• 9/11/2010

    مۇسۇلمان ئايال ،ئامرىكىلىق ئايالAmerican women and Muslim women - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74739529.html

    مۇسۇلمان ئايال ،ئامرىكىلىق ئايال

    "ئامېرىكىنىڭ ئاياللار بازىرىدا كۇسار نىڭ ئورنىغا پەرىجە" ناملىق ماقالە د.ھېنرى ماكوۋ نىڭ ماقالىسىنىڭ بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇسۇلمان قىزلارنىڭ  شەرىم  ھايالىقىلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئائىلىسىدە ئەۋلاد تەربىيىلەشكە بېغىشلىغان مۇسۇلمان ئايالغا بولغان ھۆرمىتىنىمۇ يوشۇرالمىغان.  د. ھېنرى ئامېرىكا قىزلىرىنىڭ  پۈتۈن ھاياتى ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىش ، شەھۋانىيلىق،ئەخلاق چۈشكۈنلىكىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، بۇنداق تۇرمۇشتىن  سەسكىنىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىماي تۇرالمىغان. 
     
     
    د.ھېنرى (D.henri)   ئۇنۋېرسىتېت  لىكتۇرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا(scruples) ناملىق مەشھۇر ئويۇنچۇقنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى، ئاياللار ساھەسى ۋە ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرى مۇتەخەسسىسىدۇر. بۇ ماقالىسىدە  غەربتىكى  ئەركىنلىك تەرەپدارى  بولغان بەزى ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ  ئىدېئولوگىيە، كۆزقاراش ئىختىلاپىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا قارىماي ئىسلام ئەخلاقىغا قايىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، د. ھېنرى نىڭ ماقالىسى ئامېرىكا خەلقىدە قوللاش ۋە قارشى چىقىش ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

    بىربىرىگە زىت ئىككى رەسىم 

     د.ھېنرى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئىشخانام تېمىدا ئىككى رەسىم ئېسىلغان، بىرىنچى رەسىم پەرىجە كىيگەن (پەردە، ئابايى، ياغلىق) مۇسۇلمان ئايالنىڭ رەسىمى. ئىككىنچى رەسىم ئىچ كىيىمدىن باشقا ھېچنەرسە كىيمىگەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياگۈزەللىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر ئايالنىڭ رەسىمى. بىرىنچى ئايال تامامەن باشقىلاردىن ئۆزىنى يۆگىگەن، يەنە بىرسى بولسا تامامەن ئوچۇق".
    ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنداق باشلانغان بولۇپ، ئەخلاق ۋە ئىدېئولوگىيە دە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆرنەكنى كىرىش سۆز قىلغان

    كۆپ مەقسەتلىك ئۇرۇش

    يازغۇچى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ مەخپى غايىلىرىنى ئوچۇقلاپ سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە مەدەنىيەت ئۇرۇشى دەپ قارايدۇ. غەرب ئىسلام دۇنياسىنىڭ يەرئاستى- يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈشنى كۆزلىگەننىڭ سىرتىدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولغان دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىي خەزىنىسىنى تارتىۋېلىشنى خالايدۇ، ئاياللارغا قارىتا ھەممە ئايال پەرىجىسىنى تاشلاپ ئىچ كىيىم  مەدەنىيتىگە كۆنۈپ شۇنداقلا يېرىم يالىڭاچ يولغا چىقىشىنى خالايدۇ، يازغۇچىنىڭ (كۇسار مەدەنىيىتى) دېگىنى  يالىڭاچلىق ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ: " ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتتە ئايال كىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەرەبلەرنىڭ نىفتلىرىنى ئوغرىلىغاندىن سىرت ئوتتۇراشەرقتىكى ئۇرۇش، ئەرەبلەرنى دىنى ۋە مەدەنىيتىدىن تامامەن ۋاز كەچتۈرۈپ پەرىجە ئورنىغا كۇسارنى دەسسىتىشنى مەقسەت قىلغان"

    شەرەپ، ۋىجداننى مۇداپىئە قىلىش 
      
     د.ھېنرى پەرىجىگە ئورانغان ئايالنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقىنى ماختايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:" مەن مۇسۇلمان ئاياللار ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەمەسمەن، ئاياللاردىكى گۈزەللىكنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، بۇيەردە پەردىنى بۇ دەرىجىدە مودا قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتى، لېكىن مەن پەردىنىڭ بەزى ئەدەپ- ئەخلاقىنى موداپىئە قىلماي تۇرالمايمەن" . ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ: " ماڭا نىسبەتەن پەردە ياكى پەرىجە ئايال كىشى ئۆزىنى يولدىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئايالدا بار خۇسۇسىيەتلەر سەۋەبىدىن ئايالنى ئۆزىنىڭ يولدىشى ۋە ئائىلىسىلا كۆرەلەيدۇ".
    د.ھېنرى خۇددى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە(ئاللاھ رازى بولسۇن) نىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلغاندەك قىلىدۇ، ئۇ(ئائىشە)  قايسى تۈردىكى ئايال ئەڭ ياخشى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن:" (سۆزنىڭ ئەيىبىنى بىلەلمەيدىغان، ئەرلەرنى ئالدىيالمايدىغان، قەلبى ئاق، يولدىشىدىن باشقىغا ئۆزىنى زىننەتلىمەيدىغان، بالىلىرىنى بېقىپ ئولتۇرىدىغان ئايال)".

    مۇسۇلمان ئايال كەلگۈسى ئەۋلاد تەربىيچىسىدۇر
     
    يازغۇچى ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۈچۈن بارلىق ھاياتىنى ئائىلىسى ۋە ئۆيىگە بېغىشلىغان مۇسۇلمان ئايالنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ماختايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: "( مۇسۇلمان ئايال ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، بالا تۇغۇپ باقىدىغان، ئۇنى تەربىيە قىلىدىغان، يەرلىك سانائەتچى بولۇپ، ئائىلىنىڭ روھىدۇر، بالىلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرىدىغان ئۇستاز ۋە يولدىشىغا ياردەمچى بولىدىغان مەنىۋى راھەت ماكانىدۇر)"  

    ئۇنداقتا ئامېرىكا ئاياللىرىچۇ؟  
     
    "(تامامەن ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ گۈزەللىك شاھى (دۇنيا گۈزىلى) تېلېۋىزور قانىلىدا مىليونلارچە ئادەم ئالدىدا  ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ ھالەتتە مەغرۇر تۇرماقتا، ئۇ ئاممىنىڭ مۈلكى... جىسمىنى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىقىرىش ئۈچۈن بازارغا سېلىۋاتىدۇ... ئۇ ئۆزىنى ھەركۈنى باھا تالاشتۇرۇپ ساتىدۇ)" د.ھېنرى قوشۇمچە قىلىپ:"(ئامېرىكىدا ئايال كىشىنىڭ قىمىتى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە، مۇشۇ ئۆلچەم بىلەن  ئۇنىڭ قىممىتى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئۇ ئۆزىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن نېرۋىسىنى چارچىتىدۇ)" .

    ھەۋەس ۋە ئىچى قۇرۇق  روھىيەت  
        
    د.ھېنرى شەھۋانىيلىققا، يالىڭاچلىنىشقا بېرىلىپ ياشايدىغان ئامېرىكىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزلىرىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: "( ياش قىزلارنىڭ يولباشچىسى يېرىم يالىڭاچ ناخشىچى برېتنى سپىرىز. ئۇلار ئۇ نىڭ  ھەۋەسنى قاندۇرغان تەرپىنىلا ياقتۇرىدۇ... ئۇلار ساپ مۇھەببەت بىلەن ئەمەس بەلكى تەگسىز يالغان مۇھەببەت ۋە ئىچى بوش ھېسسىيات بىلەن ياشايدۇ)" .                                                                      
    يازغۇچى بۇنداق ساراڭلىق ھاياتىنىڭ ئامېرىكا قىزلىرىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىق تەسىرىنى مۇنداق يازىدۇ : "( ئۇ قىزنى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئونلارچە ياش تونۇيدۇ ... جەلبكارلىقىدىن ئايرىلماس قىسمى بولغان پاكلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، قوپال،مەككار، مۇھەببەت قىلىشنى بىلمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ)" .               

    ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئاياللار ئەرلەر خاراكتېرىنى ئېلىپ قوپال ، ئاننورمال مىجەزلىك بولۇپ قالىدۇ . ئايال- ئايال بولۇشقا يارىماي قالىدۇ، ئۇ ئاخىرى ھاياتتىكى رولىنى يوقىتىپ جىنسى ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئاپپاراتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەقىقىي مۇھەببەت، ئانىلىققا يارىمايدۇ .                                                                    
    ئاياللارنى ئازات قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار  
             
    د.ھېنرى ئاياللارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش توغرىسىدىكى ئىدىيەلەر يالغان ۋە رەھىمسىزئىدىيە دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: "(ئاياللارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ھازىرقى خەلقئارا تۈزۈم ھىيلە- مىكىرلىرىدىن بولۇپ، ئامېرىكا ئاياللىرىنى ئالداپ ، غەرب مەدەنىيىتىنى خاراب قىلغان رەھىمسىزلەرچە ئالدامچىلىقتۇر)" ، ئاپتور يەنە: ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بېرىش مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ۋە مۇنداق دېدى : "( ئەركىنلىك مىليونلارچە ئايالنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت مۇسۇلمانلارغا چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلدى)".

    د.ھېنرى ئاخىردا سۆزىنى مۇنداق تاماملايدۇ: " مەن مۇسۇلمان ئاياللار كىيىدىغان پەردە، ھىجاب ياكى ئابايىنى مۇداپىئە قىلغىنىم يوق، لېكىن ئايال ئۆزىنى رەپىقىسى، ئائىلىسىگە بېغىشلاپ، ئىپپەت- نومۇسىنى ساقلاپ قالغان ئېسىل ئەخلاق ئالدىدا تەپەككۇر قىلماي تۇرالمىدىم" . 

     

    مەنبە:د.ھېنرى ماكوۋ نىڭ ئاسپىرانتلىق  ماقالىسى 
    ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد كەندەرى 
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئابدۇلئەزىز تۆمۈر
    مەتبۇئاتتىكى مەنزىلى :جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى
    توردىكى مەنزىلى :مىسرانىم مۇنبىرى





    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
    ئەزىز回复ھونزادە 说:
    كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم بۇ ئىنكاسىڭىز بىلوگىمدا كۈرۈنمەي قاپتىكەن بايا بايقاپ قالدىم . مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم . بىلوگىڭىزدا نادىر يازمىلار كۆپكەن .
    2010-09-26 13:04:22