-
يۇمۇر توغرىسىدا
ۋاقىت:2010-05-12 | تۈرى:يازمىلىرىم ---
بۇرۇن بىر ئەدەبىيات مۇئەلىمىمىز بولىدىغان دەرىسنى ئاجايىپ قىزىقارلىق ئۆتەتتى ، كەچكىچە يۇمۇر ئېيتىپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالاتتۇق ، يۇمۇر ئېيتىسا ئاجايىپ قىززىق ھەركەتلەرنى قىلىپ ، چىرايىنى ھەر خىل قىلىپ ئىيتىدىغان ، ھازىر ئولتۇرۇپ يادىمغا كىلىپ قالدى مۇئەللىمنىڭ بىر قىزىق گىپى ، بىركۈنى ئانا-بالا ئىككى چىۋىن ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ پوق يەۋاتقاندا بالىسى تۇيۇقسىز سوراپ قاپتۇ ، ئانا بىز نىمىشقا دائىم پوق يەيمىز ؟ ئانىسىنىڭ ئاچىقى كىلىپ بالىسىنىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ ،تاماق ۋاقتىدا ئۇنداق سەت گەپ قىلمايدىغان ، دىگۈدەك ، شۇ چاغدا بەك كۈلۈپ كىتىپتىكەنمەنمۇ دەيمەن مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ يۇمۇرى ھازىرغىچە ئىسىمدە شۇ پېتى قاپتۇ ، مۇئەللمنىڭ چىرىي ئىپادىلىرىدىن تارتىپ ئىسىمدە بار ، ئۇنىڭ دىن كىيىن نۇرغۇن يۇمۇر نى ئاڭلىغاندىمەن ئەمما بەك ئىسىمدە يوق . ئۆتكەن يىلى ئىزدىنىشتە قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گېپى دىگەن تىما تازا قىزىغاندا ، بىر تۇرداش شۇنداق بىر يۇمۇر يېزىپ قويۇپتىكەن ، بەك كۈلۈپ كەتكەنتىم مەكتەپنىڭ كومپىيوتىرخانىسىدا كورگەنتىم ئاۋازىمنى چىقىرىپلا كۈلىۋەتكەنتىم ، ئۇ يۇمۇر مۇنداق :مۇئەللىم خېمىيە دەرىسىدە سۇنىڭ فورمىلاسىنى ياز دىگەنتى مەن بەك جىدىيلىشىپ كىتىپ ئوكسىگىننىڭ ئارقىغا ئىككىنى ho2 يېزىپ قوياپتىكەنمەن ، مۇئەللىمىم ، ئۇكام سىلى سۇنىڭ فورمىلاسىنى يازدىلىمۇ ژۇندىنىڭكىنىمۇ دەپ سورىغان دەپ .
بەك كۈلىۋەتكەن مەن مۇشۇ گەپكە ،.ئىشقىلىپ ئاجايىپ گەپكە ئۇستا خەق بىز .
يۇمۇر ، قىزىق گەپ دىگەنلەر ئاساسەن ئادەمنىڭ تىلغا بايلىقى سۆزگە چاققانلقى ئارقىلىق باشقىلارغا روھى خوشاللىق بېرىشى ئىكەن
بۇ ئالى مەكتەپ تۇرمىشىمۇ ھەرخىل ھەر يەرنىڭ گىپىنى ئۈگىنىشكە بىر شارائىت يارتىپ بېرىدىكەن ، دەسلەپ كەلگەندە قىزىق تۇيۇلۇپ ئاخىرى ئۆزۈممۇ ئەبجەش ھەممە شىۋىدە گەپ قىلالايدىغان بوپ قالدىم دىسە ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز بىر نۇتۇقىدا ھىندىستاننىڭ ئىنگىلىس تىلى بار ئەنگىلىيەنىڭ ئىنگىلىس تىلى بار قىرانسىيەلىكنىڭ ئىنگىلىس تىلى بار ھەممە يەرنىڭ ئوخشىمايدۇ دىگەنتى ، دىمەك ھەمىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىنگىلىس تىلى بولغان تەغدىردىمۇ تەلەپپۇزى ئوخشىمايدۇ دىگەن گەپ ، بەزى ئەرەپ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىنگىلىس تىلى ئۆز تىلىغا ماسلاشقان ئاھاڭدا بولىدىكەن .
شۇنىڭغا قارىغاندا تىل دىگنمۇ مۇھىم بىر قورالكەن .随机文章:
تاماق يىيىش 2010-06-08ياخشىلىق يامانلىق 2010-06-01كىتاپلارنى سېتىپ ، ئۇقۇش پۈتۈرۈش 2010-05-29بىر خىيال 2010-05-15ئاشخانىدىكى بىر كۈرۈنۈش 2010-05-08
收藏到:Del.icio.us