• 5/14/2010

    بالاڭ ئازسا - [شئېرى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63558076.html

    .

    بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
    ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا ئارقىدا،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

    گەدەنكەشلىك ئۇلارغا ئۇدۇم ئەمەس ئەزەلدىن،
    ئۆزى كىلىپ ئالدىڭغا سۆز ئاچىدۇ بىر كۈنى.
    ئات بولغىچە ئاتال تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
    ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.

    كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا شۇلارنى،
    شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
    ھەممە ئىشىنىڭ ئالەمدە سائىتى بار ۋاقتى بار،
    خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي تاپىدۇ بىر كۈنى.

    تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
    ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
    پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
    يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.

    سەنمۇ ئاتا *** ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
    ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
    شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي تۈگەپ كەتسەڭ ئامال يوق،
    ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.

    يامان دىسەڭ بالاڭنى كىم بىرىدۇ ياخشىنى،
    ھازىر يامان بولسىمۇ ئەس قاتىدۇ بىر كۈنى