• غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى1.

    ۋاقىت:2010-04-24 | تۈرى:نادىر ماقالىلەر--

     

    غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى
    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
    ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بىر كەسكىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن يېقىندا بەزى تورداشلار سورىغان «مەن قانداق قىلىمەن؟»، «بىز قانداق قىلىمىز؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ، بىر ئاز ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تاشقى سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان چېكىنىشلەرنى ئۇلارنىڭ مۇنداق 4 چوڭ ناچار ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: (1) كىتاب ئوقۇماسلىق، (2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، (3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، ۋە (4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق 3 ئىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم: مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش. مەن بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ئەمەس، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيىلەش، يەنە بىرى بولسا، ھازىرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سورۇن پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى، مەسىلەن، يېرىمىنى، كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتىدىغان قىلىش، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 175 مىليوندىن كۆپ تۈردىكى كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ھەر يىلىغا نەشر قىلىنىدىغان كىتابنىڭ تۈرى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.

    2006- ۋە 2007-يىلى يازدا، مەن ئۇيغۇر دىيارىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغان ۋاقىتتا، ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر خىل كىتابنىڭ سېتىلىش مىقدارى 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇيغۇرنىڭ نوپۇس سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ سان «پەقەتلا يوق» دېگەندىن سەللا ياخشىراق بولۇپ، مەن بۇ ئەھۋالدىن چۆچۈپ كەتتىم. شۇنىڭدىن تارتىپ مېنىڭ كاللامدىن مۇنداق بىر سوئال زادىلا كەتمىدى: «ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدۇ؟».

    مەن كىچىك ۋاقتىمدا كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدىم. لېكىن، ئوقۇيدىغانغا كىتاب يوق ئىدى. 1971-1976-يىللىرى مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان 5 يىل جەريانىدا، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياش - ئۆسمۈرلەر كىتابىدىن پەقەت بىر قانچىسىلا چىققان ئىدى. يېقىنقى زاماندىكى تۇنجى ئۇيغۇر رومانىمۇ قېيۇم تۇردى تەرىپىدىن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ سانى ھازىر ئۇ چاغدىكىدىن جىق كۆپەيدى، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ؟ يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ، مەن چەت ئەلدە چىقىدىغان كىتاب - ماقالىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئازراق سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. ھەمدە بىر قانچە چوڭ پەرقلەرنى بايقىدىم. بۇ يازمامدا، ئۆزۈم بايقىغان ئاشۇ پەرقلەرنى تەسۋىرلەپ ئۆتمەكچىمەن. يەنى، بۇ يازمىدا مەن ھەرگىزمۇ غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىنى ئىلمىي ئاساستا تەپسىلىي ياكى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ چىقمايمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلاردا بار، ئەمما بىزدە يوق بەزى ياخشى ئۇسلۇبلارنى كۆرسىتىپ ئوتىمەن. مەقسىتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ياش يازغۇچىلارغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يازغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلماقچى بولغانلارغا غەرب ئەللىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ كىتاب - ماقالە يېزىش ئۇسلۇبىدىكى بەزى ياخشى نەرسىلەرنى تونۇشتۇرۇپ بېرىش. ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسىدە 1983-يىلىدىن كېيىن ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە چەت ئەلدە ياشاپ يۈرۈپ خېلى زور چېكىنىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى يازغۇچىمۇ ئەمەس. لېكىن، مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. دوكتۇرئاشتىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىللەردە، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىغا «تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى» مۇ بولۇپ باققان ئىدىم. يېقىندا ئۇ ئىشنى يەنە قايتا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن داۋاملىق ئىنگلىز تىلىدىكى ھەر خىل نەرسىلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرىمەن. شۇڭا مەن بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.

    ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مەن ئۆزۈم ئويلاپ يېتەلىگەنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    (1) ئۇيغۇر ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىتاب ئوقۇش ئومۇملاشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مېھماندارچىلىق ئەۋج ئالغان.
    (2) بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كىتابقا قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىيىلەنمىگەن.
    (3) كىتاب - ژۇرناللاردىكى مەزمۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.
    (4) كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى تېز چىقمايدۇ. شۇڭا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرنى كىتاب ئانچە جەلپ قىلالمايدۇ.
    (5) خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتتە ئۆسۈش ئىشلىرى كىتاب ئوقۇپ ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئانچە ئوڭ تاناسىپ ئەمەس. بىلىمنى ئىشلىتەلمەسلىك ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئېغىر.
    (6) بەزىدە ئادەم قانچە كۆپنى بىلسە شۇنچە ئاسان بالاغا قالىدۇ.

    مەن بۇ يازمىنى يۇقىرىدىكى 3- سەۋەبتە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ يازمىدا ئاشۇ بىر مەسىلىنى تاللىشىم ھەرگىز ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، قىلالايدىغان، لېكىن تېخىچە قىلمىغان بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما بىز ھەممىمىز ناچارلىشىشقا يۈزلىنىپ، بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشكە قاراپ ئۇھ تارتىپ ئولتۇرساق، ياكى پەقەت سەۋەبلەر ئۈستىدە سۆزلەپ ۋە شىكايەت قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىچىمىزنىلا بوشىتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىش قىلماي قاراپ ئولتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ قالمايدۇ. «ئۇنداق بولۇپ كەتتى، بۇنداق بولۇپ كەتتى»، دەپ قاراپ تۇرۇشنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. شۇنداق دەپ چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ مېڭىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش بىر چوڭ ھاماقەتلىك. ئۇنىڭ ئورنىغا، خۇددى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرغانغا ئوخشاش، ھەسرەتنى، نەپرەتنى ۋە غەزەپنىمۇ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇرغىنىمىز ياخشى. مەن بۇ يازمىنى دەل ئاشۇنداق بىر مەنتىقىدە تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشاش يولىنى تاللىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلار كىتابنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىلىقلار ئېرىشكەن پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ھازىرچە ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلار ئېرىشىدىغان ئۇنۇمنىڭ 50 پىرسەنتى ئەمەس، 10 پىرسەنتىگىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئېرىشەلەيدىغان ئۈنۈم چوقۇم نۆل بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار ھازىرقى ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان قىزىقىشى بىلەن سورۇن ئادىتىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمەي (ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغىمۇ ئېھتىياجلىق؛ ئۇ نەرسىلەرمۇ مىللىي كىملىكنىڭ بىر قىسمى)، ئۇ قىزىقىش ۋە ئادەت ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان پۇلى بىلەن ۋاقتىنىڭ پەقەت يېرىمىنىلا كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتالىسا، ئۇيغۇرنىڭ كۈنى ھازىرقىدىن جىق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھازىرقى ناچار ئەھۋالىنى ئاشۇنداق كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

    تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىپلىرىنى بايان قىلىشنى باشلايمەن.
    1. بۆلۈملەرگە ئايرىپ، كىچىك تېما قويۇش
    غەربلىكلەر يازمىلىرىنى مەزمۇنغا قاراپ كۆپلىگەن بۆلۈملەرگە ئايرىپ، ھەر بىر بۆلۈمگە بىردىن كىچىك تېما قويىدۇ. مەسىلەن، 1.، 2.، 3. دېگەندەك. ئەگەر ھەر بۆلۇمنىڭ ئۆزى بىر قانچە تارماقلارغا بۆلۈنسە، ئۇلارغا تارماق تېما قويىدۇ. مەسىلەن، 3.1، 3.2، 3.3 دېگەندەك. مەن بىرەر ماقالە ئوقۇماقچى بولسام، ئۇ ماقالىنى ئۇنىڭ باش تېمىسىغا قاراپ تاللىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىچىك تېمىلىرىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىمەن. شۇ ئارقىلىق بۇ ماقالە قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمەن. شۇ ئاساستا بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىقنى قارار قىلىمەن. بەزىدە پەقەت ئۆزۈم قىزىقىدىغان بۆلۈمنىلا ئوقۇيمەن. ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، «بۇ ماقالىدە قانداق مەزمۇنلار بار ئىكەن؟ مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار نەرسە نېمە ئىكەن؟» دېگەن سوئاللارنى سورايمەن. كۆپىنچە ھالدا مېنىڭ ئېسىمدە قالىدىغىنى بۇ ماقالىنىڭ كىچىك تېمىلىرى بولۇپ، ئۆزۈم مۇھىم دەپ ئويلىغان بەزى تېمىلار ئېسىمگە كەلمىسە، مەن ئۇنى دەرھال يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىمەن. دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ بۇ بىر ماقالىدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشىمدە، ئۇنىڭغا قويۇلغان كىچىك تېمىلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن ھازىر ئۆز يازمىلىرىمدا مۇشۇ ئۇسلۇبنى كۆپ قوللىنىۋاتىمەن. ئەگەر قىزىقىدىغانلار بولسا، مېنىڭ http://www. meripet. com/Söhbet دېگەن تور بېتىدىكى يازمىلىرىمنىڭ لاتىن يېزىقى نۇسخىلىرىغا بىر قاراپ باقسا بولىدۇ. ياكى بولمىسا، بىلىك كۇلۇبىدىكى تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ:
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=17352&extra=page%3D1
    مەن ئىشلەتكەن ئۇ ماقالە قۇرۇلمىسى يازمىلىرىمنىڭ ئىنتېرنېتتا كونا يېزىقتا چىقىرىلغان نۇسخىلىرىدا ئانچە ياخشى ئىپادىلەنمەي قالدى. سەۋەبى، بىر قىسىم كونا يېزىق تور بەتلىرى ئىشلەتكەن بېكەت سېستىمىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە چەكلىمىسى بار ئىكەن.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگ ئۇسلۇبىنى ئەزىز تەمىنلىگەن،  مىھرى - مۇھەببەت ئىنسانغا قانات {}+_+

 ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى : ئەزىز

QQ:1261135053