•  

    ئادەتتە نۇرغۇن دوستلار ئۆزىنىڭ يۈتكەن QQ نۇمۇرىنى ئەرىز قىلىدۇ ، ئەمىليەتتە بۇنىڭ سەۋەبى QQ نۇمۇرغا 木 马 يۇققانلىقتىن ئەمەس ، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھازىرگە قەدەر توردا نۇرغۇنلىغان QQ نۇمۇرنى ئوغۇرلاش يۇمتاللىرى مەيدانغا كەلمەكتە ، ھازىر ئەڭ مودا بولۇپ ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقان( QQ 密 码 猜 解 器) يۇمتالى ، بۇ يۇمتال ئارقىلىق ھەر قانداق بىر QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋالالىشى مۇمكىن ، بۇ يۇمتال سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئاپتۇماتىك ھالدا تىېپىپ چىقالايدۇ ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا يۇقارقى يۇمتال ئارقىلىق سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ تىپىپ چىقىش شۇنچىكى قىيىن توختايدۇ ، ئەگەر سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچىكى تۆۋەن بولسىمۇ يۇقارقى يۇمتال ئارقىلىق سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنىڭ تىپىپ چىقىش بىر قەدەر ئاسان توختايدۇ .
    شۇڭا بارلىق دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتىۋار QQ نۇمۇرىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، تۆۋەنكى ئادىرىسقا كىرىپ ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان مەخپى نۇمۇرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەشكۈرۈپ كۆرۈڭ :
    http://safe.qq.com/strategy/pswsafe.shtml

    ئۇنداقتا مەلۇم بىر QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ ؟
    ئادەتتە كەسپى ئوغرىلار ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەن 3 قىتىملىق QQ نۇمۇرنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلىۋالغاندىن كىيىن تىڭشۇنگە ئەرىز سۇنىدۇ ، كەسپى ئوغرىلارنىڭ تىڭشۇنگە ئەرىز سۇنۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش دەرىجىسى ئادەتتە ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەجىربىسىگە تايىنىپ سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش ماتىريالىڭىزنى بىلىۋىلىپ ئۆزگەرتىۋالىدۇ خالاس.

    QQ نۇمۇر ئوغۇرلىنىشىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :
    1. ئىمكانقەدەر تىڭشۇن شىركىتى يىڭىدىن چىقارغان مۇكەممەل QQ نەشىرىنى ئىشلىتىڭ ، ئادىرىسى :
    http://im.qq.com
    2.ئۆزىنىڭ QQ نۇمۇرىغا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مەخپى نۇمۇرنى قوغداش مۇلازىمىتىنى ئورنىتىڭ ھەمدە ئورناتقان ماتىريالنى ئىسىڭىزدە ئوبدان ساقلاڭ .
    3. QQ مەخپى نۇمۇرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چوقۇم يۇقىرى قىلىڭ ، ئىمكانقەدەر ئىنگىلىز يىزىقى بىلەن ھەرىپلەر ئارىلاشقان بولسۇن ، 16-8 ھەرىپكىچە بولسا مۇۋاپىق .
    4.ئۆزىنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرنى قوغداش مۇلازىمىتىگە ئورناتقان email پوچتا ئادىرسىنى چوقۇم ئىسىڭىزدە ساقلاڭ ، POP3 تۈرىدىكى email پوچتا ئادىرسىنى ئورناتماڭ ، چۈنكى POP3 تۈرىدىكى email پوچتا ئادىرسى مەخسۇس QQ نۇمۇر ئوغۇرلايدىغان ۋىروس.
    5.تورخانا ھەمدە ئامىۋى سورۇنلاردا QQ ئىچىش توغرا كەلسە (网 吧 模 式) ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىچىڭ !
    6.كومپىيۇتۇرىڭىزدا ئەڭ ياخشىسى 防 杀 毒 يۇمتالى بولسۇن ، ئىمكانقەدەر 金 山 毒 霸2007 正 式 版 يۇمتالىنى ئىشلىتىڭ !
    7. تور ئادىرىسى بىخەتەر بولمىغان تور بەتلەردىن ھەگىز يۇمتال چۈشۈرمەڭ !
    8.QQ پوچتا ساندۇقىڭىزغا كەلگەن exe شەكلىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرمەڭ ، دەل ۋاقتىدا يۇيۋىتىڭ !

    مەخپى نۇمۇرنى بىخەتەر كىرگۈزۈشتىن ئاددى ئۇسۇل :
    ئەگەر سىزنىڭ QQ مەخپى نۇمۇرىڭىز (520me110) بولسا ، سىز بۇ مەخپى نۇمۇرنى تەرتىپ بويىچە باسماڭ بۇنداق باسسىڭىز ئەگەر كومپىيۇتۇردا 木 马 بولۇپ قالسا سىزنىڭ باسقان مەخپى نۇمۇرىڭىز 木 马 ئىگىسىنىڭ email پوچتا ئادىرسىغا يوللۇنۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا بىسىڭ : ئالدى بىلەن 520110 نۇمۇرىنى بىسىپ ئاندىن يەنە مائۇس بەلگىسىنى 520 بىلەن 110 ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ me نى تولدۇرسىڭىز يەنىلا ئوخشاش 520me110 شەكلىدە بولىدۇ ، لىكىن 木 马 بولغان شارائىتتا 木 马 ئىگىسىگە 520110me شەكلىدە بولۇپ كۆرىنىدۇ ، بۇنداق ئۇسۇلدا سىز بىخەتەر QQ ئاچالايسىز .