-
2010年06月01日
ياخشىلىق يامانلىق - [پارچە خىياللار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/64831452.html
ياخشىلىق يامانلىق ئۇقۇملىرى كاللامنى بىر ئىگەللىۋالدى ، ئۇۋالچىلىق تارتقانلارنىڭ ھەسرەتلىڭ قىياپەتلىرى چىراي ئىپادىلىرى ئاجايىپ ۋە ئاجايىپلا بولىدىكەن .
تىلۋىزورلاردىن ۋە ئاڭلىغان ئىشلاردىن تازا ھىس قىلمايدىكەنمىز ، بىلمەيدىكەنمىز بۇ خىل ھەسرەتنى .
دوستۇم ھەسرىتىنى سۆزلەۋاتاتتى مەن ئاڭلاۋاتاتتىم ، ئىچىمنى بىرخىل ئازاپ قاپلاپ كەتتى كاللامدا بىرخىل چارىسىزلىك ، مەنمۇ خۇددى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرت تارتقاندەك ھىس قىلدىم . سەن يېقىن دوستۇڭغا ھەسرىتىڭنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا ئۇمۇ سەن بىلەن تەڭ ئازاپلىنىدىكەن .
چارىسىسزلىك ، يول تاپالماسلىق بۇ بىردەۋىر ياشلارنىڭ ئۇرتاق دۇچ كىلىدىغان مەسلىسىمىدۇ ؟..
ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ بولمايدۇ دېدى .
ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ دېدى .
توغرا ، ھەمىسى توغرا .
يەنە ئادەم بىلەن ئىت ئوخشاش بولامدۇ دەپ سوئال قويدى ، بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش مىنى قايىل قىلىپ قالىدۇ، ئوخشاش بولمايدۇ ،،
مەن جىق ئويلاپ كەتتىم ئادەم نىمىشقا بۇنداق پالاقشىيدىغاندۇ ؟ بەزىسىنى رەنجىتىپ بەزىسىنى قاخشىتىپ ئادەمنىڭ ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنى زادى نىمە ؟ ئادەم شۇنچە جىق ئۇرىنىشلار بەدىلىگە ئاخىرىغا كەلگەندە زادى نىمىگە ئېرىشىدۇ ؟
بەزىلەر ياخشى يول ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ تەر ئاقتۇرىدۇ ، بەزىلەر ئۆمۈر بويى باشقىلارغا يامانلىق ئىزدەپ يامانىلىق ئۈچۈنلا ياشايدۇ يەنى ئۆزىنىڭ نەپسى خائىشى ئۈچۈنلا ياشايدۇ .
ئادەم ئۆزىنىڭ خوشالىقى ئۈچۈنلا ياشىشى كېرەكمۇ ؟ ئۆزۈم خوشال ياشىۋالساملا بولدى دەپ ياشاش كېرەكمۇ ؟
يول تېپىش كېرەك ، چۇقۇم تېپىش كېرەك ، يول ھازىرچە راۋان ئەمەس ئەمما بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال .
收藏到:Del.icio.us