• 9/21/2010

    ئۇيغۇرنى بىلمەمسەن ؟san uyghur ni bilmamsan - [ماقالە ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75390882.html

     

    تاھازىرغىچە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا سەلتەنەت قۇياشىنى ئۆز بۇرچىدا جەۋلان قىلدۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلا ھەققىدە ئاڭلىمىغىنىڭلارغا قارىغاندا قۇلاقلىرىڭلار ئىگىسىگە خويمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن تارتىپ تاكى تۈمۈرلەڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغچە بولغان ئۇزاق بىر دەۋىردە ،سىلەرنىڭ ھىندىستاننى گاھ بويسۇندۇرۇپ گاھ تەسىر دائىرىسىگە كىلىۋاتقان كىشلەر باشقا تائىپە ئەمەس ،دەل مىنىڭ شۇ ئۇيغۇرلىرىم .تېخى يېقىندىلا سىلەرنىڭ ھىندىستان مۇغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان بابۇرشاھمۇ چوڭ بوۋىسىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇل ئەۋلاتلىرىدىن ئىدى. بىرھىساپتا ئىنگىلىزلار سىلەرنىڭ ھىندىستاننى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ،تارتىۋالدى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .دىھلىدىكى ‹تاج ماھال›قەبىرستانلىقى ھىندىستاندا نەچچە ئەسىر ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ھالدا سەلتەنەت قۇرغان ۋە ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇللارنىڭ شاھانە مەدەنىيىتىگە گۇۋالىق بېرىپ ،تاۋاپگاھىڭلارغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ. ھەتتا مەغرۇر ئىنگىلىزلارمۇ ‹تاج ماھال›نىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بۇ جاھانشۇمۇل ئۈلگىسىگە مەپتۇن بۇلۇپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدىكەن .ئۇيغۇر زەمبىرەكلىرىنىڭ بۇس-پوروخلىرى ئاسمىنىڭلاردىن كەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىڭلار غەلىتە ئىشقۇ ؟ 2000يىل ئىلگىرى مۇشۇ ھىندىستان زىمىنىدا قانسىراپ ئۆلگەن مەشھۇر ئىستىلاچى زۇلقەرنەيىننى بىلمەيدىغىنىڭلار يوق ،يولۋاستەك قۇترىغان پېتى دۇنيانىڭ تەڭ يېرىمىنى قېلىچ ئاستىغا ئالغان ،ھەتتا سىلەرنىڭ ھىندىستاننىمۇ ناشتىلىق ھىسابىدا يۇتۇپ كەتكەن ئاشۇ ئىسكەندەر مۇ ئۇيغۇر ئېلىگە پەشۋا ئاتقاندا ،يەكەن خانلىقىنىڭ شىددەتلىك ھۇجىمىغا دۇچ كىلىپ بىراقلا ياۋاشلاپ مۈشۈككە ئايلىنىپ قالغانىدى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ يىللاردا تارىخنىڭ ئوتتۇرى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرى تۈزلەڭلىك ئۈچۈن قارايغان ئاسمىنىنى بىراقلا دۈم كومتۈرۈپ توختىغان ،ھېلىمۇ ھەم بازار رەستەڭلەرنى رەڭدار گىلەم ھەم شايى ئەتلەس بىلەن چاقنىتىپ تۇرىۋاتقانلارمۇ دەل ئۇيغۇر سودىگەرلەردۇر.مەن ئەشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ....
    -باتۇر روزىنىڭ ‹شۇڭقار بولغان خانىكە ›دىگەن ماقالىسىدىن پارچە.