-
تاماق يىيىش
ۋاقىت:2010-06-08 | تۈرى:يازمىلىرىم ---
جۇڭگۇ تاماق مەدەنىيىتى
رېستۇرانغا ساياھەت
بىردوستۇم شاڭخەيگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلدى ،ئەسلى شاڭخەي جاھان يەرمەنكىسىنى كۆرىمەن دەپ بارغانتى ئۇنى كۆرەلمەپتۇ ، شاڭخەي شەھىرىنى ساياھەت قىلىپ كەپتۇ ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ئۇ شەھەرنى ، سەن چۇقۇم بېرىپ بىر كۆرۈپ كەل دېدى . قارىغاندا ھەقىقەتەن نوچى شەھەر بولسا كېرەك .ماڭا شاڭخەينى زىيارەت قىلغاندىن بىرە رېستۇرانى زىيارەت قىلغان ياخشىراق بىلىنىدۇ .
تۈنۈگۈن بۇيەردىكى بىر ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى رېستۇرانغا بېرىپ خىيالىم ھەرتەرەپكە چېچىلدى .بۇ يەرگە خەنزۇ خېرىدارلارمۇ ئوبدانلا كۆنگەن ئىدى ، مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، ئۇيغۇرچە ناخشىلار ياڭراپ تۇرىدكەن . رېستۇراننىڭ بېزىلىشىمۇ مىللى ئۇسلۇپتا بېزەلگەن ، ئولتۇرۇپ ئويلاپ كەتتىم شىنجاڭدىمۇ تاپالمايمىز بەزىدە بۇنداق يەرلەرنى ، ئىچكىرىدە تۇرۇپ تېخى بار مانا .
ئاڭلىسام چەتئەللەردە يۇمىلاق چۆگىلەيدىغان ئۈستەلنى تاپقىلى بولمايدىكەن ، بۇيەردە ھەر تاماقخانىدا بار . ھەرخىل ھەرياڭزا تاماقنى تىزىۋېلىپ بىر جوزا ئادەم چۆگىلىتىپ يېيىش بۇمۇ بىر ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئىكەن .
ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىر ماقالىسىدە تىغا ئالغاندەك ، تاماق مەدەنىيىتىمىز سەل بولمامدۇ نىمە ھە ؟ ئويلىنىپ قالدىم ،تاماكىنى چىكىپ ئىس قىلىۋىتىدىكەنمىز ، ئاچچىق لازىلىق چوڭ تەخسىلىك تۇخۇنى تالىشىپ يەيدىكەنمىز ، قىزىپ كەتتۇق دەپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى سوغۇق ھاۋا چىقىدىغان قىلىپ تازا ئېچىۋىتىدىكەنمىز ، بۇ مۇھىت بۇ تاماقلار ئادەم بەكلا پايدىسىزكەن .
ئادەم دىگەنمۇ قىزىق بولىدىكەن ،ئادەتتە قاپاق تۈرۈشۈپ ، ھومىيىپ يۈرۈشكەن بىلەن ئالدىمىزغا بىر داپەنجىنى تىكلەپ قۇيۇپ ئولتۇرساق دوستقا ئايلىنىدىغان گەپكەن . شۇنىڭغا قارىغاندا ئېغىز يىسە يۈز ئۇيىلىدۇ دىگەن گەپ توغرىكەن .随机文章:
بىر ناخشا 2010-06-02بالىلار ۋە چىملىق 2010-06-01كىتاپلارنى سېتىپ ، ئۇقۇش پۈتۈرۈش 2010-05-29بىر مۇنازىرىنى كۆرۈپ 2010-05-29يۇمۇر توغرىسىدا 2010-05-12
收藏到:Del.icio.us