|
-
7/7/2010
لەيلەك - [ماقالە ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/68412044.html
ئانا ياش ئىدى ، نەۋجۇۋان ئىدى .بالا خام ئىدى ، گۆدەك ئىدى ...كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا-بالا يېزىغا-يىراق تۇغقانلىرىنىڭكىگە بارىدىغان بۇلۇشتى .ئانا قەددىنى غاز تۇتۇپ ، تىز-تىز يۈرەر ، بالا بولسا ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلار ئىدى . يېزا بازىرىدا يېرىمىنى چاقماق سوقۇپ ئۇچۇرۇپ كەتكەن ھەيۋەتلىك چىنار بار ئىدى .بالا دەرەخنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى :چىنارنىڭ يېيىلىپ ئۆسكەن شېخىدا سۇپرىدەك چوڭلىقتا بىر ئۇۋا قارىيىپ كۆرۈنەر ، ئۇۋىدا بولسا ئاياغلىرى ، تۇمشۇقى ئۇزۇن بىر قۇش تۇرار ئىدى .
بالا مۆجىزە كۆرگەندەك چىپپىدە توختاپ قالدى .
-ئانا ئاۋۇ نىمە ؟-دېدى شۇ ياقتىن كۆزىنى ئۈزمەي .
-لەيلەك ، ئوغلۇم ،لەيلەك !-ئانا ئوغلىنىڭ بېشىنى سىىلاپ قويدى ،-يۈر جېنىم بالام .
بالا ھىچقاچان بۇنداق قۇشنى كۆرمىگەن ئىدى . قۇش نىمىشكىدۇر بىر ئاياغلاپ تۇرار ئىدى . ئۇ يەنە تۇختاپ قالدى .
-نىمە ئۇ ، ئانا ؟- دېدى يەنە چىنار ئۇچىغا كۆزتىكىپ .
-لەيلەك، ئوغلۇم ،لەيلەك .
-نىمىشقا بىر ئايىغىدا تۇرىدۇ ؟
ئانا كۈلدى :
بىر ئايىغى چارچىغاندۇ بەلكىم .ماڭ ، جېنىم قوزام .
بالا ھىچقاچان بۇنداق قۇشنى كۆرمىگەن ئىدى .
قۇش نىمىشكىدۇر بوينىنى سوزۇپ تۇمشۇقىنى ئاسمانغا قارىتىپ سىلكىتەر ، شۇچاغدا ‹تاراق -تاراق›ئاۋاز ئاڭلىنار ئىدى .
بالا يەنە توختاپ قالدى .
-نىمە ئۇ ئۆزى ، ئانا ؟
ئۇنىڭ كۆزىدە خوشاللىق بار ئىدى ، ھەيرانلىق بار ئىدى . ئانا بولسا ئالدىراش ئىدى. چېچىدىن تولا ئىشى بار . تېخى شەھەرگە قايتىشى كېرەك .
-لەيلەك دېدىمغۇ ،تاتلىقىم ،-دەپ ئاستا ئېگىلىپ ئوغلىنىڭ مەڭزىدىن سۆيدى ،-ساڭا سالام بېرىۋاتىدۇ .
ئانا ياش ئىدى، نەۋجۇۋان ئىدى .
...ئارىدىن 35 يىل ئۆتتى .بالا يىگىت بولدى .ئانا ياشىنىپ قالدى ، ئاياغىدىن مادار ، كۆزلىرىدىن نۇر كەتتى .
كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئانا -بالا كۈتۈلمىگەندە يەنە شۇيېزىغا بېرىپ قېلىشتى . يىگىت قەددىنى غاز تۇتۇپ تىز-تىز يۈرەر ، ئانا بولسا تېلىققان ئاياغلىرىنى ئېغىر -ئېغىر كۆتۈرۈپ باسقانچە ھاسىراپ كىلەر ئىدى .يېزا بازىرىدىكى يېرىمىنى چاقماق سوقىۋەتكەن چىنار ھېلىمۇ بار ئىكەن .مانا قاراڭكى ،چىنارنىڭ يېيىلىپ ئۆسكەن شېخىدا سۇپرىدەك چوڭلۇقتىكى ئۇۋا يەنە قارىيىپ كۆرۈنەر ، ئۇنىڭدا ئايىغى ، تۇمشۇقى ئۇزۇن لەيلەك تۇرار ئىدى . يىگىت لەيلەككە بىر قاراپ قويدى -دە قەدەملىرىنى تىزلەتتى . ئارقىدا قېلىۋاتقان ئانا نۇرسىزلىنىپ قالغان كۆزلىرىنى چىنارغا ، چىنارنىڭ شېخىدا قارىيىپ تۇرغان ئۇۋىغا تىكتى .شاختا ئېسىلىپ تۇرغان نەرسە كۆزىگە غەلىتە كۆرۈندى .
-ئاۋۇ نىمە، ئوغلۇم ؟-دېدى توختاپ .
-لەيلەك ،ئانا،لەيلەك .
ئانا ياخشى ئاڭلىمىدى .ئۈچ-تۆت قەدەم يۈرۈپ يەنە توختاپ قالدى .سىۋەتتەك نەرسە ئىچىدە بىر نەرسە ئاقىرىپ كۆرىنىدۇ ،قىزىق...
-ئوغلۇم ، نىمە ئۇ ؟-دېدى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئانا .ئوغۇل چىپپىدە توختىدى ،غەشلىكى كەلدى. ئۇ ،ئالدىراپ تۇرۇپتۇ ،ئىشى چېچىدىن تولا !ئادەم قېرىغاندا ئەزمە بۇلۇپ قالىدىكەن-دە!
-لەيلەك!دېدى يىرگىنىپ ،-لەيلەك دەۋاتىمەنغۇ ، پاڭمۇ سىز !
شۇنداق دېدى -دە ،ئاچچىقى بىلەن تىز-تىز يۈرۈپ كەتتى . نەچارە ،يىگىت ياش ، يىگىت نەۋقىران .ئۇنىڭ ئىشلىرى كۆپ ،تېخى شەھەرگە قايتىشى كېرەك ...ئۇنىڭ خام گۆدەك بالىلىرى بار...
ئاپتۇرى:ئۆتكۈر ھاشىموف. مەنبەسى شىنجاڭ مەدىنىيىتى ژورنىلى