• تەقدىرگە ئىشىنەمسىز ؟

    ۋاقىت:2010-04-20 | تۈرى:ئىسلامى ماقالىلەر--

    تەقدىرگە ئىشىنەمسىز ؟
    تەقدىرگە ئىششىنىش اللە قا ئىمان ئېيتىشنىڭ ( ئىششىنىڭ ) بىر قىسمى ...
    يەنى اللە قا ئىمان كەلتۈرۈش ... اللە نىڭ پەرىشتىلىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ... اللە نىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش ... پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ... تەقدىرنىڭ اللە تەرپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ... قىيامەت كۈنىگە ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلمەكنىڭ راستلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ... اللە نىڭ بارلىقىغا ئىششىنىدىغان كىشى يۇقارقىلارغىمۇ ئىششىنىشى كېرەك ...

    قازايى قەدەرگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىللىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى ئاللاھغا ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىنى توغرا بىلىش ئۈستىگە بىنا قىلىنغان.

    ئاللاھ يۈز بىرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز يۈز بىرىدۇ، يۈز بەرمەيدۇ دەپ بىلگەن نەرسە ھەرگىز سادىر بولمايدۇ. خۇسۇسى سۈپەت ۋە مۇئەييەن شارائىتتا يۈز بىرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز ھالەتتە شۇ سۈپەت ۋە شۇ شارائىتتا يۈز بىرىدۇ، مەخلۇقلار ئاللاھنىڭ ئىلمدىن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس.

    ئاللاھ:{ ئاسمان- زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەندۇر، ) (سۈرە يۈنۈس-61-ئايەت).

    ئاللاھ قۇرئاندا: { يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچىرغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ( ئىش) شۇبھىسىزكى، ئاللاھغا ئاساندۇر}دەيدۇ، ( سۈرە ھەدىد- 22- ئايەت).

    يەنە: { ئېيىتقىنكى، " بىزگە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسە يېتىدۇ"}،( سۈرە تەۋبە- 51- ئايەت).

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " بىلىپ قويغىنكى، ئەگەر ئۈممەت ساڭا بىر نەرسىنى پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ساڭا زىيان سالماقچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ" دېگەن .

    يەنە: { ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر}دەيدۇ،( سۈرە شۇرا- 44- ئايەت).

    يەنە:{ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئاساندۇر}دەيدۇ، ( سۈرە فاتىر- 11- ئايەت).

    يەنە:{ ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ( يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ). ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى،( ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيىتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازاپلايدۇ}، (سۈرە ئەنئام- 125- ئايەت).

    ئەگەر ئاللاھ بىر كىسەلنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى ساق كىشىنىڭ كىسەل بولۇشىنى تەقدىر قىلسا، ئاللاھ تائالا ئىشلارنى سەۋەپلىرى بىلەن بىرلىكتە تەقدىر قىلىدۇ، ھەممىسى تەقدىرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ

    نەتىجە ياكى قىلىنغان ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، شۇنداقلا سەۋەپ قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.

    ئۆمەر ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) سۈرىيەگە كىتىۋاتقان ئىدى. ئۇ سەپەر جەريانىدا سۈرىيەگە ۋابا كىسىلىنىڭ تارقاپ كەتكەنلىگىنى بىلىپ، سۈرىيەگە بارماي قايتىپ كىتىشنى قارار قىلغان چاغدا ئەبۇ ئۇبەيدە نامىلىق بىر ساھابە: " ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچماقچىمۇ؟" دېگەندە ئۆمەر:" ھەئە، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :( ئەگەر اللە بىركىشىنى بىر ئورۇندا ئۆلۈشكە تەقدىر قىلسا ، اللە ئۇ كىشىنى ئۇ يەرگە ھاجەت قىلىدۇ ) دېگەن

    ۋابا كىسىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەرگەن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.

    ئەلى( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
    " بىز بىر جىنازىنى دەپنە قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىلىپ قېشىمىزدا ئولتۇردى، ئۇ كىچىك بىر تاياقنى يەرگە نوقۇپ تۇرۇپ:" ھەر بىرىڭلارنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىردىغىنىڭلار، شۇنداقلا بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز بولۇشۇڭلار تەقدىر قىلىنىدى" دىدى، بىر ئادەم قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تەقدىرگە تەن بىرىپ، شۇنىڭدا نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى كۆرۈپ، ئەمەل قىلىشنى تاشلىمايلىمۇ؟ چۈنكى بىزدىن كىم بەخىتلىك بولسا بەخىتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن، كىم بەخىتسىز بولسا بەخىتسىز ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن دېگەندە، ئۇ "ئەمما بەخىتلىك كىشلەرگە ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، بەخىتسىز ئادەملەرگە بەخىتسىز ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ" دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: { ( پۇل مېلىنى ئاللاھنىڭ رازلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان،( كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشلىق يولىنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، بېخىللىق قىلىپ،( ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھىساپلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز}،( سۈرە لەيل- 5~10 -ئايەت).  

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىر بۆلۈك كىشلەرنىڭ جۈمئە نامىزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: سىلەر كىم بولىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار: "بىز ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار" دەپ جاۋاپ بەردى. ئۆمەر ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: "سىلەر تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەس بەلكى سۇسلۇق، ھورۇنلۇق قىلغۇچىلار، رىزىق ئىزدەشتىن ھورۇنلۇق قىلماڭلار، ھورۇنلۇق قىلىپ ئەمگەك قىلماي، ئى ئاللاھ رىزىق بەرگىن دىسەڭلار ئاسمان ئالتۇن، كۈمۈش ياغدۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر، ئاللاھ بەندىللىرىگە باشقىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق رىزىق بېرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟:{ ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمنىغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار}(سۈرە جۈمۈئە- 10- ئايەت).

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى:" دورا ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بىر نەرسىنى قايتۇرالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا: " ئۇمۇ ( يەنى داۋالىنىشمۇ) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر" دەپ جاۋاپ بەرگەن".

    بىر ئوغرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى، ئۆمەر ئۇنىڭدىن: نېمە ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلدىڭ؟ دەپ سورىغاندا، ئوغرى: ئاللاھ شۇنى تەقدىر قىلىپتىكەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۆمەر : "ئۇنى دەررە بىلەن ئۇرۇپ، قولىنى كىسىڭلار" ديدۇ. باشقىلار ئۆمەردىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىمىز دەپ سورىغاندا ، ئۆمەر: "ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولى كىسىلىدۇ، ئاللاھغا يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تاياق يەيدۇ" دېگەن.

    مۇسۇلمان كىشى تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، كەمچىللىك قىلغان تەرەپلىرى ھەققىدە تەقدىر بىلەن بانا كۆرسەتمەيدۇ. كىم تەقدىرىنى بانا قىلىپ كۆرسىتىدىكەن ئۇنىڭ ھۆججىتى جىڭغا ئولتۇرمايدۇ.

    ئاللاھ قۇرئاندا: { سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا( سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)}دەيدۇ،( سۈرە ئەھزاب- 5- ئايەت).

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" تەقدىرنى دۇئادىن باشقىسى توسالمايدۇ، ئۆمۈرنى ياخشلىقتىن باشقىسى ئاشۇرالمايدۇ" دېگەن

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053