-
2010-09-17
بىشارەت .bixarat - [ئىسلامى ماقالىلەر--]
17 - قاتىللىقنىڭ كۆپىيىشى.
18 - يەرنىڭ كۆپ تەۋرىشى.
19 - زىمىننىڭ يېرىلىشى، ئىنسانلاردا قورقۇنۇچلۇق شەكىل بىلەن يارىتىلغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى. تۆھمەتخورلۇقنىڭ بارلىققا كىلىشى.
20 - ئاياللار دىن يىرىم يالىڭاچ يۇرىيدىغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى.
21 - مۇئمىننىڭ چۈشىنىڭ راس بولۇشى.
22 - يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى،راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشى.
23 - ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى.
24 - ئەرەب زېمىنىنىڭ قايتىدىن باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلىنىشى.
25 - فۇرات دەرياسىدىكى بىر ئالتۇن تاغنىڭ تېپىلىشى.
26 - ياۋايى ھايۋانلار ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ گەپ قىلىشى.
27 - رۇملۇقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىشى.
28 - كونىستانتىنوپولنىڭ ( قۇستانتىنىيە) پەتھى قىلىنىشى.
-
د.ھېنرى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئىشخانام تېمىدا ئىككى رەسىم ئېسىلغان، بىرىنچى رەسىم پەرىجە كىيگەن (پەردە، ئابايى، ياغلىق) مۇسۇلمان ئايالنىڭ رەسىمى. ئىككىنچى رەسىم ئىچ كىيىمدىن باشقا ھېچنەرسە كىيمىگەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياگۈزەللىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر ئايالنىڭ رەسىمى. بىرىنچى ئايال تامامەن باشقىلاردىن ئۆزىنى يۆگىگەن، يەنە بىرسى بولسا تامامەن ئوچۇق".
ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنداق باشلانغان بولۇپ، ئەخلاق ۋە ئىدېئولوگىيە دە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆرنەكنى كىرىش سۆز قىلغان -
خەلىقىمىزدىمۇ ‹پىچاقنى ئاۋال ئۆزەڭگە سال ،ئاغرىمىسا باشقىغا›دىگەن ماقال بار. مەسلەن :بىر مۇسۇلمان پەقەت ئۆزكۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ،ھال ئەھۋالىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى ،تۇرمۇش كىرىمىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ،كاتتا پەرزەنتلىك بۇلىشىنى ،مال دۇنياسىنىڭ ئامان-ئىسەن بۇلىشىنى ،ئابرۇيىنىڭ تۈكۈلمەسلىكىنى ،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بۇلىشىنى تەن سالامەتلىكنىڭ ساغلام بۇلىشىنى ...قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرگىنىدەك ،ئۆزى تەلپۈنىدىغان ھەرخىل ياخشىلىقلارنى ئۆزىنىڭ دىنني قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگىچە ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ .كىمكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بۇلىشىنى ئويلاپ باشقا مۇسۇلماننىڭ قانداق بۇلىشى بىلەن كارى بولمىسا ،ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدەك ياخشى بۇلىشىنى خالىمىسا ،ياختۇرمىسا ئۇ مۇسۇلمانىنىڭ ئىمان دەرىخىنىڭ مىۋە بەرمىگەنلىكىنىڭ ،ئۇنىڭغا ئىماننىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنىڭ ، ئىمانىنىڭ ناقىسلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.بۇنداق يامان نىيەتنىڭ ئۇ مۇسۇلماندا بۇلىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆچ كۈرىشىگە دۇچار قىلىدۇ
-
2010-09-02
رامزان ئېيى - [ئىسلامى ماقالىلەر--]
تېخى تۈنۈگۈن ئسمنى قويۇپ قويغان بالىلار يوغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇۋاتقان، تۈنۈگۈن ئارىمىزدا ياشاۋاتقانلار ئارقىسىدا كۆزى ياشلىق تۇل خوتون ۋە يېتىم بالىلارنى قويۇپ قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، تاپقان مال-دۇنيالار ھېچنېمىگە ئەسقاتمايۋاتقان، كىچىكلەر چوڭىيىپ چوڭلار كىچىكلىشىۋاتقان، ئەزىزلەر خار، خارلار ئەزىز بولۇۋاتقان، بىر زاماننىڭ بايلىرى يەنە بىر زاماننىڭ نامرىتى بولۇپ قېلىۋاتقان، شاھلار گاداي، گادايلار شاھ بولۇۋاتقان.قېرىنداشلار! دۇنيا ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ بولغۇچە بىر ئۆيگە كىرىپ قالىدۇ، ئارقىسىدىن تۇرمۇشھەلەكچىلىكى باشلىنىدۇ، ئاندىن قېرىيدۇ، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ماقام ۋە ئورنى قانداق بولسا بولسۇن ئۇنىڭ ئىككى نەرسىسى ئۆزگەرمەيدۇ: بىرى ئۆمرى، يەنە بىرى رىزقى.
-
2010-07-26
ئۇنى- ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ - [ئىسلامى ماقالىلەر--]
ئۇنى ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ
ھەر كۈنى ئەتىگەندە بوۋاي ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەلدە قۇرئان ئوقۇيتتى. نەۋرىسىنىڭ بوۋىسىدەك بولغۇسى بار ئىدى، ھەم ئۇنى دوراشقا تېرىشاتتى.قۇرئاننى ئوقۇپ باقاتتى لىكىن مەنىسىنى چۈشىنەلمەيتى .... -
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دىني قېرىنداشلىرىم:بۈيۈك ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ قىيامەتكەيېقىنلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ قۇرئاندىكى كىشىى ئەقىلىنى لال قىلىدىغان سىرلار ئېچىلىپ بارماقتا . يۇقارقى رەسىمدىكى بۇ مۆجىزە بولسا گىرمانيەلىك ماتىماتىكا ئا...
-
2010-05-23
ئىسلام دىنى - [ئىسلامى ماقالىلەر--]
ئىسلام دىنى قانداق دىن
-
2010-05-12
بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ - [ئىسلامى ماقالىلەر--]
ئاھ بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟
قولىڭىزدىكى بۇكىچىك كىتاپچىغا «ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دىگەن بۇ تىيمىنى قويۇشتىن ئىلگىرى , « ئاھ مەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دىگەن سۇئال نادامەتلىك پىغانىمنىڭ ش...