dunyablog.com
  • 2010年06月30日

    ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى Xinjiang Uighur Folk Cap Designs - [ئاۋازلىق ئەسەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/67597136.html

     

    ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى

      Xinjiang Uighur Folk Cap Designs

    新疆维族文化--花帽子(دوپپا)

     

     

      ناخشا ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.

     
    ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى

    دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.

        بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.

        ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.

        كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.

         بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.

        قوشۇش شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى- ھەر بىر قاتلاقتا + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ. كۆپرەك +، × ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوڭ سول تەرەپ سىممىتىرىك ھالەتتە كىلىدۇ. رەڭدار، كۆركەم تىكىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل ئارىلىقلىرى ناھايىتى ماسلاشقان تىكىش بىرلىككە كەلگەن. رەڭلىرى روشەن پەرقلىق بولۇپ بىر خىل خاس نۇسخا قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرگە ئىگە.

    ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دىگەندەك پەرىقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

    ئۇيغۇرلاردا دوپپا تىكىدىغان ئۇستىلار ياشانغان ئاياللار ۋە ياش قىز جۇۋانلار بولۇپ ئۇلار ھەقىقىي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكەرلاردۇر. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىق ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولىغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنىپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق- شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىكىش نۇسخىلىرى كۆپرەك كەڭ تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، تىكىش سەنئىتى خىلمۇ خىل. ئۇلار دوپپا گۈللىرىنى تىكىشتە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستىتىك قارشى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ قويۇق سەھرا تۈسىگە ۋە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل دوپپا نۇسخىلىرىنى پەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.

        ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كىپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئۇمىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.

       ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت بىغىدىكى بىر دەستە گۈل دىيىشكە بولىدۇ.

    مەنبە:گۈلىستان تورى

    http://gulistan.cn/showart.asp?art_id=583


    收藏到:Del.icio.us