• 7/26/2010

    ئۇنى- ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70520617.html



    ئۇنى ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ


     ھەر كۈنى ئەتىگەندە بوۋاي ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەلدە قۇرئان ئوقۇيتتى. نەۋرىسىنىڭ بوۋىسىدەك بولغۇسى بار ئىدى، ھەم ئۇنى دوراشقا تېرىشاتتى.قۇرئاننى ئوقۇپ باقاتتى لىكىن مەنىسىنى چۈشىنەلمەيتى .
     بىر كۈنى نەۋرىسى سورىدى : بوۋا، مەن قۇرئاننى سەندەك ئوقۇشقا تىرىشتىم بىراق مەن ئۇنى چۈشىنەلمىدىم ھەم چۈشەنگىنىمنى كىتابنى يىپىۋەتسەملا ئۇنتۇپ قىلىۋاتىمەن، قۇرئاننى چۈشەنمەي ئوقۇغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟

    بوۋاي مەشكە كۆمۈر سېلىۋېتىپ نەۋرىسىگە جاۋاب بەردى، " بۇ كۆمۈر سېۋىتىگە دەريادىن بىر سېۋەت سۇ ئەكەل." بالا دېگەندەك قىلدى، بىراق سۇ ئۆيگە كەلگۈچە ئېقىپ تۈگىدى. بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ " سەن بۇ قېتىم سەل ئىتتىكرەك ماڭغىن." دەپ ئۇنى دەرياغا قايتا ئەۋەتتى. بۇ قېتىم بالا تېزرەك ماڭدى بىراق ئۆيگە كەلگۈچە سۇ يەنە ئېقىپ تۈگىدى، بالا ھاسىراپ تۇرۇپ بوۋىسىغا سېۋەتتە سۇ ئەكىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سېۋەتنىڭ ئورنىغا چېلەكنى ئىلىشقا ماڭدى.

    بوۋاي " ماڭا بىر چېلەك سۇ لازىم ئەمەس، ماڭا پەقەت بىر سېۋەت سۇ لازىم، سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشمايۋاتىسەن" دېدى. بوۋاي سىرىتقا چىقىپ بالىنىڭ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى كۆرۈپ تۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا بالا ئۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ، ھەر قانچە تېز يۈگۈرسىمۇ سۇنىڭ ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە ئېقىپ تۈگەيدىغانلىقى بوۋىسىغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. بالا سېۋەتنى دەرياغا چىلاپلا پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈردى، بىراق ئۇ بوۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە سۇ يەنىلا ئېقىپ تۈگىگەنىدى، ئۇ بوۋىسىغا " قارا بوۋا، بۇنىڭ پايدىسى يوق." دﯦﺪﻯ. " سېنىڭچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىدىمۇ؟ سېۋەتكە قارا ." دېدى بوۋاي. بالا سېۋەتكە قارىدى ۋە سېۋەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مەينەت كۆمۈر سېۋىتىدىن ئىچى -تېشى يېڭى بىر سېۋەتكە ئايلانغاندى.
    " بالام قۇرئان ئوقۇشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سەن ئوقۇغىنىڭنىڭ ھەممىنى چۈشەنمەسلىكىڭ ھەم يادىڭغا ئالالماسلىقىڭ مۇمكىن، بىراق سەن ئۇنى ئوقۇساڭ ئىچىڭ-تېشىڭ ئۆزگىرەيدۇ."

     ئىسلام دىنى ئادەملەرنى ياخشىلىققا ،توغرا يولغا باشلايدىغان دىن  . سىۋەتنى سۇغا قايتا -قايتا سالسا پاكىزلانغىنىدەك ئىسلام دىنى ئادەمنىڭ قەلبىگە ئورناشقانسىرى  ئادەمنىڭ قەلبىمۇ ئاستا -ئاستا پاكلىنىشقا باشلايدۇ .ئىسلام دىنى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن .