنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى توردا قانچىلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغىنىدىن قەتئى نەزەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋىتىپتۇ. ھازىر تور ئەدەبىياتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قېتىلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۈرگە ئايلىنىۋاتىدۇ. تور ئەدەبىياتىدىكى ئۇكا ئەدىپ  ۋە ئەدىبە سىڭىللارنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر بېرىپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. گېپىمگە ئىشىنڭلار، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ بېرىدىغان ھوزۇرى ۋە  ئىلھامى تىخىمۇ قالتىس. :h  
    ]}&f        غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە-  بۈيۈكلۈكتىن كۆرە قالتىسلىق، راۋانلىقتىن كۆرە سىرلىقلىق، ساپلىقتىن كۆرە ئەبجەشلىك... ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تور ۋە تېلېۋىزۇر تارقىتىۋاتقان  يالىڭاچلىق ۋە رەڭۋازلىقتا گالۋاڭلاشقان يۈرەكلەر... بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەمدى كىملەر شېئىر يادلار؟ قايسى شېئىرنى يادلاپ ئېسىدە ساقلار؟ داستانچىلار بىر- بىرلەپ كەتتى، شاھمۇھەممەتتىن كىيىن خوتەندە داستانچى قالمىدى. ئەمدى بىزدىن يەنە داستانچى چىقارمۇ؟!... يېزىق ئەدەبىياتمىىز ئەمدى ئېغىز ئەدەبىياتىغا يىقىنلىشالمايدىغاندەك تۇرىدۇ.  چۈنكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلىرىمىزدىن باشقا ھايات ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئىغىز ئەدەبىياتى بولمىسا يازما ئەدەبىياتنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قالىدۇ، بۇ  ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.0-W{(‑xy@4  
    O0gLu1*1v         مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققانمۇ؟ يېزىپ باققان بولسىڭىز ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە باشقا ژانىلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ بېقىش ئويىڭىز بارمۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققان. ئۇلار ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەسىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىر قەدەر تەسىر قوزغىدى دەپ قارىغان ئەسىرىم «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ناملىق چاتما نەسىر. مەن ئىجادىيەتنى مەلۇم پىلان ئىچىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاچقا -B-nTS`  كىيىن قانداق ژانىردا قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىم توغرىسىدا ھازىر سىزگە ھىچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن. بىراق شۇنىسى ماڭا ئايانكى، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك... جەھەتلەردىكى شەرت- شارائىتىم دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىمىسىلا مەن ئاخىرغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. كىيىنكى ئىجادىيىتىمدە شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىن، بىراق مەن ئىجادىيەتتە ژانىر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىمىغاچقا قەلبىمدىكى ھېس- تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئىھتىياجغا قاراپ بەلكىم يەنە نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ماقالە، ھەتتا پوۋېسىت، رومانلارنىمۇ يېزىپ قىلىشىم مۈمكىن. بۇنىڭغا دەسلەپ «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى»نىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ شۆھرەت قازىنىپ، كىيىن ماقالە، رومانلىرى بىلەن داڭلىق بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىلەرنى مىسال كەلتۈرىمەن.

       مەتتۇرسۇن ئېلى: مەن شېئىر يېزىش ئۈچۈن تۇغما ئىقتىدار كېرەك دەپ ئاڭلىغان. سىز تۇغما ئىقتىدار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىزدە تۇغما ئىقتىدار بارمۇ؟  

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا شېئىر يېزىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق كەسىپتە تۇغما ئىقتىدار بولىدۇ دېيىلگەن. مېنىڭچە بۇ ياراتقۇچىنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى. ھەر ئادەم قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، قىلالمايدىغان ئىشقا ئاللاھ قىلالايدىغان ئادەمنى ئەۋەتىدۇ. شائىرلىق- ئاشىقلىق بولسا، شېئىر- كۆيۈك ئوتىدۇر. پەرۋەردىگارىم بۇ ئوتنى ماڭا سالغان بولسا، يۈزمىڭ قەسەمكى، تا ئەبەدكىچە كۆيۈشكە قەسەم ئېچتىم.

                   ‑‑ui:بببب
    ^vjN$JB
              ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: شېئىر شائىرنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ #w4= kWJ[  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن يېتىپ بارغاندا يىراقتا كۆرۈنگەن بوستان چۆل ئىكەن، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى تەشنا قىلغان دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى سېغىندۇرغان پەرىزاد ئېگىز ئۆسكەن بىر تۈپ قەبرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن بىرى ماڭدىميۇ، يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلمىدىم. توختىماي ئەجىر قىلدىميۇ، نەتىجىسىنى كۈتمىدىم.  چۈنكى مەن ئاخىرقى نەتىجىىنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بەربادلىق ۋە ئىغىر ئازاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. 0omg%1vtD/w4u;E@          ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: }TZ5/zn.Dw  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ۋە بىر نەچچە قۇرداشلار ئۆزئارا بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزۈڭلارغا قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىۋاپسىلەر.بۇ بىر تەرەپلىمە ياخشى ئىش بولسىمۇ،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بولۇپمۇ شېئىرنىڭ تەبئىيلىكى ۋە ئۇنىڭ زورۇقۇش بىلەن مەڭگۈ چىقىشالماسلىقىدەك تەبىئىتى ئالدىدا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىرنى ۋاقىتسىز روياپقا چىقىرىش>>مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەنلىك<<بولۇپ قالماسمۇ؟...سىزچە شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟ \guZc}V]:\  
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: دوستۇم قاينامى، تەنتەكلىك قىلماڭ، ئاڭلاشلارغا قاراپ سورىغان بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتمايمەن، بىراق بۇ گەپنى خاتا تونۇۋالغىنىڭىزغا كىچىككىنە ئىزاھات بېرىمەن. بىز بىر نەچچە قۇرداش بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىۋالغىنىمىز يوق، بەلكى بىز ھەر ئايدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، شۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ ھايات ياشىغانلىقىمىزنى، زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغانلىغىمىزنى تەنتەنە قىلدۇق. بۇ تەنتەنە بىر ۋاخ تاماقنى بىرگە يېيىش، بىليارت، شاخمات ئويناش ، يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن چاخچاقلىشىش قاتارلىقلار بىلەن تىخىمۇ ئۇزلاشتى. ئەلۋەتتە شېئىر يازغانلار ئۇقۇپ بېرىپ كۆڭلىمىزنى  يايراتتى. بىر ئاي خىلى ئۇزاق ۋاقىت ئىكەن، پات- پات تېلېفۇنلىشىپ تۇرساقمۇ، راستىنلا ھايات ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن دىدار مۇلاقەتتە بولۇشنى خالىدۇق. قىسقىسى بىز ئايدا كېلىدىغان بۇ بىر كۈندە تازا ئېچىلىپ- يېيىلدۇق. ئېچلىپ- يېيېلىشنىڭ بىزدەك دائىم روھىي پاراكەندىچىلىكتە يۈرىدىغان قەلەمكەشلەرگە نىسپەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. مەن بىر ئايدا 10 پارچە ئەمەس، 20 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شېئىر يېزىۋىتىمەن. شۇنداق يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شارائىتىم بۇنىڭغا يار بېرىدۇ. «شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟» دېگەن  سۇئالىڭىزغا قاراپ ئېسەنكىرىدىم. كىنايە قىلمىغان بولسىڭىزلا مەيلىغۇ، بۇ سۇئالىڭىزغا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «شائىرنىڭ ۋەزىپىسى- كۆيۈش، يېنىش...» دېگەن سۆزىنى جاۋاب قىلاي.   «ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟» دېگەن سۇئالىڭىز سەل- پەل ساددا ۋە خام ئىكەن. شائىر يىلدا 365 پارچە شېئىر يازسا نىمە بوپتۇ؟ مەيلى ئەمەسمۇ كۆپ يازسا؟!

     

    ياسىن ئابدۇقادىر (كۆكيال):  شائىرلىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سىز ئادىمىيلىك دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ ئەدەپ- ئەخلاق ۋە ئەدەپ- ئەركاننىمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ ئادىمىيلىكنىڭ شەرتىمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستۇرسىز. بىراق مەن مۇنداق دەيمەن. ئادىمىيلىك- ئادەم بولماقتۇر. ئادەم بولماق- شائىر بولماقنىڭ نەق يولى... ئادەم قانداق بولغان؟ ئەلمىساقتا خۇدا «ئادەم»نى ياراتقانىكەن. ئۇ ئادەم يالغۇز ئىكەن، بىراق ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى بىلمەيدىكەن. يالىڭاچ ئىكەن، بىراق يالىڭاچلىقىنى كۆرمەيدىكەن. ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئالەمنى بىلمەيدىكەن، بىراق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئۆلۈشنى بىلمەيدىكەن،  شۇ سەۋەبتىن قەلبى چەكسىز ۋە بىپايان ئىكەن. ئەگەر بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئايال يارىتىلىش سەۋەبىدىن  ئۇ يالغۇزلىقىدىن مەھرۇم بولمىغان بولسا،  ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلمىغان بولسا، بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىرسىز بولۇپ ھەممە يەردە نالە- زار قىلمىغان بولسا بىز بۇ ھەسرەتلىك شېئىرلارنى يېزىپ ئولتۇارمىدۇق؟ مەن بۇ ھېكايىنى تولا ئىيتىپ زىرىكتىم. باشقا ھېكايە ئىيتىپ بېرەي، ئاشۇ تۇنجى ھەم بىپايان ئادەم بۇ ئالەمدىكى برىنچى شائىر ئىدى. شائىر بولماقچى بولغان بەزىلەرنىڭ " ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندىم" دېگىنىنى ئاڭلىدىم. سىز ئۆزىڭىزنى ئىزدەش سەپىرىڭىزدە تۇيۇقسىز نەچچە ئون يىللاردىن بىرى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ۋە جىسمىڭىزدا ياشاۋاتقان كۆكيال ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز بولماستىن بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان مەلۇم بىر ئىددىينىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەلۇم بىر خىل ئادەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، سىز بۇ ئازابلىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالامسىز؟... ئادەم ئادەم بولغانىكەن ئۇنىڭدا ئادەمچە قىلىقلار بولمىسۇنمۇ؟ ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قىتىم مەست بولمىسا، ئۆزىنىڭ «ئادەم»لىكىنى بىر يانغا تاشلاپ قويالمىسا بۇ ئۇزاق دۇنيانى قانداق ياشاپ بولغىلى بولىدۇ؟ سىز ئەسلى ئادەملىكىڭىزگە يىتەلمەي مەڭگۈ پەرياد چېكىسىز، ئادەملىك ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشىڭىز سىزنى ئادەملەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بارغانسىرى يىراقلايسىز، يىراقلايسىز... بىر زامانلاردا ئەتراپىڭىزدىكى سانسىزلىغان ئادەملەر سىز ئۈچۈن گويا بىر توپ نامەلۇم دەرەخلەردۇر... سىز شائىرنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ جايدا ئەڭ قاتتىق يالغۇزسىرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟

     

    تۇراپجان مۇھەممەت (ئازغۇن): سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتتىڭىز. بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل زادى نىمە؟ بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت:  مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە راستىنلا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان بولسام، بۇ قاراشقا يەنە كۆپلىگەن باشقا كىشىلەرمۇ قوشۇلسا، راستىنلا شۇنداق بولسا... قەدىرلىك دوستۇم، مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. مەن ھاياجىنىم بېسىلماستا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايمەنكى، بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل- مەن ۋە مېنىڭ شېئىرلىرىمدۇر. ھېس قىلدىڭىزمىكىن؟ مەن باشقا سۇئاللارغا قارىغاندا مەن ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا باشقىچە قىزغىن مۇئامىلىدە بولىمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمگە قىزىقىمەن. ئۆزۈمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. مېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان شېئېىرلىرىممۇ دەل ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتنىڭ ھاسىلاتى، خالاس. ئەمەلىيەتتە ئادەملەر ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى سۆيمەيدۇ. مەن پەقەت ئاياللاردىكى ماڭا تەۋە ھېسسىياتنىلا سۆيىمەن. بەلكىم مەن سۆيگۈنۈمنى ئۆزۈمدىكى توسقۇنسىز مۇھەبەت ھېسسىياتىغا ماكان قىلىپ تاللىغاندىمەن؟ بەلكىم مەن ئۇنى ئۆزۈمگە يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يول دەپ قارىغاندىمەن؟ بەلكىم مەن ئۇ ئايال ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى ئەسەبىيلىككە، ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە سىلەر چۈشەنگۈدەك بىر سەۋەب ئىزدىگەندىمەن؟ دۇنيادا ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتتىن باشقا ھىچقانداق مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋە مۇستەھكەم ئەمەس.  ھەرقانداق مۇھەببەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر جۇدالىقنىڭ ئارقىسىدا بىر يېڭى مۇھەببەت ساقلاپ تۇرىدۇ. كۆڭۈل بىر مېھمانخانىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ھىچكىم مەڭگۈ تۇرالمايدۇ... مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىلغان. ئۇ شېئىرلاردا مەن بار.

     

         ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان): ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاش ياكى خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈش ئارقىلىق شېئىردىكى پايانسىز دۇنيادىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟

        غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىۋاتقان شائىرنىڭ شېئىردىن باشقا رېئاللىقى يوق. شائىر شېئىردىكى رېئاللىقتىن ئۆزگە يەنە بىر رېئاللىقنى ھەرگىزمۇ چىڭ قۇچاقلىمايدۇ. ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاشنى ئۇنىڭغا ئۆلۈم ئۈگەتتى. شېئىر- ئۆلۈمنىڭ ھاياتىدۇر.  ئەجىبا، ئۆلۈم ئاتا قىلغان بۇ سۆيگۈ بىزنى شېئىردىكى پايانسىز دۇنياغا چاقىراۋاتقانقاندا نىمىشقا بىز تەكرار- تەكرار خۇشال ئۆلمەيمىز؟ ئەگەر سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز شېئىرنىڭ سىرتىدىكى كىشىنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ ياشايدىغان ھاياتى ۋە ئۆلۈمى بولسا، ياكى بۇ كىشى ماددىي ھايات ۋە ماددى ئۆلۈم ئارقلىق شېئىردىن قۇتۇلماقچى بولغان بولسا بۇ كىشىگە بىز يەر شارىدىن ئىبارەت كىچىككىنە دۇنيانىلا بەردۇق.

    ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان):  بىر پارچە شېئىردا شائىر چوقۇم تەنھالىققا يۈزلىنىشى كېرەكمۇ؟

    جاۋاب: ھەر بىر شېئىر تەنھالىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. خۇدا تەنھادۇر، بىز ئۇنىڭ زېمىندىكى شېئىرلىرىمىز. ئۇ بىزنى قىيامەتكىچە يازىدۇ، ھەر كۈنى يازىدۇ، توختىماي يازىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى، توختىماي تەنھادۇر. ئۇ بىر شېئىرنى ئەسلا تەكرارلىمايدۇ. ئۇ بىزنى يېزىپ تاماملاپ بولغاندا دەپتىرىنى ياپىدۇ ھەم بۇ دەپتەرنى قايتا ئاچمايدۇ. ئۇ باشقا دەپتەرنى قولىغا ئالغاندا يەنە بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى باشلانغۇسى...

     

    يۆگىمەچگۈل: سىز شېئىر يېزىۋاتقاندا قانداق كەيپىياتتا بولىسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزغا 2003- يىلى يازغان مۇنۇ شېئىرىم جاۋاب بولسۇن:

    شېئىر يېزىۋاتىمەن...

    ھەۋەس قوللىرىنى سوزدى ماڭا ئايدىڭ كېچىدە

    كارۋىتىم غىچىرلاپ- غىچىرلاپ غايىب بولدى ئاينىڭ ئىچىدە

    پۇتلىرىمدىن سۆرەپ كېلىمەم قۇم ئاستىدىن

    ئىغىر نەپەسلىرىمدە تۇنجۇقىمەن...

    قىزىل ئات ئۆتۈپ كەتتى قان چاچرىتىپ تۇيغۇمغا

    ئاق ئات ۋە قارا ئات چېپىپ كەلگىنىچە مەشرىق- مەغرىبتىن

    كىرىپ كەتتى ئىچىمگە.

    ئون سەككىز تال قوۋۇرغامنىڭ بىرسىمۇ پىچاق ئەمەس

    ئون سەككىز مىڭ ئالەم بىر- بىرىگە يىراق ئەمەس

    پەرۋانىنى ئۆلتۈرگىنى چىراق ئەمەس

    تۇزچى بوۋاينىڭ توقۇغىنى قوشاق ئەمەس

    مەن دائىم قاپىيە قوغلىشىمەن

    مەن ھازىر شېئىر يېزىۋاتىمەن

    شېئىر يېزىۋاتىمەن

    چۈنكى ھازىر ئاستىمدا يەر، ئۈستۈمدە ئاسمان يوق

    دىلىمدا ياراتقۇچىغا زەررە گۇمان يوق

    تاپىنىم ئاستىدا گۈرۈلدەپ كۆيەر گۈرۈلدەپ دوزاخ ئوتى

    ئالقىنىمدىن ئۇچماقتا قۇشلار

    كىرپىكىمدىن كارۋان تارتىپ ئۆتمەكتە چۆللەر

    تېنىمدە دەرەخلەر قىپيالىڭاچ شاخلىرىنى دىڭگايىتقان

    چىھرىمدە ئاي ئۆلگەن، يۇلتۇزلار يىغلاۋاتقان

    خىيالىمدا ساغرىنىڭ ئىزى، لەيلەپ يۈرەر قەغەز ھاياجان

    چاترىقىغا بومبا كۆمگەن قورقۇنىچلۇق ئاياللار

    باستۇرۇپ كىرگەن كۆڭلۈم قان- قان...

    غىچ قىلدى كارىۋات

    قىلدى يەنە غىچ- غىچ

    بارلىق تۈرمە ئىشىكلىرى يېپىلدى.

    ياستۇقتىكى ئايالىمنىڭ بېشى

    قەبرە تېشىمدەك بىلىندى.

    ماڭدىم تىۋىشسىز قورسىقىمدا

    ئىسمىنى چاقىردىم پۇتلىرىمدا

    تۇيۇقسىز ئويلىدىم، مەن كىم؟

    مەن ۋەتىنى يوق پادىشاھ ياكى پادىشاھىنى ئىزدەۋاتقان بۈيۈك قۇل

    ئون ئىككى مۇقام ياكى تىلى كېسىلگەن گاچا بۇلبۇل

    تەكلىماكان ياكى تارىمنىڭ قۇرۇش جەريانى

    ئۇيغۇر ياكى قارىغۇ قۇياشنىڭ نۇر ھەققىدىكى بايانى

    مەن ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردىكى

    ئورنىدىن تۇرۇۋالغان جەسەد

    تىرىكلەرنىڭ كۆزىدىكى ئۆلۈك ھەسرەت

    ئىگىز پىچاق

    ئورۇق ئوق

    بۇرۇتلۇق قان!...

    ... شېئىر يېزىۋاتىمەن...

    ئايالىم ئويغاندى، چاقىردى مېنى:

    ئوت كەتتى سۇغا!...

     

       يۆگىمەچگۈل: سىز ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلامسىز؟ چۈنكى مەن ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ئوتتۇرىسىدا ئېچىۋىتىلگەن ئىشىك باردەك ھېس قىلىمەن.

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىقىم سايلاردا قوي بېقىش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى قىتىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي،  بۇرۇن توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ، كىيىن يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. تەرجىمھالىمنى سۆزلەشتىن مەقسەت شۇكى- مەن بىر قارا قورساق سەركە. مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھىچقانداق تىل ياكى يىزىقتىن ساۋادىم يوق. تېلېۋىزۇر ۋە كىتابلارنى ھەمدە ئەتراپىمدىكى بىرنەچچە قىرىنداش مىللەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھىچقانداق ئۆزگە مەدەنىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىدىم. سەۋەب شۇنداق بولغاچقا ئاخىر مەن سىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندەك ئادەممەن. ئەگەر شېئىرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولسا بۇ مېنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن بولۇشى مۈمكىن. بىراق مەن شېئىر يازغاندا ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ئوتتۇرىسىكى ئېچىۋىلگەن ئىشىكتىن مېنىڭ كىرىپ- چىقىپ يۈرگىنىمنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئىنقىكى- سىز بۇنى تۇنجى بايقىغۇچى ياكى بۇ ھەقتە تۇنجى قىتىم ئېغىز ئاچقۇچى. بەلكىم بۇ ئىشىك ئەزەلدىن ئوچۇق بولغىيتى. ئەسەرلىرىمگە كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيى ۋە ئۆرپ- ئادىتى ياقىلىرىنى تۇتۇپ "توۋا!..." دېيىشمىگەندۇ،- ھە؟!  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنىڭ قوينىغا كىرگەن شېئىرلىرىم "ئانا!..." دەپ ئەركىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ كەتكەندۇ ھەقاچان؟!... سىز بۇلارنى كۆرۈپ قاپسىز، مەن بەكمۇ ئۇيۇلۇپ كەتتىم!...

     

      ئۆمەرجان سالام (ياشلىق):  سېلىنىڭ شېئىرلىرىدا نىمە ئۈچۈن «ئايال» سۆزى ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەزەلدىن ئوتنىڭ قارشىسىدا سۇ بولغان، ئاقنىڭ قارشىسىدا قارا بولغان، ھاياتنىڭ قارشىسى





    评论

  • ناھايىتى ئىسل ، ،