dunyablog.com
  • 2010年04月20日

    ئۇ مىنىڭ سىڭلىم - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62425076.html

     

    ھوللىۋودنىڭ يېڭى فىلىمىنى تۈگىتىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭغاچ تامدىكى سائەتكە قاراپ قويدۇم. سائەتنىڭ كىچىك سىترىلكىسى تۆتكە توغرىلىنىپ ئازراقلا ئاشقانىدى، ئېنىقكى، بامدات ۋاقتى ئاللىقاچان كىرىپ قالغانىدى. لېكىن ماڭا ھازىر ناماز ئوقۇش زادىلا خۇشياقمايتتى. ئاتا-ئانام ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن غىپپىدە كىرىپ يېتىۋېلىشنى ئويلاپ ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. 
    ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ياندىكى ئۆينىڭ چىرىقى يورۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ ئۆيدە سىڭلىم تۇراتتى. ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى قارىمىساممۇ بىلەتتىم. ئۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، قۇرئان ئوقۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئىدى. ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى ئاۋايلاپ ئېچىشىمغا ئۇ مېنى توۋلاپ قالدى:
    --ئاكا، بۇ سەنمۇ؟
    مەن ئۈنچىقمىدىم. ئاياق تىۋىشىمنىمۇ چىقارماسلىق ئۈچۈن جايىمدا جىم تۇرۇۋالدى، ئۇ ئىچىدىن چىقىپ كەلدى:
    --گەپ قىلسام جاۋاب بەرمەيسەنغۇ ئاكا؟ بامداتنى ئوقۇدۇڭمۇ؟
    --ھەئە، ئوقۇدۇم،--ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئەپقېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىمنى سېزىپ قالدى.
    --ئاكا، ياتىقىمغا كىرسەڭ، ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى.
    ئىككى يىل ئىلگىرى دوختۇر سىڭلىمنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىككى يىلدىن بېرى شۇنچە ئىزدەنگەن بولساقمۇ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يىلىك تاپالمىغان ئىدۇق، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئۆزى بولسا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ئاتا-ئاناممۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈگىشىپلا كېتىۋاتاتتى. جاھاندىكى بەزى ئىشلارغا ھەيران قالىمەن، ئاتا-ئانامنىڭ قان تىپى A، مېنىڭ قان تىپىممۇ A، پەقەت سىڭلىمنىڭ قان تىپىلا O تىپلىق ئىكەن...
    ئاكا، ھازىر سېنىڭ ماڭا ئىچىڭ ئاغرىۋاتىدۇغۇ، دەيمەن؟ مېنى ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ، دەپ مەن ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتامسەن؟ ياق ئاكا، قايغۇرمىغىن، مەن رەببىمنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەييار بولۇپ بولدۇم. ھازىر ھەربىر كۈنۈمنى بۇرۇنقى گۇناھلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزىۋاتىمەن. لېكىن ئاللاھنىڭ مېنىڭ جېنىمنى قاچان ئېلىشىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ سېنىڭ ئاغىنەڭ پەرھاتنىمۇ ماشىنا سوقۇۋېتىپ تۈگەپ كەتتىغۇ؟ شۇ چاغدىمۇ مەن ئاغرىق ئىدىم، پەرھات ئاكام تېخى ماڭا، قەيسەر بولۇڭ سىڭلىم، دېۋىدى، لېكىن ئۇ ئۆزى مېنىڭ ئالدىمدا كېتىپ قالدىغۇ؟ سەن ئاۋۋال ئۆلۈپ كېتەمسەن، ياكى مەنمۇ بۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن قاچانلا بولسۇن، ساڭىمۇ بىر ئۆلۈم ھامان بار، بۇ جاھاندا ئۆلمىگەن ئىنسان يوق. سەن رەببىمىزنىڭ ئالدىغا قانداق بېرىش ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر سەن ئەتە ئۆلۈپ كەتسەڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن؟ قەدىرلىك ئاكا، ياكى دوزاختا كۆيۈشكە تەييار بول، ياكى ئاللاھنى رازى قىلىشقا.بىز نېمىلا قىلمايلى، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. پۈتۈن جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگىن، ئاكا...
    بۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى ئۇ بۈگۈن بىرىنچى قېتىم قىلىۋاتقىنى يوق. بەلكى كېسەل كىشى مۇشۇنداق بولۇپ قالسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئەلۋەتتە ئۆلۈمگە يېقىنلاپ قالغان سىڭلىمغا ئازار بەرمەيتتىم. 
    ھازىر مەكتەپلەردە تەتىل مەزگىلى بولغاچ، ئۆيىمىزگە كۈندە تۇغقانلارنىڭ كىچىك بالىلىرى ئۇنىڭدىن دەرس ئۆگەنگىلى كېلەتتى. ئۇ بەزىدە ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە ساھابىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ ھېكايە سۆزلىگەندە كىچىك بالىلارغا لايىق تىل بىلەن سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلىرىگە مەنمۇ قىزىقىپ قۇلاق سېلىپ قالاتتىم. 
    دالان ئۆيگە چىقسام ئۇ بالىلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ئاخشامقى سۆھبەت تۈپەيلى سەل خىجىل بولۇپ قالغان ئىدىم، شۇڭا گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
    --ئۇكىلىرىم، ئاكاڭلارغا سالام دەڭلار، -دېدى سىڭلىم مېنى كۆرۈپ.
    --ياق، --دېدى كىچىك بالىلاردىن بىرى،--ھەدە، سەن ئۆزەڭ ئۆگەتكەنغۇ! رەسۇلۇللاھمۇ كىچىك بالىلارغا سالام قىپتىكەنغۇ! سەن ئۆزەڭ يالغۇز ئادەم جامائەتكە سالام قىلىشى كېرەك، دېگەنتىڭغۇ؟
    كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىقتا قالغىنىمنى سەزدىم. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېدىم-يۇ، سىرتقا ئۆزۈمنى ئېلىپ چىقىشقا ئالدىرىدىم، ئۇلارنىڭ جاۋابىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى.
    كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانىمىز ئىككىلىمىزنى ياخشى ئىسلامى تەربىيە بىلەن تەربىيەلىگەن ئىدى. دادام بىزنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللەپ، كېيىن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى. ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي سىڭلىم ئىككىمىزمۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ئىدۇق. سىڭلىم مەندىن پەقەت ئىككى ياشلا كىچىك ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نومۇرغا ئېرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ھەممەيلەن سىڭلىمنىمۇ ناھايىتى ياخشى نومۇر ئالىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈپ تۇراتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغانىدى. 
    سىرتتا دوستلىرىم بىلەن بىر كۈننى ئويۇم-تاماشا ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، نامازشامغا يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ھەتتا ئادەتتە زادىلا سىرتقا چىقمايدىغان سىڭلىممۇ يوق ئىدى. بىر ئاز ھەيران بولدۇميۇ، تېلىۋىزورنى كۆرگەچ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقچى بولدۇم. شۇ ئارىدا ئىشىك ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
    --تېز بول بالام، دوختۇرخانىغا بار، سىڭلىڭنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى،--دېدى خوشنىمىز ئامىنە ھەدە كۆزىگە ياش ئېلىپ، تولىمۇ جىددىيلەشكەن ئاۋازدا. 
    دوختۇرخانىغا كەلگىنىمدە سىڭلىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە، ئاتا-ئانام سىرتتا كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئانامنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. 
    --بالام، ئاناڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تۇرساڭ، مەن چىقىپ شام نامىزىنى ئوقۇۋالاي،--دېدى دادام.
    --ياق، مەنمۇ بىللە چىقاي. بالام، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، سىڭلىڭدىن بىرەر خەۋەر بولسا داداڭنىڭ يانفونىغا تېلىفون قىل.—دېدى ئانام كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم.
      جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. كىنولاردىكىدەك بېرىپ ئىچىدىن چىققان بىرەرىدىن «مېنىڭ سىڭلىم قانداقراق؟» دەپ سوراپ باققۇم كەلدىيۇ، نېمىشقىدۇر جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەگەر ئۇلار سىڭلىڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ، دېسە قانداق قىلىشىم كېرەك؟
      كۆز ئالدىمدىن سىڭلىمغا ئالاقىدار ئەسلىمىلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. سىڭلىم كىچىكىدىن تارتىپلا تولىمۇ ئەقىللىق ئىدى. ئۇستازىمىز قۇرئان ئايەتلىرى ئۆگەتسە ئۇ بىرىنچى بولۇپ يادلاپ بولاتتى. مەيلى ھەدىس ياكى ئەرەب تىلى دەرسىدە بولسۇن، ھامان ھەممىمىزدىن ياخشى ئىدى. مەكتەپتە ھەم دائىم بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بەش ياش، مەن يەتتە ياش چېغىمىزدا ئاتا-ئانام ناھىيىدىكى تۇغقانلارنى يوقلىغىلى بارماقچى بولۇپ ئىككىمىزنى خوشنىمىزنىڭ قاراپ تۇرۇشىغا تاپشۇرغاندا، ئۇ خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن پۈتۈن بىر كۈن ھېچنېمە يېمىگەن ئىدى. دادام كېيىن سەۋەبىنى سورىغاندا « ھالالمۇ ئەمەسمۇ، بىلەلمىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئېسىنى بىلگىنىدىن تارتىپ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. لېكىن مەن ئالىي مەكتەپتە بارغاندىن بۇيان دوستلىرىمنىڭ «ياردىمىدە» بارا-بارا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماقتا ئىدىم. ئاتا- ئانام مەندىكى ئۆزگىرىشنى سېزىپ مەندىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى. ئۆزەممۇ ئۆزەمدىن زېرىكىشكە باشلىدىم. بۇرۇنقى ئىمان ئىچىدە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمدىكى قەلب خاتىرجەملىكىنى ھېچنەدىن تاپالمىدىم. ھەمىشە ئۆزەمنى گۇناھكار ھېس قىلاتتىم. لېكىن نېمىشقىدۇر ئۆزەمنى تارتالمايتتىم...
    ھارغان جىسمىمنى كۆتۈرۈش ئېغىر كېلىۋاتقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاتا-ئانام مېنى بىر ئاز دەم ئېلىۋال، دەپ قايتۇرۇۋەتتى.  دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە سىڭلىم خەتەرلىك باسقۇچتىن تېخى ئۆتۈپ كەتمەپتۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىش ياكى قالماسلىقىغا ئۇلار بىر نېمە دېيەلمەيدىكەن. 
    سىڭلىمنىڭ ئاخشام ئېيتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا ئىدى: « جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ...» ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئىشىك ئوچۇق ئىدى. يەردە جەيناماز سېلىقلىق، قۇرئان كارىۋىتى ئۈستىگە قويۇلغان رېھىلدا ئوچۇق پېتى تۇرۇپتۇ: { بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان  زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر ، سۈرە بەقەرە  255- ئايەت}
    {ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم  قايغۇ بولمايدۇ.  سۈرە بەقەرە 277-ئايەت. }
      تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تاھارەت ئالدىم. ئاندىن سىڭلىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ جەيناماز ئۈستىگە چىقتىم ۋە پۈتۈن زېھنېم بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. قوللىرىمنى دۇئاغا كۆتۈرگەن شۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئاللاھ ماڭا تولىمۇ يېقىندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.
    « ئى ئۇلۇغ رەببىم، ماڭا ئىماننى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. ماڭا سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. سۆيۈملۈك سىڭلىمنى مۇشۇ كېسەلدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى نېسىپ قىلغىن...»
    جەيناماز ئۈستىدە قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر ۋاقىتتا سىرتتىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىدىن بامدات ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم ۋە بامداتنى مەسچىتتە ئوقۇش ئۈچۈن چاپىنىمنى كىيىشكە تۇتۇندۇم. شۇ ئارىدا تېلىفون جىرىڭلىدى. 
    --بالام، دوختۇرخانىغا بىر كەلسەڭ، سىڭلىڭنىڭ يۈزىنى كۆرۈۋال،--دېدى دادام بوغۇق ئاۋازدا. تېلىفوننى تۇتقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. يۈزىنى كۆرۈۋال؟ ئەجىبا سىڭلىم... ئەجىبا سىڭلىم... ئۇ شۇنچە يامان قىز تۇرسا، مەكتەپتە ھەتتا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىشقا پېتىنالمايتتىغۇ، ئۇ قانداقمۇ....
    --ياق، دادا، مەن ئىشەنمەيمەن، سىز يالغان ئېيتىۋاتىسىز!
    --ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز). سەۋر قىل بالام. كېلىپ سىڭلىڭنى كۆرۈۋال...
    چاپىنىمنى قانداق كىيىپ ئۆيدىن قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. باشقىلارغا ھەر قېتىم « كۆردۈڭلارمۇ، ئاۋۇ مېنىڭ سىڭلىم» دېگىنىمدە ئۆزەمنىڭ شۇنداق بىر قىزغا ئاكا بولغىنىمدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنەتتىم. ئۇ ھامان ھەممىدىن ياخشى ئىدى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە، زېھىم سىناش مۇسابىقىلىرىدە، ۋالىبول، تىكتاپ توپ مۇسابىقىلىرىدە... ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغىنى يوق ئىدى. ئەجىبا ئاشۇ سىڭلىم كېتىپ قالغانمىدۇ؟ بىرەر قېتىم نامازنى كېچىكتۈرسەم، ياكى بىرەر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالسام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ « ئەي مۇسۇلمان، ئاللاھتىن قورق» دەيدىغان سىڭلىم كېتىپ قالدىمۇ؟ ياغلىقىنى چىڭڭىدە ئوراپ، بىرەر تال چېچىنىمۇ كۆرۈندۈرۈپ قويمايدىغان، تىلىدا ھامان ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇرىدىغان سىڭلىم كېتىپ قالدىمۇ؟...
      مەسچىتتە بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدىم. ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشمەكچى ئىكەن.
    --سىڭلىڭ تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان شاھادەت كەلىمىسىنى تاكى تىنىقى ئۈزۈلگىچە توختىماي زىكرى قىلىپ چىقتى،--دېدى دادام تۆۋەن ئاۋازدا،--سىڭلىڭغا ئاللاھ شەھىتلەر قاتارىدىن ئورۇن بەرسۇن. بۇ ئامانەتنى ياخشى ساقلىدىم، ئاللاھنىڭ سىڭلىڭ تۈپەيلى گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتىمەن....
      سىڭلىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم، تولىمۇ خاتىرجەم، كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. لەۋلىرى ئازراق ئوچۇق، خۇددى ئېيتىپ بولالمىغان سۆزلىرى باردەك. ئۇ نېمە دېمەكچىدۇر؟ شاھادەت كەلىمىسىنى يەنە داۋاملىق ئېيتقۇسى بارمىدۇر، ياكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە قانداقتۇر گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەرمەكچىمىدۇر؟ بىزگە « بۇ يەر بەكمۇ گۈزەل ئىكەن، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قاتارىدا بولۇپ بۇ يەرگە كېلىڭلار» دېمەكچىمىدۇر؟...
    ۋە ياكى « بىز نېمىلا قىلمايلى، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن» دېمەكچىمىدۇر.....
    ۋە ياكى شۇلارنىڭ ھەممىسىنى...
    ئى ئارام تاپقۇچى جان! [27]. سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن [28]. سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن [29]. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن [30].
    89- سۈرە، فەجر سۈرىسى
     
    (بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي ۋەقەسى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلدى)
    يۇلغۇن مۇنبىردىكى مەستۇرە يازمىسى.
     

     


    历史上的今天:

    كىنو 2011年04月20日
    مەن 2010年04月20日

    收藏到:Del.icio.us