-
abdukadir damollam ئابدۇقادىر داموللام
2010-04-29
ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ، ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز . شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، ئازئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان. ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي . تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىنا قىلغان . ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەد تىكى << ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى >> دە ئالغان .
. دۇنيا مىھرى -مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر .