dunyablog.com
  • 2010年07月01日

    ئاتاقلىق يازغۇچى زوردىن سابىر خاتىرە سارىيىWell-known author zordun sabir - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/67647516.html

    ئاتاقلىق يازغۇچى ، ئانا يۇرت ئوغلى زوردون سابىرنىڭ خاتىرە سارىيى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرىدا قۇرۇلدى

    ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئەپەندىگە بېغىشلانغان فىلىم ، ئادرىسى بۇ بەتتە .

    http://www.elqut.cn/e/action/ShowInfo.php?classid=120&id=22172

    ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن ، مۇشۇنداق ئەدىپلىرىمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپلەپ فىلىملەرنىڭ ئىشلىنىشنى ئۈمۈد قىلىمەن

     

    قۇشۇمچە :
    ئاتاغلىق ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ
    زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدا چىقىرىپ، كېيىن شەھەرگە كىرىپ ئوقۇغان. 1957-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتكۈزۈپ ، «ئىلى گېزىتى»ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان؛ 1958-يىلى لەنجۇغا بېرىپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان.؛ 1964-يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1979-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 1981-يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. 1989-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1998- يىلى قازا قىلغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    زوردۇن سابىر زامانداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەسەر يازغان، يۇقۇرى ئۇتۇق قازانغان داڭلىق يازغۇچى.
    زوردۇن سابىر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1961-يىلىدىن باشلاپ كىرىپ كەلگەن. 1980-يىللاردا «قەرزدار»، «قوبۇلخانىدا»، «قوشنىلار»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «ئېھ، توپىلىق يول»، «ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى؛ « سۈبھى»، «خەيىرلىك ئىش»، ئارچا ياپرىقى» قاتارلىق پوۋېتسلارنى؛ «ئابرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»،« ئانا» قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزىچىلىقىنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ تەرەقىياتىدا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ياۋروپانى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن يازغان «ياۋروپاغا سەپەر»، «ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا»ناملىق ئەدەبىي خاتىرىلىرى ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور قىزىقىش قوزغىغان. شۇنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ساياھەت ئەدەبىياتى» رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
       زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى ئون نەچچە پارچىدىن ئاشىدۇ. رومانى تۆت پارچە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ روماننى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر رومان دەپ ئېيتىشقا ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نادىر نامايەندە دەپ تونۇشقا بولىدۇ.

    بۇ ماقالىنىڭ مەنبەسى ئىز تورى مەركۈز ماقالىنىڭ بەرلىق ھوقوقى ئىز تورىغا تەۋە


    收藏到:Del.icio.us




    评论