dunyablog.com
  • 2010年06月03日

    تۇنجى مۇھەببەت روماندىن ئېلىنغان پارچىلار - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65052804.html

    ئاشۇنداق بىر گۆردە مۇھەببەت ئىلاھى ھايات كەچۈرەلەمدۇ ؟قورساققا يەيدىغان نەرسە بولمىسا ئادەمگە مۇھەببەت تېتامدۇ ؟ مۇھەببەت بىرگە كۈچ بېرىدۇ ، بىزنى يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ يۆلەيدۇ . بىراق ، مۇھەببەت ئىككى پۇتى سۇنغان ئادەمنى يۆلەپ ئۇرنىدىن تۇرغىزالامدۇ ؟ مۇھەببەت ئاشۇق - مەشۇقلار يەۋاتقان بولكىنى پادىشاھلارنىڭ زىياپىتىگە ئايلاندۇرۋېتەلەيدۇ ، بىراق ئاشۇنداق كاتتا زىياپەتنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۇ بولكا بولمىسا ، مۇھەببەتنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ ؟ مۇھەببەت ھەنەقى ئۇستام ئېيتقان تەمسىلدەك ‹بىر باش پىيازنى قويغا ئايلاندۇرالايدۇ › بىراق مۇھەببەتتەك بۇنداق ئۇستا ئاشپەز قويغا ئايلىنالىغان پىيازنى تاپالمىسا ئۇنىڭ ھۈنىرى نىمىگە ھىساپ ؟ مۇھەببەتكىمۇ زۆرۈر بولغان تاماق كېرەك شۇندىلا ئۇ مۆجىزە يارىتالايدۇ . بۇمۇ خۇددى يازغۇچىغا قەلەم ، رەسسامغا بوياق ، كومپىزىتۇرغا ساز لازىم بولغاندەك ئىش ...
    مۇھەببەت شېئرى مەنزىرىلەر ئىچىدە ياشاشنى ، شىرىن خىياللار ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشنى ، خىيالى جەننەت باغلىرىدا لەرزان ئۇسۇللارنى ئويناشنى ياىشى كۆرىدۇ ،ئاچلىق ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنىڭغا نە شېئرى مەنزىرىلەر ،نە شىرىن خىياللار ئاسمىنى ، نە خىيالى جەننەت باغلىرى كېرەك ئەمەس ، ئۇ نامراتلىق ، ھاقارەت ۋە پەس كۆرۈشلەر ئىچىدە رىيانلىق ئىچىدە ياشايدۇ ...
    ئادەملەردە قىزىق بىر مىجەز بار ، ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ بۇنىڭدىنمۇ ئۈمۈدلىنىپ باقىدۇ ، شۇ ئۈمۈدلەرنىڭ ئازىراق ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا  ئۇنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ . ئۇلار تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالى كۆرىنىشلەرنى رىيانلىق دەپ بىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە غايىنىڭ ھەشەمەتلىك سارايلىرىنى بەرپا قىلىپ شۇنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ  ئۇنىڭ ئىچىنى ئارزۇ ئارمانلىرى بىلەن بېزەيدۇ ...كىيىن بىردىنلا ئىسىگە كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك سارايدا ئەمەس بەلكى قۇملۇقتىكى قاقاسلىق ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ .
    قامچا تۇتقان ئادەم ئومۇمەن قامچا يىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ ، ئەمما قامچا يىگەن ئادەم بولسا ئۆزىنى قامچىلىغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى مەڭگۈ ئىېسىدە تۇتىدۇ ، بۇ مۇقەررەر ئەھۋال .
    تۇنجى مۇھەببەت دىگەن روماندىن ئېلىنغان .


    收藏到:Del.icio.us