dunyablog.com
  • 2010年04月20日

    جەننەتنىڭ ئاچقۇچى - [ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62425652.html

    جەننەتنىڭ ئاچقۇچى  

     

    بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاغا نالە قىلىپ ، مىنىڭ جەننەتتىكى قوشنىلىرىم ھەققىدە خەۋەر بەرگىن دەپتۇ . ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نالىسىنى قوبۇل قىلىپ بۇ دۇنيادا يوق ئۇ ئادەمنىڭ جەننەتتىكى قوشنىلىرى ھەققىدە بىلدۈرۈپتۇ . 
    بىرىنجى قوشنىسىنى ئىزدەپ بىر مەھەللىگە بىرىپتۇ ، بىر قاسساپ بار ئىكەن ئاشۇ قاسساپنىڭ ھوزۇرىغا بىرىپ « مىنى ئاللاھ يولىدا مىھمان قىلىڭ » دەپتۇ . قاسساپ قوبۇل قىلىپتۇ ۋە دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپتۇ . مۇسا ئەلەيھىسسالام دۇكاندا ئولتۇرۇپتۇ قاسساپ بولسا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىكەن . ئاخىرى كەچ بولۇپ قاسساپ سودىسىنى تۈگۈتۈپتۇ ، بۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تەئەججۈپلىنىپ ، ناھەتكى مىنىڭ جەننەتتىكى قوشنام مۇشۇ كىشىمىدۇ ؟ دەپ ئويلاپتۇ . كىيىن ھىلىقى قاسساپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆيىگە ئىلىپ كىىتپتۇ ، ئۇلار ئۆيگە كىرىپتۇ بىر ئازدىن كىيىن قاسساپ قولىغا كىچىككىنە قاچىدا گۆشمۇ نىمىنىدۇر ئىلىپ كەپتۇ - دە ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويماستىن بۇلۇڭغا بىرىپ ، ئۈستىدىكى سىۋەتتىن قۇشمىدۇر قانداقتۇر بىر مەخلۇقنى ئىلىپ ئۇنىڭغا چايناپ بىرىپتۇ ، مۇسا ئەلەيھىسسالام دۇدۇقلاپ كىتىپتۇ ۋە : 
    - بۇرادەر مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە مىھمان بولۇپ كەلسەم مىھمانغا بولغان ھۆرمەت شۇمۇ ؟ قانداقتۇر مەخلۇققا لوقما يىگۈزگەندىن كۆرە مىھمانغا ھۆرمەت قىلغان ئەۋزەل ئەمەسمۇ ؟ ھىلىھەم دۇكىنىڭىزدا مىنى قوبۇل قىلىدىڭىزيۇ ، ماڭا قارىماي ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا ئىشلىرىڭىز بىلەن شۇغۇللاندىڭىز ، ئاللاھنىڭ مىھمانىگە ھۆرمەت شۇمۇ ؟ 
    قاسساپ بىرئاز خىجالەت بوپتۇ دە چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ . 
    - بۇرادىرىم مەندىن پەقەت خاپا بولماڭ ، ئەگەر ئاباي مەن دۇكىنىمدا سىز بىلەن ئاۋارە بوپ گۆشكە قارىمىسام ئۆزىڭىز كۆردىڭىز كۈن بەك ئىسسىق ئىدى ، گۆش ئىچىپ قىلىشى مىنىڭ سودام ھارام بولىشى مۇمكىن ئىدى . كىشىلەرگە مەن سۈپەتلىك ھالال گۆش سىتىپ تىرىكچىلىك قىلىمەن . سىز بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتسەم خىرىدارلار مەندىن رەنجىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ھالال رىزىق تىپىشقا ھەركەت قىلدىم . ،،، 
    سىز مەخلۇقمۇ ، قۇشمۇ دەپ ئاتىغىنىڭىز ئەسلىدە مىنىڭ - ئانام ، ئۇ قىرىپ شۇ ھالدا كىچىكلەپ قالدى . بىر چاغلاردا مەنمۇ ھەم شۇنداق كىچىككىنە جانسىز ، ماجالسىز ئىدىم . ئانام مىنى ئادەم قىلدى، ئەمدى نىمە ئۈچۈن ئانام شۇنداق مۇھتاج بولغان 
    پەيتتە ئۇنىڭغا قارىماسلىقىم كىرەك ؟! مەن ھەم ياش بالا ئىدىم نە يىيىشنى ، نە چايناشنى بىلەتتىم ؟ شۇ ۋاقىتتا ئانام ماڭا چايناپ بىرەتتى . ھازىر مەن ئانامغا چايناپ بەردىم ، قاراڭ ئۇلار مانا دۇئا قىلىۋاتىدۇ « جەننەتتە مۇسا ئەلەيھسىسالام بىلەن بىرگە بولغىن دەۋاتىدۇ » ....... 
    - ئاللاھۇ ئەكبەر بۇرادىرىم ، مەن ئاشۇ مۇسا بولىمەن ئانىڭىزنىڭ دۇئاسى قوبۇل بولدى ، مىنىڭ جەننەتتىكى قوشنام شۇنداق ئالىيجاناپ كىشى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن ! 
    مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنجى قوشنىلىرىنى ئىزدەپ بىر مەھەللىگە بىرىپتۇ ، ئادەملەردىن پالانچى ئادەم كىم دەپ سورىسا ھەممە ئۇ ئادەمدىن يىرگىنەرمىش . ئاخىرى ئۇ ئادەمنى تىپىپتۇ ، بىرىپ ئەي پالانچى دەپ چاقىرىپتۇ . ئۆي ئىگىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىر قاراپتۇيۇ ئىشىكنى يىپىپ قويۇپتۇ . 
    مۇسا ئەلەيھىسسالام « ئەي بۇرادەر مىنى ئاللاھ يولىدا مىھمان قىلىڭ » دەپتۇ ، ھىلىقى ئادەم كونا ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ ، ئىچكىرىگە كىرىپتۇ ۋە ئولتۇرۇپتۇ . ھىلىقى ئادەم ھە دەپ چىقارمىش- دە قولىدا جۇن ( مۇشۇ جۇن دىگەن گەپنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم ) سىسىق پۇراپ كىرىپ چىقىپ يۈرەتتى . مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ھەيران ئىدى : ناھەت جەننەتتىكى قوشنام شۇ بولسا ؟ ........ 
    ئاخىرى دۇدقلاپ كىتىپ سورىدى : 
    - ئەي بۇرادەر مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە مىھمان بولۇپ كەلسەم سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇلسىز ، سىسىق جۇننى كۆتۈرۈپ كىرىسىز ، چىقىسىز ......... مىھمانگە بولغان ھۆرمەت شۇما ؟ 
    - بۇرادىرىم ، مەيلى سىز مىھمان بولغىنىڭىز ئۈچۈن بىر سىرنى سىزگە ئاشكارە قىلاي، يۈرۈڭ تاشقىرىغا چىقىمىز . مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھىلىقى ئۆي ئىگىسى تاشقىرىغا چىقىپ بىر خانىگە كىرىپتۇ . خانە باكلا سىسىق پۇراقلىق ، خانە ئوتتۇرىسىدا بىر توڭگۇز تۇراتتى . ئۆي ئىگىسى ئاستا يەڭگىلگىنە توڭگۇزنىڭ ئالدىغا باردى دە ، توڭگۇزنى قاشلاشقا باشلىدى . ئاياقلىرىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭغا تائام تۇتتى ، توڭگۇزغا ئىنتايىن مىھرىبانلىق كۆرسەتتى . شۇندىن كىيىن ئۆي ئىگىسى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى : 
    - بۇرادىرىم ، مانا شۇ توڭگۇز ھالىغا كىلىپ قالغان مەخلۇق ئەسلىدە مىنىڭ مىنىڭ - ئاتام . ئاللاھ ئۇنى شۇ كويغا سالدى . لىكىن بەرىبىر ئۇ مىنىڭ ئاتام . قاچانلاردۇر بىزنىڭ ھەم قولىمىزدىن ھىچ نەرسە كەلمەسدە ، مانا شۇ ئاتام ماڭا مىھرىبانلىق قىلغان ئىدى . كىسەل بولغىنىمىزدا بىزنىڭ ئاياقلىرىمىزنى ئۇۋۇلىغان،دائىم مىھرىبانلىق كۆرسەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ بەدىنى دائىم قىچىشىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ بەدىنىنى قاشلايمەن . ئەنە قاراڭ ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقماقتا ، ئۇ ماڭا دۇئا قىلىۋاتىدۇ « ئىلاھىم جەننەتتە مۇسا بىلەن قوشنا بولغىن !!! » 
    مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەيرانلىقتا قىتىپ قاپتۇ ۋە : 
    ئاللاھ ئۆزۈڭ بۈيۈكسەن ! خۇشخەۋەر بولسۇن ئاتىڭىزنىڭ دۇئالىرىنى ئاللاھىم قوبۇل قىلدى . سىز جەننەتتە مەن بىلەن قوشنا بولىسىز . مەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بولىمەن .......................................  
     
     


    历史上的今天:

    كىنو 2011年04月20日
    مەن 2010年04月20日

    收藏到:Del.icio.us