
سامساقنىڭ ئادەتتە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش روللىرى بولۇپ، بىراق كۆز ۋە جىگەر ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىكەن. سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئېغىز قۇرۇش، ئېغىرلىشىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
سامساقنىڭ ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىمىزدا ئوينايدىغان روللىرى تۆۋەندىكىچە:
باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۈندە ئىستېمال قىلىنغان سامساقنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. سامساقنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىسسىق تۇزلۇق شارائىتتا خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدىكەن، شۇڭا سامساققا تۇز سالماي ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن.
سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىننىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، سامساق قىيامى 3 مىنۇت ئىچىدە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. ئاللىتسىن يۇقۇملۇق زۇكام، يۇقۇملۇق مېڭە-يۇلۇن پەردە ياللۇغىدىكى ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرۈش رولى بار ئىكەن.
مىڭنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش رولى
سامساق تەركىبىدىكى بىرىكمىلەر بىلەن ۋىتامىن B1 بىلەن بىرلىشىپ «سامساق ئامىنى» نى ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ خىل ئامىن ۋىتامىن B1 نىڭ رولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرنىڭ ئوكسىگېن تەمىنلەش رولىنى كۈچلەندۈرۈپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن مىڭىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىكەن.
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇش رولى
سامساق راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا نېتروزامىننىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسىدىكەن، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا كۈچلۈك ئۆلتۈرۈش رولى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە «قان تومۇر يولىنى تازىلىغۇچى» دېگەن نامى بولۇپ، قاندىكى ماي، قاننىڭ يىپىشىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن.
سامساقنىڭمۇ زىينى بار
بەك ئەسنەيدىغانلار مېڭە تىقىلمىسىدىن پەخەس بولۇشى كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى خاتا قاراشلار
ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىشتىكى 7 خىل خاتا قاراش
قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان يېمەكلىك
تەنگە شىپا
سامساقنىڭمۇ زىينى بار
بەك ئەسنەيدىغانلار مېڭە تىقىلمىسىدىن پەخەس بولۇشى كېرەك
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
