• ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق

    ۋاقىت:2010-04-21 | تۈرى:نادىر ماقالىلەر--

    • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق (1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]
     
    ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق
    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
    مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ”ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن”، ” ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللىق”، ”نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت”، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم. بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قارىماققا بۇ مەسىلە بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ سەگەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كەلدىم. بۈگۈن ئاخىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ يازمامدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇنلۇقى» مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن. نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە، ئۆز ئەتراپىدا ياشىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك قاتتىق ئىشلىمىسىمۇ، باشقىلار تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتمىسىمۇ، باشقىلارنى بېسىۋالمىسىمۇ ۋە تالان-تاراج قىلمىسىمۇ، ئۆزى قاناەتلەنگىدەك دەرىجىدىكى راھەت تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئادەم قاتتىق ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ ئۆزى رازى بولغىدەك دەرىجىدە راھەت ياشىيالىسا، ئاشۇنداق ياشاۋەرسە بولىۋېرەتتى. ئۇنىڭ ھېچ بىر يامان يېرى، ئەيىبلىگۈچىلىكى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر جاھان ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمگەكچانلىق دەرىجىسى ھازىر ئۇلارنى «ھورۇن» قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئادەممۇ ئۆزگىرىدۇ. ئەمەليەتتىمۇ يۇقىرىقىدەك “ھورۇنلۇق” ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى كەلسە-كەلمەس ۋە داۋاملىق ئەيىبلاۋەرمىگەن ياخشى.

    ئەمدى بۇ يازمىنىڭ قالغان قىسمى ئۇيغۇرلار «دۆت» مۇ ياكى ئەقىللىقمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ. ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئەركىنلىكى بار. لېكىن، ئۇنداق ھۆكۈم ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، ئەمەلىيەتكە ئاساسلانغان بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت تەكرار دېيىلگەن سۆز بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت، بىر سىزىقنى بويلاپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان تەشۋىقات بىر خەلقنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا ئاشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمەن. ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە بەزى پاكىتلارنى سۆزلەپ بېرىمەن. مەن قىسقىچە تەسۋىرلەپ بېرىدىغان پسىخولوگىيە ئىلمىگە ئاىت ئۇقۇملار بىر غەرىبلىك مۇتەخەسسىس ئىنتېرنېتتا يېزىپ ئېلان قىلغان ئۇقۇملار ئاساسىدا بولىدىغان بولۇپ، مەن ئىنتېرنېتتىن ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم.


    1. كۆڭۈلنى پروگراممىلاش

    تارىختا ھىندىستاننىڭ ئۇدىپۇر دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان. دۈشمەنلەر بۇ جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھنىڭ پاننا دھاي ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ بالا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئاشۇ جايغا پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ نېمىشقا پادىشاھ بولالىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىزچە ئاشۇ بالىنىڭ قېنىدا پادىشاھلىق بارمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر پادىشاھ بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ھېلىقى خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىغا: “سەن دېگەن بىر شاھزادە. سەن چوقۇم پادىشاھ بولۇشۇڭ كېرەك. دۈشمەنلەر بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزنى تارتىۋالدى. سەن چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنى يېڭىشىڭ كېرەك” دەپ تۇرغان.

    ئىنگلىزچىدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا «mind programming» دەپ ئاتايدۇ. «mind»نىڭ مەنىسى كۆڭۈل، ئاڭ، نىيەت، ھوش، ئەقىل ۋە خىيال دېگەن سۆزلەرگە يېقىن بولۇپ، «program» دېگەن سۆز پېىل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، «بىر ئادەمدە بىر خىل خىيالنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ خىيالىنى تۈزلەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇدىغان ياكى بىر خىل ئالاھىدە ئىش تۇتىدىغان قىلىش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايىدىكى بالا «سەن پادىشاھ بولىسەن» دېگەن گەپنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ تەرىقىدە پروگراممىلانغان. نەتىجىدە، ئۇ بالا بىر باشلىق ياكى ھەربىي قوماندان بولۇشنى خالىماي، پەقەتلا بىر پادىشاھ بولۇشنى ئىستىگەن. ھەمدە ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ تەييار تۇرغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق مىساللارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇشنىڭ ئوغلى كىچىك بۇشنىڭمۇ پرېزىدېنت بولۇشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «باشلىقنىڭ بالىسى باشلىق بولىدۇ»، دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرسىمۇ ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر (ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئارقا ئىشىك» 1-ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش»مۇ؟ بۇ سوالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.)

    ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاساسلىق ھوش ۋە قوشۇمچە ھوش. ئىنگلىزچىدە بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ھوشىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

    ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئەس-ھوشى بىر «ئىسكىلات باققۇچى» ياكى «ئىسكىلاتچى» غا، قوشۇمچە ئەس-ھوشى بولسا بىر ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئىسكىلاتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەقلى بولمايدۇ. ئۇ ئىسكىلاتقا قاچىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەنلىك، ئىسكىلاتچىغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

    سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى ياخشى» دېدىڭىز، ئەمما ئىسكىلاتتا باشقا ئادەملەرنىڭ «سەن دۆت، سەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.» دېگەن سۆزلىرى ساقلانغان، دەپ پەرەز قىلايلى. ئىسكىلاتچى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسكىلاتتا ساقلانغان يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ ئۇچۇر خاتا ئىكەن»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يېڭى، ئىجابىي ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويماي، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئىش-ھەركىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ تۈپ قىيىنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

    يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ھېكايىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىشىلەر ۋە بىر جەمئىيەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پروگراممىلىيالايدۇ. يۇقىرىقى شاھزادە بىلەن قارمۇ-قارشى ھالدا، بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان “ئۇنداق قىلما… تەۋەككۈلچىلىك قىلما… ساراڭلىق قىلما… سەن دۆت. … سېنىڭ قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ…» دېگەندەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن پروگراممىلىنىپ كەلدۇق. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

    ھازىر ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئوز كوڭلىڭىزنى توغرا يونىلىشتە پروگراممىلىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۇچلۇك تېخنىكىلار ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھۇشىڭىزغا بوسۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاساسلىق ئەس-ھۇشقا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۇچۇر قاچىلايدۇ. سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھۇشىڭىزدىن ئىبارەت بۇ «ئىسكلاتىڭىز» غا ھەر كۇنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرگۇزىلىۋاتىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇچۇرلار؟ ئۇلار سىزنىڭ كوڭلىڭىزنى قايسى يونىلىشتە پروگراممىلايدۇ؟ بىر دەم كوزىڭىزنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ، مۇشۇ سوئاللار ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ.


    2. ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق

    ئۇيغۇرلار ئادىللىق ۋە ئادالەتنى ئەڭ ياقلايدىغان، ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان، ناھەقچىلىققا قىلچە چىدىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. شۇنداق بولغاچقا، بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشىنى، ناھەقچىلىق قىلىشىنى خالىمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۇيغۇرنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولسىڭىز، نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر-بىرسىگە يېقىن كېلىدىغان، ياشاۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىماىي شاراىتى بىر-بىرىنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى مەدەنىتيى ھەمدە تارىخى بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدىغان بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ھەرگىز نوپۇسى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق بىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك قىلغان، ناھەقچىلىك قىلغان بولىسىز. ئىلمىي ئىش كۆرمىگەن بولىسىز. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىش ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇشقا 100 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ تاللانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىڭىز كام دېگەندە 1،000 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى بولۇپ تاللانغان. سىز ھەرگىزمۇ ئەقىل جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايسىز. باشقىلار سان جەھەتتە سىزدىن جىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئۆز تىلىدا ئوقۇيدۇ. سىز باشقىلارنىڭ تىلىدا ئوقۇيسىز. بۇنىڭ ئوقۇش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا، باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەن 10 دەك كىشىنى بىلىمەن. ئۇلاردىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، ئۆزى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرى، تارىختا تۇتقان مىللىي ئورنى، تارىختا بەھرىمەن بولغان شان-شۆھرىتى جەھەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىتاب-ماقالىلار يېزىلىپ بولدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇ تارىخىي ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالمايمەن. تۆۋەندە مەن چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردە دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن تۇتۇۋاتقان، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن بىر ھەقىقەتكە مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە چىقىش ئىشى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 130 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇ يەردە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى http://www.xjmua.com/doctor_all.html دىن كۆرەلەيسىز.

    ▲ ياپونىيەدىكى دىلشات ئابلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ رىكەن مەغە (Riken Meghe) تەتقىقات مەركىزىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.

    ▲ ياپونىيەدىكى قۇتلۇق سابىت بىلەن شەمشىدىن شەيھىدىن نىسسان(Nissan) شىركىتىدە، دىلشات ئابدۇرېھىم بىلەن تالىپ ئاتاجان نەك(NEC) شىركىتىدە، جۈرئەت غوجا بولسا فۇجىتسۇ(Fujitsu) شىركىتىدە كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئۆمەرجان ساۋۇت بىلەن دوكتور ئەنۋەر ياسىن ياپونىيەدىكى ئىككى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲ ياپونىيەدىكى دوكتور پەرھات ئەخمەت توكيو تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ۋە دوكتور مۇختار ماخسۇت ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر خىل دەرىجىدىكى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲ئەنگلىيەدىكى دىلشات ھېۋىزۇللا لوندوندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركىتى BBCدە يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەر يارىتىۋاتىدۇ.

    ▲ ئايشەم ئەلى ئاۋىسترالىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر گېرمانىيەدىكى «Max Planck Institute for Social Anthropology» دە دوكتور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دولقۇن يۇنۇس ياپونىيەدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ، ياپونىيە NEC شىركىتىنىنىڭ مىكرو دولقۇن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بويىچە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تېخنىكىلىق ياردەم مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲ ئامېرىكىدىكى مۇھەممەد ئابدۇللا، فرانسىيەدىكى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ۋە ياپونىيەدىكى غەيرەت كەنجى قاتارلىق ياشلىرىمىز يالغۇز كومپيۇتېر كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇپلا قالماي، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئۇيغۇرچە-چەت ئەل تىلىچە ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى ياساپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى «بۈركۈت» بىلەن «جېك» ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەندىكى چەت ئەلدە ئوقۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

    مەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپلىرىنىڭ ئۆيىدە تامغا چاپلاغلىق تۇرغان، بالىلىرى ئېرىشكەن، «ھەممە دەرسلەردە A ئالغان ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان تەقدىرنامىلارنى كۆردۈم (ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى دەرس نەتىجىسىگە A, B, C, D, F دېگەندەك ھەرپلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى A ھەرىپى ئەلا دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ).

    ▲ ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە قاھار بارات، قەيسەر مىجىت، ئەلنىگار ئىلتەبىر ۋە قۇدرەت ياقۇپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇر ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى. بەزىلىرى ھازىرمۇ ئوقۇۋاتىدۇ.

    ▲ ھارۋاردتىن سەل كېيىن تۇرسىمۇ، دۇنيا ۋە ئامېرىكا بويىچە خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىدە تۆۋەندىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتىدۇ: ئارافات ئادىل لوس ئانجېلېس(Los Angeles) شۆبىسىدە، دىلشات ئەركىن بېركېلېي(Bérkéléy) شۆبىسىدە، فرۇزە تاشپولاتلار ئىرۋىنە شۆبىسىدە، ئىلىكنۇر ئامان لوس ئانجېلېس(Los Angeles) شۆبىسىدە ۋە مەرھابا مەھمۇت داۋىس(Davis) شۆبىسىدە. ئامېرىكىنىڭ باشقا شىتاتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن خېلى كۆپلىرى بار.

    ياپونىيەدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە http://www.meripet.com/Bio/FransiyedikiDokturlar.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ.

    ▲ دوكتۇر رىشات ئابباس (http://www.meripet.com/Bio/RishatAbbas.htm) ئامېرىكىنىڭ «Wyeth Research» شىركىتى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھاسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. دوكتور مۇرات قادىر ئامېرىكىدىكى «L’Oréal USA» شىركىتى چاچ مەھسۇلاتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئابلەت ئابلىمىت ياپونىيە توتو(Toto) شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇدىكى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ئابدۇرېھىم ئائىتبايېۋ (http://infohost.nmt.edu/~aitbayev, New Mexico Institute of Mining and Technology)، ئابلەت ئىبراھىم (California State University, Monterey Bay)، ھەسەن سايىت (Boston College) ۋە رەيھانگۇل بەكتۇر (Utah State University).

    ▲ رىزۋانگۇل ھاجى (قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ خانىمى) كىچىكىدىن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇيغۇر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1997-يىلى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئىنگلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 2003-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مېدىتسىنا سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. 2004-2007 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 3 يىل ياردەمچى دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە بىلىم ئالغان. 2007-يىلى 9-ئايدا "ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي ئىمتىھانىدىن" غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەل كۆرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە كىنىشكە ئالغان. ھازىر ماسساچۇسېتتس شىتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
    ▲ ئەكبەر شەرىپ، دولقۇن روزى، مەمەت ئەمىن، مەمەتجان ئىبراھىم، مەھمۇد ئوبۇل ۋە تۆمۈر پالتا (http://www.meripet.com/Bio/Timour_Bio.htm) قاتارلىق دوكتورلار ۋە مۇتەخەسىسلەر ھازىر ئامېرىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەمەت ئەمىن يالغۇز ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىات ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

    ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مەكتەپ، كەسپىي ئورۇن ۋە شىركەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئورۇن تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ بولالمىدىم.

    ▲ ئامېرىكا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئورېگون شىتاتى ساغلاملىق-پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمى ۋە ئورېگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى-غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ▲دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساشۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى(ئىنگلىزچە «Massachusetts Institute of Technology» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «MIT» دەپ يېزىلىدۇ)دا ئاكىسىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئابدۇرېيىم ئاىتبايەۋ، شۆھرەت مۇتەللىپ، مايسەم مۇتەللىپ ۋە تۆمۈر پالتالار قازاقستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر.
    داۋامىhttp://meripet.blogbus.com/logs/31281664.html

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053