• قەرەداۋى بىلەن سۆھبەت

    ۋاقىت:2010-04-21 | تۈرى:ئىسلامى ماقالىلەر--

     تۆۋەندىكى ماقالە قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇستاز،دوكتور يۈسۈپ قەرەداۋى بىلەن ‹‹شەرىئەت ۋە ھايات››ماۋزۇسىدا ئىلىپ بېرىۋاتقان ھەپتىلىك سۆھبەت پروگراممىسى بولۇپ،بۇ ھەپتىلىك سۆھبەت تېمىسى‹‹مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىدىكى ئەۋۋەللىك فىقھىسى››.
    كىرىش سۆز؛
    بۈگۈن بىز مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىدىكى ئەۋۋەللىك فىقھىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بارىمىز،سۆھبىتىمىز مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئەۋۋەللىك فىقھىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تاللاش ئۆلچەملىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ۋە شەخس،ئائىلە،دۆلەت ۋە مىللەت سۈپىتىدە ئەۋۋەللىك فىقھىسىنى قانداق ئىجرا قىلىمىز؟ئەۋۋەللىك فىقھىسى دىنى ساھىدىلا بولامدۇ ياكى ئۇنى ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىمۇ قوللىنىشقا بولامدۇ؟ئىنسان پەرۋەردىگارىغا ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەر قايسى؟ئىنساننى پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان دۇنيا ئەمەللىرى قايسى؟ئۇ دېھقانچىلىقمۇ؟ياكى سانائەتمۇ ۋەياكى تىجارەتمۇ؟دىگەن تىمىلارد بولىدۇ،بىز ئۇستاز،دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋىغا بۇ سۇئاللارنى تاشلايمىز،
    دىكتور؛ئو
    سۇئال؛يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋۋەللىك فىقھىسى دىگەن بۇ ئۇقۇم پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ئەۋۋەللىك فىقھىسى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويغۇچى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ئۇنى تەپسىلى بىر چۇشەندۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز؟
    قەرەداۋى؛
    ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيە ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن،بۇ تۇرلۇك فىقھىنى مەن مىنىڭ‹‹چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش ۋە سەل قاراش ئارىسىدىكى ئىسلام ئىڭى››دىگەن‹‹كىتابىمدا ئەمەللەرنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش فىقھىسى››دەپ ئاتىغان ئىدىم،مىنىڭ بۇنىڭدىن دىمەكچى بولغىنىم ئىسلامدىكى ھەربىر ئەمەلنىڭ دەرىجىسى ۋە قىممىتى بار دىگەنلىك ئىدى،لىكىن مەن كىيىن بۇ تۇرلۇك فىقھىنى ئەۋۋەللىك فىقھىسى دەپ ئاتاشنى بەكرەك لايىق تاپتىم،شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئاتالغۇ تارقالدى ۋە ھەممىگە تونۇلۇشقا باشلىدى ۋە ئۇ توغىردا نۇرغۇن كىتاپلار يىزىلدى،بۇ فىقھنى سۆزلەش ۋە تەكىتلەشتىن ئاساسى مەقسەت كىشىلەرگە ئىلگىرى ۋە كىيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تونۇتۇش،چۇنكى بىز كۆپىنچە ئىلگىرى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى كىيىن قىلىمىز ۋە كىيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ئىلگىرى قىلىمىز،كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋىتىمىز ۋە چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىۋىتىمىز،ئانچىكى بىر ئىشلارغا ناھايتى ئەھمىيت بىرىپ كىتىمىز ۋە ناھايتى مۇھىم ئىشلارغا سەل قارايمىز،ئەسلىدە بىز ھەربىر ئەمەلگە ئاللا ئۇنىڭغا بەرگەن مەرتىۋىسىنى ۋە دەرىجىسىنى بىرىشىمىز لازىم ئىدى،ئەڭ خەتەرلىك ئىش بىزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشنى 70-دەرىجىلىك ئىش قىلىپ قويىشىمىزدۇر،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر،ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق،ۋە ئەڭ تۆۋىنى يولدىن ئەزىيەتنى يوق قىلىشتۇر،››دىمەك ئەمەللەرنىڭ دەرىجىلىرىگە ۋە ئورۇنلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز لازىم،ناھايتى ئەپسۇس نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار مانا بۇنىڭغا سەل قارىدى،شۇڭلاشقا بىز ئۇنى مەخسۇس بىر تىما قىلىپ سۆزلەشكە ۋە تەكىتلەشكە ۋە ئۇنى تەكرار تەكرار بايان قىلىشقا،ئۇنىڭ ئۇچۇن دەلىل پاكىتلارنى ھەم مىساللارنى كەلتۇرۇشكە مەجبۇر بولدۇق،مەقسىدىمىز مۇسۇلمانلارنى بۇ توغىردا ئىنچىكە،مۇپەسسەل چۇشەنچىگە ئىگە قىلىش،چۇنكى دىندا ئىنچىكە چۇشەنچىگە ئىگە بولۇش بىر مۇسۇلمان يىتەلەيدىغان ئەڭ ئەلا ۋە ئەبزەل مەرتىۋە،چۇنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ئاللا كىمگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىندا ئىنچىكە چۇشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ››دىگەن ئىدى،
    دىكتور؛
    ھۆرمەتلىك دوكتۇر سىزنى بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغىنى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ رىئاللىقىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئىسلام فىقھىسىدىن ۋە ئىلگىركى ئالىملارنىڭ كىتاپلىرىدىن ئاساسى بارمۇ؟
    قەرەداۋى؛
    ئۇنىڭ ئەلۋەتتە ئىسلام فىقھىسىدا ئاساسى ۋە ئورنى بار،بۇرۇنقىلارنىڭ موشۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمىگەنلا يىرى بار خالاس،ئۇلار پەقەت نەرسىلەرنىڭ پەزىلىتىنىلا تەتقىق قىلغان،مەسىلەن بىز بەزىلەرنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى كۆرىمىز(پەرىزنى ئادا قىلمىغىچە ئاللا نەپلىنى قوبۇل قىلمايدۇ،پەرىزنى دەپ نەپلىدىن قۇرۇق قالغان ئادەم ئەپۇ قىلىنىدۇ،نەپلىنى دەپ پەرىزدىن قۇرۇق قالغان ئادەم ئاتىكاچىلىق قىلغان بولىدۇ،)يەنە مۇنداق دەپ ئۇچىرتىمىز(ئۇسۇلنى زايا قىلىۋەتكەن ئادەم ھىچنەرسىگە ئىرىشەلمەيدۇ)،،،بىز يەنە ئىبنى تىيمىييەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى كۆردۇق(جىھاد تۇرىدىكى ئەمەللەر ھەج تۇرىدىكى ئەمەللەردىن ئەبزەلراقتۇر)ئۇ بۇنى ئەلۋەتتە ئاللانىڭ يۇقارقى ئايىتىدىن خۇلاسىلىگەن؛‹‹سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى،مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى،ئاللاغا،ئاخىرت كۇنىگە ئىمان ئىيتقان ۋە ئاللا يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ(ئىمانىغا)ئوخشاش ھىساپلامسىلەر؟ئاللانىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس،ئاللا زالىم قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ،ئىمان ئىيتقانلارنىڭ،ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللا يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر،ئەنە شۇلار(ساۋاپ تىپىش بىلەن)مەقسىدىگە ئىرىشكۇچىلەردۇر،››(سۇرە تەۋبە19-20-ئايەتلەر)
    بىز يەنە ئىمام غەززالىنىڭ(ئۇنى موشۇ تىمىدا ئەڭ كۆپ توختالغان كىشى دىيىشكە بولىدۇ)ئۆزىنىڭ‹‹ئىھيا›› ۋە ‹‹غەرۇر›› دىگەن كىتاپلىرىدا كىشىلەرنىڭ كىيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئىلگىرى قىلىش،نەدىكى كىچىك ئىشلارغا چىڭ ئىسىلىۋىلىش،لىكىن مۇھىم ۋە ئەھمىيىتى چوڭ نەرسىلەرگە سەل قاراش ئارقىلىق ئۆزىنى ئالداپ يۇرىۋاتقانلىقى توغۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى كۆردۇق،ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ياخشى ئەمەللەر ئارىسىدىكى تەرتىپنى يوقىلىشى يامانلىقتۇر›› ئۇ يەنە مەسىلەن مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىز پەرىزنى نەپلىگە ئىلگىرى قىلىمىز،پەرىز ئەيننى پەرىز كۇپايىگە ئىلگىرى قىلىمىز،بىر ئادەممۇ ئىجرا قىلمىغان پەرىز كۇپايىنى ئىجرا قىلغىلى ئادەم بار پەرىز كۇپايىگە ئىلگىرى قىلىمىز،مەسىلەن فىقھى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۇركۇم كىشىلەرنىڭ بولۇشى پەرىز كۇپايىدۇر،يەنە بىر تۇركۇم كىشىلەرنىڭ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشى پەرىز كۇپايىدۇر،لىكىن بىر شەھەردە فىقھى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 50دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ بىرمۇ مۇسۇلمان دوختۇرنىڭ بولماسلىقى ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىسەللىرىنى مۇسۇلمانلار جەميىتىدىكى غەيرى مۇسۇلمانلارغا كۆرسىتىشى مانا بۇ ئەيىپ ۋە نوقسانلىق ئىشتۇر،يەنە بىر تۇركۇم ۋاقتى بىلەن بىلەن بەلگىلەنگەن پەرىزلەر بار ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا،ۋاقتى بەلگىلەنمىگەن پەرىزلەردىن بۇرۇن ئورۇنلاش لازىم،مەسىلەن جۇمە نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالغان بولسا ئۇنى ئادا قىلىۋىتىپ ئاندىن كىيىن باشقا پەرىزلەرنى ئادا قىلىش لازىم،دىمەك ياخشى ئەمەللەر ئارىسىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلىش لازىم››يەنە بىر تۇركۇم ئالىملار بۇ تىما توغۇرلۇق تۇرلۇك ساھەلەردە سۆزلىگەن،مەسىلەن ئىبنى قەييۇم(ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەبزىلى،ئاللاغا ئەڭ ئەرزىيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل توغۇرلۇق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بەزى كىشىلەر ئەڭ ئەبزەل ئەمەل ئەڭ مۇشەققەتلىك بولغان ئەمەلدۇر دىسە،يەنە بەزىلەر باشقىلارغا ئەڭ كۆپ مەنپەئەت يەتكۇزىدىغان ئەمەل ئەڭ ئەبزەل،ئەڭ ياخشى ئەمەلدۇر دەيدۇ،ئومومەن قىلىپ ئىيتقاندا مۇتلەق ئەبزەل ياكى مۇتلەق ياخشى دەيدىغان نەرسە يوق،پەقەت مۇئەييەن ئورۇن ۋە مۇئەييەن ۋاقىتتىكى ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭغا ئەڭ ئەبزەل ۋە ئەڭ ياخشى دەپ ھىساپلىنىدىغان ئەمەل بار،مەسىلەن بىر مۇساپىرغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئەمەل روزا تۇتۇش ياكى پۇل مىلىنى ئاللا يولىدا ۋەجەميەتنىڭ خىزمىتى ئۇچۇن چىقىم قىلىش ئەمەس،بىر ئالىمغا نىسبەتەن ئەمەلنىڭ ئەڭ ئەبزىلى ۋە ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرگە بىلىم ئۇگىتىش بولسا بىر ھاكىمغا نىسبەتەن ئەمەلنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇش،‹‹ئادىل ۋالىنىڭ بىر كۇنى ئاتمىش يىللىق ئىبادەتتىن ياخشى››،،،ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ئەڭ ياخشى ئەمەل توغۇرلۇق سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاۋابى سورىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ خىلمۇ خىل بولغان بولۇپ،بەزىلەرگە ئاللاغا ئىمان كەلتۇرۇش ئەڭ ياخشى ئەمەل دەپ جاۋاپ بەرسە يەنە بەزىلەرگە نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئەڭ ياخشى ئەمەل دەپ جاۋاپ بەرگەن،يەنە بەزىلەرگە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دەپ جاۋاپ بەرگەن،،،،،،،بۇنىڭ سەۋەبى چۇنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەربىر ئادەمگە شۇ ئەڭ ئىھتىياجىلىق نەرسىنى ئىيتىپ بىرەتتى،بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مىنى جەننەتكە كىرگۇزىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەلنى ئىيتىپ بەرگىن دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۇرۇغ تۇغقانچىلىقىنى ئۇلىغىن دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسا يەنە بەزىلەر موشۇنىڭغا پۇتۇنلەي ئوخشايدىغان سۇئالنى سورىغاندا ئۇنىغا ئاچچىقلانمىغىن دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى،شۇڭلاشقا كىشىلەرنى ئاللانىڭ دىنىغا چاقىرماقچى بولغان ئادەم كىسەلنىڭ قىشىدىكى دوختۇرغا ئوخشاش بولۇپ ئۇنىڭغا ئەڭ تىز پايدا قىلىدىغان،كىسىلىنى ئەڭ ئاسان ساقايتىدىغان دورىنى بىرىش لازىم،››
    دىكتور؛
    ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۇچۇن ياشاۋاتقان رىئاللىقىمىزنى بىلىش لازىم بولىدىكەن،سىلەرنىڭ قارىشىڭىلارچە ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەۋۋەللىك فىقھىسىدا نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق ۋە ئىزتىراپ يۇز بەردى؟
    قەرەداۋى؛
    ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا،ئىشلارنىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىپ شۇ بويچە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەۋۋەللىكلەر ساھەسىدە ئىغىر قالايمىقانچىلىق ۋە زور نوقسان بار،مەسىلەن بىزنىڭ ئىسلام جەميىتىمىزدە ياشلارغا كۆڭۇل بۆلۇش نامى بىلەن توپ مۇسابىقىلىرىگە ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بىرىدىغان ئىشلار بار،لىكىن ياشلارغا كۆڭۇل بۆلۇش دىگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسى نىمە؟ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلارغا روھى،ئەقلى جىسمانى،ئەقلى،ئەخلاقى،ئەسكىرى ۋە ئىجتىمائى جەھەتلەردىن تەڭ كۆڭۇل بۆلۇشنى كۆرسىتىدۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىگىلا كۆڭۇل بۆلۇش يەنە تىخى بۇنىمۇ پەقەت شۇ توپ ئويناش بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغاندەك ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇپ كىتىش مانا بۇنى ئەۋۋەللىك فىقھىسىنى بىلمىگەنلىك،ئىشلارنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپىنى چۇشەنمىگەنلىك دىيىشكە بولىدۇ،
    يەنە مەسىلەن سەنئەت ۋە سەنئەتكارلار مەسىلىسىنى ئالساق،سەنئەت دىگەن ئەسلىدە ھەرقايسى ساھەلەردە قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان جەميەت ئەزالىرىنىڭ ئازراق ئارام ئىلىۋىلىشى ئۇچۇن پايدىلىق ئىدى،(قەلبىڭلارنى بىرەر سائەت بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇڭلار چۇنكى مەجبۇرلانغان قەلىپ ئەماغا ئايلىنىپ قالىدۇ،)لىكىن ئۇنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ‹‹سۆزگە قىستۇرىدىغان چاقچىقىڭ خۇددى ئاشقا تۇز سالغاندەك مىقداردا بولسۇن››دەپ ئىيتقىنىدەك ئۆز لايىقدا بولماي بەلكى چەكتىن ئىشىپ كىتىشى ۋە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىشى مانا بۇنى ھەم ئەۋۋەللىك چۇشەنچىسىدىكى تۆۋەنلىك ۋەكەمچىللىك بولىدۇ،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئاللا ئاسماننى ئىگىز ياراتتى،ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۇچۇن ئاللا تارازىنى بىكىتتى،ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار،تارازىدا كەم بەرمەڭلار،››(سۇرە رەھمان)ئاللا مانا بۇ ئايەتتە تەڭپۇڭ بولۇڭلار دىگەننى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ،قاراپ باقايلى! ھازىر جەميەتتىكى چولپانلار كىملەر؟ئەلۋەتتە ھەرقايسى ساھەلەردە كۆزگە كۆرۇنگەن ئالىملار،مۇتەپەككۇرلار،ئەدىب-يازغۇچىلار ۋە باشقىلار ئەمەس بەلكى ئاشۇ توپچىلار،سەنئەتچىلەر ۋە كىنو ئارتىسلىرى،موبادا بۇلارنىڭ پۇتىغا بىرەر شوخا كىرىپ كەتكەن تەقدىردە پۇتۇن ئاخپارات ۋاستىلىرى بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆرە-تۆپە بولۇپ كىتىشىدۇ،لىكىن نۇرغۇن ئەۋلاتلارنى تەربىيلىگەن،بۇيۇك ئالىمىز شەيىخ مەھمۇد شاكىر(بۇ كىشى مىسىرلىق مەشھۇر دىنى ئالىم، ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن،)ۋاپات تىپىپ كىتىۋىدى ئۇنىڭ ئۆلۇمىنى بىر كىشىمۇ ئاڭلىمىدى،مانا بۇمۇ ئىشلارنىڭ تەرتىبىنى بىكىتىشتىكى نوقسان،ھەتتا دىندارلارنىڭ قىشىدىمۇ بۇنداق نوقساندىن نۇرغۇنى تىپىلىدۇ،مەسىلەن ھەريىلى بەيتۇللاغا بىرىپ ھەج قىلىدىغان ئادەمنىڭ پەقەت15%تىلا بۇرۇن ھەج قىلىپ باقىمغانلار،لىكىن 85%ئادەم بۇرۇن بىر قىتىم ياكى ئىككى قىتىم ۋە ياكى ئون نەچچە قىتىملاپ ھەج قىلغان،مەن ھەتتا 40قىتىمدىن كۆپرەك ھەج قىلغان كىشىلەرنىمۇ تونۇيمەن،موبادا بىز ئۇلارغا نەپلى ھەجگە چىقىم قىلىۋاتقان موشۇ پۇللىرىڭلارنى پەلەستىن،بوسنىيە،كەشمىر ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان ۋە ئىقتىسادى نامراتلىقتىن ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىڭلارغا ئەۋەتىپ بىرەيلى،ئەگەر بۇ يۇزلەپ،مىڭلاپ پۇللارنى جۇغلىساق خىلى چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا يەتكۇدەك مىلىيۇنلاپ ئىقتىساد بولىدۇ دىسەك،ئۇلار تائەت ۋە ئىبادەتكە ھىچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ دەيدۇ،بىز ئۇلارغا دەيمىزكى سىلەر نىمە ئۇچۇن تائەت ۋە ئىبادەتنى كەبىگە بىرىش ۋە ھەج قىلىش بىلەنلا چەكلەپ قويىسىلەر؟ئاچلارغا تاماق بىرىش،يالىڭاچلارغا كىيىم بىرىش ۋە كىسەللەرنى داۋالاش ياكى باشقىلارنى تەربىيلەش تائەت ۋە ئىبادەت ئەمەسمىكەن؟!!!
    ھىندونىزىيەدە ھەدەپ خىرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە كاپىرلاشتۇرۇش ئەۋىج ئىلىۋاتقان ۋە ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئى مۇسۇلمان قىرىنداشلار بىزنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار دەپ توۋىلاۋاتقان ۋاقىتلاردا مەن موشۇ قاتاردا(يەنى قاتار دۆلىتىدە)ئاشۇ نەپلى ھەج قىلماقچى بولىۋاتقان قىرىنداشلارغا ھەجگە ئىشلەتمەكچى بولغان پۇللىرىڭلارنى ئاشۇ قىرىنداشلارغا ئەۋەتسەك قانداق دەيسىلەر؟دەپ قانچە قىتىملاپ دىسەم ئۇلار ھەج ئارقىلىق بىزنىڭ روھىمىز يەڭگىللەپ قالىدۇ ۋە كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ دىيىشتى،ھەج قىلسا يەڭگىللەپ قالىدىغان ۋە ئارام تاپىدىغان بۇ روھ مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش،كاپىرلاشتۇرۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالساق ۋە ئۇلارنىڭ ئاچلىرىغا تاماق،يالىڭاچلىرىغا كىيىم بىرىپ غەمخۇرلۇق قىلساق نىمە ئۇچۇن ئارام تاپمايدۇ ۋە يەڭگىللىمەيدۇ؟!!!
    دىمەك بىز كىشىلەرگە مۇشۇ تۇرلۇك خىزمەتلەرنى تەقدىم قىلغان ۋاقتىمىزدا روھىمىز يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلىش،خۇشاللىق تىپىش ۋە ئۆزىمىزنى بەخىتىلىك ھىس قىلالىشىمىز ئۇچۇن دىننى يىڭىدىن بىر چۇشىنىشكە ۋە ئۇنىڭدا فەقىھ بولۇشقا جىددى ئىھتىياجلىق.
    دىكتور؛
    بىز ئالدى بىلەن بىر شەخىس بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئەۋۋەللىك فىقھىسىنى قانداق ئىجرا قىلىمىز؟
    قەرەداۋى؛
    بىر مۇسۇلمان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىمانىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلىشى،ئاللادىنلا قورقىدىغان ۋە ئاللادىنلا ئۇمىد قىلىدىغان بولىشى كىرەك،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاغا ۋە ئاللانىڭ پەرىشتىلىرىگە،كىتاپلىرىغا،پەيغەمبەرلىرىگە،تەقدىرگە ۋە ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامىنىغا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئاندىن ئىسلامنىڭ باشقا  پەرىزلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىشى كىرەك،
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا بىر تاغلىق ئەرەپ كىلىپ ئى مۇھەممەد ماڭا ئىسلامدىن خەۋر بەرگىن دىگەن ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا؛‹‹ئىسلام دىگەن سىنىڭ ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىشىڭ ۋە نامازنى بەرپا قىلىشىڭدۇر،››دەپ جاۋاپ بەرگەن،ئۇ كىشى ماڭا يەنە ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹يوق،لىكىن ئىختىيارى قىلساڭ بولىدۇ›› دىگەن،ھىلىقى كىشى ئاندىن نىمە ؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ زاكاتنى ئادا قىلىشىڭدۇر›› دىگەن،ھىلىقى كىشى ماڭا يەنە ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹يوق،لىكىن ئىختىيارى قىلساڭ بولىدۇ›› دىگەن،ھىلىقى كىشى ئاندىن نىمە؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ روزا ››دىگەن، ئۇ كىشى ماڭا يەنە ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹يوق،لىكىن ئىختىيارى قىلساڭ بولىدۇ›› دىگەن كۆرۇپ تۇرۇپتىمىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمگە ئىسلامدىكى ئاساسلىق پەرىزلەرنى تونۇشتۇرغان،بۇ كىشى ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى!مەن بۇنىڭغا زىيادىمۇ قىلمايمەن ۋە كەممۇ قىلمايمەن دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ موبادا بۇ ئادەم راسىت ئىيتقان بولسا نىجاد تاپتى، موبادا بۇ ئادەم راسىت ئىيتقان بولسا جەننەتكە كىردى›› دىگەن،بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ كىمىكى جەننەت ئەھلىدىن بىر كىشىگە قارىماقچى بولسا مانا موشۇ ئادەمگە قارىسۇن›› دىگەن،مانا بۇ كىشىلەرگە دىننى ئۇگەتكەن ۋە ئۇلارنى دىنغا چاقىرغان ۋاقىدا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىش،مەن ياپۇنىيەگە باغان ۋاقتىمدا ئۇ يەردىكىلەردىن ياپۇنىيەدە ئىسلام تارقىلىۋاتامدۇ؟دەپ سورىسام ئۇلار بەك تەس بولىۋاتىدۇ،ياپۇنلار سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا ۋەزىپە ۋە تەكلىپلەر بەك كۆپ ئىكەن دەيدۇ،دەپ جاۋاپ بەردى،مەن دىدىم؛چۇنكى سىلەر ئۇلارغا ئۇگەتكەندە مانا موشۇنداق كۆپ قىلىۋەتكەن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىن تەكلىپلىرىنىڭ ئىمكان قەدەر ئاز بولىشىغا قىزىقاتتى،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئى مۇئمىنلەر سىلەر ئەگەر ئاشكارا بولسا سىلەرگە قىيىنچىلىق كەلتۇرۇپ قويىدىغان نەرسىلەر توغۇرلۇق سورىماڭلار››،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ؛‹‹مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى جىنايىتى ئەڭ چوڭ ئادەم،ھارام قىلىنمىغان بىر نەرسە توغۇرلۇق سورىغان،ئاندىن ئۇ نەرسە ئۇنىڭ سورىغانلىقى تۇپەيلىدىن ھارام بولۇپ قالغان ئادەمدۇر،››
    بىز كىشىلەرگە ئالدى بىلەن ئاساسلىق پەرىزلەرنى ئۇگىتىشىمىز،ئاندىن ئۇلارنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارغۇچى چوڭ گۇناھلاردىن توسۇشىمىز كىرەك،ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان چوڭ گۇنا يەتتىدۇر،ئۇلار؛ئاللاغا شىرىك كەلتۇرۇش،سىھىر،ئاللا ئۆلتۇرۇشنى ھارام قىلغان پاك جاننى ئۆلتۇرۇش،جازانە،يىتىمنىڭ مىلىنى يەۋىلىش،پاك مۇئمىن ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاش،يالغان گۇۋاھلىق بىرىش ۋە ئاتا ئانىنى قاقشىتىش.
    ئەمدى كىچىك گۇناھلارغا كەلسەك ئۇلاردىن ساقلىنالايدىغان،خالى بولالايدىغان ئادەم بەك ئاز،لىكىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كىرەك،بىز ئاساسلىق پەرىزلەر ۋە ساقلىنىشقا تىگىشلىك چوڭ گۇناھلار توغۇرلۇق سۆزلىگەندە ئەنە شۇ يۇقارقىلارنى كۆزدە تۇتىمىز،ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئىسلامى ھاياتتا ياشاشقا قويۇپ بىرىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەمەل قىلىمىز،ئۇنىڭ شۇئارى ئۆزۇڭنى ئىسلاھ قىل ۋە كۇچۇڭ يەتكەنچە باشقىلارنى ئىسلامغا چاقىر دىگەندىن ئىبارەت بولىدۇ،چۇنكى ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئاللاغا چاقىرغان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ۋە شۇبھىسىزكى مەن مۇسۇلمانلاردىن دىگەن ئادەمدىنمۇ سۆز جەھەتتە چىرايلىق ئادەم بارمۇ؟››ئاللا يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹زامان بىلەن قەسەمكى،ئىمان ئىيتقان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،بىربىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان،بىربىرىگە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر،››
    شەخس-جەميەت بىناسىنى تەشكىل قىلىدىغان،تۇنجى ۋە ئاساسلىق قىش،بۇ قىش ساغلام ۋە مۇستەھكەم بولىشى كىرەك،
    دىكتور؛
    ئائىلە قۇرۇشتا ئەۋۋەللىك فىقھىسىغا قانداق رىئايە قىلىش كىرەك؟
    قەرەداۋى؛
    ئالدى بىلەن ئۆمۇرلۇك ھەمراھىنى ياخشى تاللاش بىلەن باشلاش كىرەك،‹‹دىن ئىگىسىنى تاللىغىن،بەخىتلىك بولىسەن،››‹‹سىلەرگە سىلەر دىنى ۋە ئەخلاقىغا رازى بولىدىغان ئادەم كەلسە ئۇنىڭغا ئۆيلەپ قويۇڭلار،››ئاندىن ئائىلىدە ئاللانىڭ بەلگىلىمىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلاش ۋە قۇرئان ۋە ھەدىس كۆرسەتكەن يول بىلەن چىرايلىقچە تۇرمۇش كەچۇرۇش كىرەك،قەدىمقىلەردىن مىراس قالغان ياكى ئەجنەبىيلەردىن كىرگەن قالاق،خوراپى ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇپ ئاللانىڭ بەلگىلىمىر ۋە تەلىملىرىنى راۋۇرۇس ئىجرا قىلىش لازىم.
    دىكتور؛
    ئەۋۋەللىك فىقھىسىنى دۆلەت سۇپىتىدە قانداق ئىجرا قىلىش كىرەك؟
    قەرەداۋى؛
    بۇ ئەلۋەتتە مۇقىم بىر قىلىپقا ئىگە ئىش ئەمەس،مەسىلەن ھارۇن رەشىد ۋاقتىدىكى دۆلەت بىلەن پەلەستىننى كىرىسىت ئارمىيسى بىسىۋالغان ۋاقتىدىكى دۆلەت بىربىرگە ئوخشىمايدۇ،كىيىنكى خىل دۆلەت شارائىتىدا ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئەۋۋەل قىلىدىغان ئىش ئەقسا مەسجىدىنى ۋە پەلەستىننى باسقۇنچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش بولۇپ قالىدۇ،بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئەۋۋەل قىلىدىغان ئىشلارنى ۋە ئەمەللەرنىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىشتە زامان ۋە ماكاننىڭ ئەھۋالىغا قاراش لازىم،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹(ئاللانىڭ ياردىمىگە ئىرىشىشكە ھەقلىق بولىدىغانلار)شۇنداق كىشىلەردۇركى،ئەگەر ئۇلارنى يەر يۇزىدە ئۇستۇنلىككە ئىگە قىلساق،نامازنى ئادا قىلىدۇ،زاكاتنى بىرىدۇ،ياخشى ئىشلارغا بۇيرىيدۇ،يامان ئىشلاردىن توسىدۇ،ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاغا مەنسۇپتۇر،(يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاغا قايتىدۇ،)››مانا بۇ ئايەتتە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىشلار ھەرقانداق بىر دەۋىردە ئەۋۋەل قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئاساسى،بۇ ئايەتتە ئاللانىڭ ھەقلىرىگە ئىشارەت قىلىنغان ۋە ئۇ مۇسۇلمان ئۇممىتىنىڭ ئۆزىدە ئاللا تەلەپ قىلغان قىممەتلەرنى ھازىرلاش،ۋە ئۇنىڭغا كۇزەتچى بولۇش،زاكاتنى بىرىش ۋە ئاجىزلارغا يار يۆلەك بولۇش،سىنىپ ياكى تەبىقە ئايرىماستىن ئىجتىمائى كاپالەت بەرپا قىلىشتەك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئىسلامدىن بۇرۇن كىشىلەر باجنى كەمبىغەللەردىن ئىلىپ بايلارغا تاپشۇراتتى،كەمبىغەللەر ھىچنەرسىگە ئىرىشەلمەيتتى،ئاندىن ئۇ يەنە ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش،يەنى جەميەتتە گۇزەل پەزىلەتلەرنى ۋە يۇكسەك قىممەت قاراشلارنى،ئالى ئۇلگىلەرنى تارقىتىش ۋە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق رەزىللىك ۋە بۇزۇقچىلىقىنى چەكلەشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،
    ئاندىن ھەربىر دۆلەت(موبادا بىز رايۇن دۆلەتلىرىنى كۆزدە تۇتساق)ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى بەلگىلىشى لازىم،موبادا كىشىلەر ئاچ قالغان بولسا ئالدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئەلۋەتتە ئۇلارغا تاماق بىرىش ۋە يىزا ئىگىلىك ۋە دىھقانچىلىقىنى كۇچەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بولىدۇ،ئەگەر بۇ دۆلەتتە بايلىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنى تەكشىسىز بولسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئالدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغان ۋە بايلىقلارنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر تۇزۇم بەرپا قىلىش بولىدۇ،
    موبادا بۇ دۆلەتتە يۇقۇملۇق كىسەللەر تارقىلىپ خەلىقىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بولسا خەلىقىنىڭ ھاياتى ۋە بىىەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساغلاپ،بىجرىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن بۇ كىسەللەرگە تزدىن ئىلاج قىلىش ئالدىن قىلىشقا ۋە ھەممىدىن بۇرۇن ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك ئىش بولىدۇ،موبادا بۇ دۆلەتتە ساۋاتسىزلىق ئىغىر بولسا ئالدىن قىلشقا تىگىشلىك ئىش ساۋاتسىزلىقىنى تۇگىتىش ۋە ئۇنى تۇگىتىش ئۇچۇن سىستىمىلىق قەدەم باسقۇچلارنى ۋە پىلانلارنى تۇزۇپ ئىجرا قىلىش بولىدۇ،چۇنكى ساۋاتسىزلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئىسلام ئۇممىتىگە نىسبەتەن بىر قارا داغ ۋە نۇمۇسلىق ئىشتۇر.
    دىكتور؛
    دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ريۇنلىرىدا قىزلارنى خەتمە قىلىش مەسىلىسى،ھىجاپ،نىقاب ۋە شۇلارغا ئوخشاش ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كەسكىن كۆرەشلەر ۋە جىدەل مۇنازىرىلەر مۇۋجۇت،موشۇنداق ئىىتىلاپلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئىلىپ بىرىلىۋاتقان جىدەل ۋە مۇنازىرىلەرگە قارىتا سىزنىڭ قارىشىڭىز نىمە؟
    قەرەداۋى؛
    موبادا ئۇلارنىڭ ئەۋۋەللىك فىقھىسى توغىرسىدا ئازراق بىلىمى بولغان بولسا بىزنىڭ ئۇسۇلغا ياتىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى قوشۇمچە،شاخچە مەسىلىلەردىن،پەرىزلەرنى نەپلىلەردىن،ھەممە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرنى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن ئىلگىرى قىلىشىمىز لازىملىقىنى بىلگەن بولاتتى،قىرىنىداشلىرىمىز ئىختىلاپ قىلىۋاتقان يۇقارقى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار مانا شۇ ئىختىلاپ بىلەن بولۇپ ھەممە بىرلىككە كەلگەن،ئىختىلاپسىز مەسىلىلەرنى تاشلاپ قويىۋاتىدۇ، ، ئىسلام ئۇممىتى ناماز ئوقۇماسلىق ۋە نامازنى زايا قىلىۋىتىش سەۋەبىدىن ئۆزى زايا بولۇپ كىتىۋاتىدۇ،ئۇلار نامازغا سەل قارىدى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى،بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ كۆڭۇل بۆلىدىغىنىم ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ نامازدا قولىنى قەيەردە قويىشى ئەمەس بەلكى ناماز ئوقۇمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى بولىشى كىرەك،يەنە شۇنىڭدەك يالىڭاچلىق ۋە ئىسلامى يۇسۇندا كىيىنىشكە سەل قاراش ئىسلام ئۇممىتىنى ھالاكەتكە ئىلىپ مىڭىۋاتقان پەيىتتە مەن نىقاپنى(مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۇزىنى يۆگىشىنى) تەكىتلەشنى مۇھىم دەپ قارىمايمەن،چۇنكى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ئايالنىڭ بىشىغا لىچەك سالىدىغانلىقى ۋە يۇزى بىلەن قولىدىن باشقا قىسىملىرىنى يۆگەيدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن،نىقاپنى پەرىز دەپ قارىۋالغانلار ئەۋۋەللىك فىقھىسىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئىبارەت،ھەممە بىرلىككە كەلگەن ۋە تىخىمۇ مۇھىم بولغان نۇرغۇن پەرىزلەر تاشلىنىپ قىلىۋاتقان پەيىتتە نىقاپنىڭ ھۆكمىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇش ئۇچۇن قۇرۇلتاي،يىغىنلارنى چاقىرىش ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى بىلمىگەنلىك،ھازىرقى قىيىنچىلىق بويۇن،كۆكرەك ۋە بىلەكلەرنىڭ ئىچىلىشى بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بۇرۇن ئەھمىيەت بىرىش كىرەك،ھازىر بىزدىكى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇكى دەۋەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مانا موشۇنداق ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر ئۇچۇنلا ياشايدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىسى تىخى بۇ توغىردا كىتاپلارنى يىزىپ كىتىدۇ،
    بۇ مەسىلىلەر بەلكىم بىز ئىسلامنى تاقىتىشتا كۆڭۇلدىكىدەك بىر نىشانغا يىتىپ بولغاندا كۆتۇرۇپ چىقىلسا ئاندىن مۇۋاپىق بولاتتى،ئەمما بىز ھازىر تىخى كىشىلەرگە ئەمدى ئىسلامنىڭ ئەلىف بىلەن بەسىنى ئۇگىتىۋاتىمىز،بەزىلەرنىڭ ئەللىك يىللاپ دىنسىز تۇزۇمنىڭ ئاستىدا ياشاپ،ئىسلامدىن تولۇق چەتلىتىلگەن،ئۆمىرىدە بىرەر قىتىممۇ قۇرئان ياكى ھەدىس كۆرۇپ باقمىغان بوسنىيە ۋە ھەرسەكتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىشىغا بىرىپ مەزھەپ ئىختىلاپلىرى،پارچە مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشلار توغۇرلۇق سۆزلەپ يۇرىشى زادى قانداق گەپ؟!!!بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان ئىشىمىز قايسى ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن ئالدىن بىلەن ئۇلارغا ئىسلامنى ئۇگىتىشتىن ئىبارەت بولىشى كىرەك،شۇڭلاشقا ھازىر ئالىملاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئۇلار نىمىنى ئىلگىرى قىلىش ۋە نىمىنى كىيىن قىلىشنى بىلىشى ۋە بىربىرىنى تولۇقلىش بولىشى كىرەك،ۋە يەنە ئۇلار ئىسلامنى ئۆزىنىڭ ساپ مەنبەسىدىن ئۇگىنىپ ئىنچىكە چۇشەنچىگە ئىگە بولىشى ۋە ئۇنىڭ دەلىل ۋە مەقسەتلىرىنى تونۇشى،قۇرئان ۋە ھەدىس تىكىستلىرىنىڭ سىرتقى يۇزىدە توختاپ قىلىپ مەنا-مەقسەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادەتنى تاشلىشى لازىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛‹‹كىمىكى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىشەنسە ئەسىر نامىزىنى پەقەت بەنى قۇرەيزەدىلا ئوقۇسۇن››دىگەندە ساھابىلەر ماڭغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر بۆلۇكلىرى قوياشنىڭ پىتىشقا ئازلا قالغانلىقىنى كۆرگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى نامازنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىۋىتىش ئەمەس بەلكى شۇ جايغا تىز يىتىپ بىرىش دەپ قاراپ يولدا ئەسىر نامىزىنى ئوقۇۋالغان يەنە بىر بۆلۇكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن يىرىم كىچە بولۇپ كەتسىمۇ  نامازنى ئاشۇ جايدا ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى دەپ قارىغان،دىمەك بىر بۆلۇك جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنىڭ زاھىرسىنى تۇتقان بولسا يەنە بىر بۆلۇكلەر ئۇنىڭ مەنا-مەقسىدىنى تۇتقان،شەيىخۇل ئىسلام ئىبنى تىيمىييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ مەسىلىدە كىمىنىڭ ئەڭ توغرا دىگەن توغىردا تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ نامازنى يولدا ئوقۇغانلارنىڭ ئەڭ توغرا قىلغان دىگەنگە باردى،لىكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى گورۇھنىڭ ھىچقايسىسىغا كايىمىغان،ھەتتا كىيىنكىلەر خاتا كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار يەنىلا ئەجىرگە ئىرىشىۋىرىدۇ،چۇنكى ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان،بىزبىلىمىزكى ئاللا ھەربىر نەرسىنى ھىكىمەت بىلەن چۇشۇرىدۇ،شۇڭلاشقا ئاللا قۇرئاندا نۇرغۇن ھۆكۇملەرنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىدىنى بايان قىلىپ بەردى،بىز قۇرئاندا نۇرغۇن ئورۇندا ھۆكۇملەرنىڭ سەۋەپ ۋە ھىكمەتلەر بىلەن بىللە كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.
    ئاخىرىدا بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاستۇر.
    مەنبە؛خەنزۇچە ئىسلام نورى توربىتى.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053