• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قارا دۆۋە مۇھەببىتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-12-12
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    باغرىڭدا بىنا بولغىنىمنى بىلىمەن. تىنىقىم تىنىمسىزلىق ئىچىدە ھاۋايىڭنىڭ ھەر بىر ھىدىنى پۇراپ چوڭ بولغان ئون يەتتە يىللىق ساپ ھاياتىم، ئوتتۇز يىللىق ئەبجەش ئۆمرۈم مەھەللە – كوچىلىرىڭدا چەكسىز سۆيگۈ مېھرىنى تومۇر – تومۇرلۇرۇمغا سىڭدۈرگەن ئەمەسمۇ!OQcئاقيول تور بىكىتى

       مۇھەببەت ئۇنتۇلماس ئەسلىمە، ئازابمۇ ھەم ئۇنتۇلماس ئەسلىمە.OQcئاقيول تور بىكىتى

       خۇشاللىقىم بالىلارچە خۇشاللىق، بەزىدە پەيدا بولىدىغان ئازابلىرىممۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر دەمدىلا بىر – بىرىگە ئالمىشىشى ئويۇنچۇقتەكلا بىر ئىش. ئەمما، ئەمما سېنىڭ ئانا يۇرتلۇق ئوبرازىڭ مەيلى قەيەردە بولاي روشەن سېلىشتۇرما. كىچىك ۋاقتىمدا سەن مېنىڭ كىچىك ۋەتىنىم ئىدىڭ. ئېتىز – قىرلارغا تۇتاشقان چىغىر يوللىرىڭنى مەن كۆرگەن چوڭ شەھەرلەردىكى ئاسفالت يوللارغا تۇتاشقان دەپ قارايمەن. چەكسىز سايلىقلىرىڭ مەن كۆرگەن دېڭىزلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىدۇ. ئەتراپىمدىكى كىملەردۇر مەن كۆرگەن ئۇلۇغ شەخسلەرگە ئوخشايدۇ. ئايروپىلانلار ئاسمىنىڭدا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلاردەك، پاراخوت – كېمىلەر چۆللىرىڭدە يانتاق – ئوتۇن بېسىلىپ كېتىۋاتقان ھارۋىلاردەك، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ئۈستىدىن قارىغاندا غۇيۇلداپ مېڭىۋاتقان پىكاپلار يايلاقلىرىڭغا ئالدىراپ كېتىۋاتقان قوي پادىلىرىدەك، ئېرىق – ئۆستەڭلىرىڭ خەرىتىدىكى دەريا – كۆللەردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ئازراق يوغىناپ قالغان ياكى ئازراق كىچىكلەپ قالغان، خالاس! دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بار نەرسىلەر سەندە بار. ئادەملەر، قولۇم – قوشنىلار، دوست – دۈشمەنلەر، چېگرا – پاسىللار... ھەممىسى. ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتتىن تارتىپ ئۇلار ياراتقان تۇرمۇش پەلسەپىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى قائىدە – يوسۇنلار، زىددىيەت – توقۇنۇشلار، ئۆلۈم، تۇغۇلۇش، كۈلكە – چاقچاق، يىغا، غەزەب، ياشاش يولى دېگەندەك. پەرق پەقەت ئۇلارنىڭ ئىلغار، قالاقلىقى، ئاز – كۆپلىكى، تېز – ئاستىلىقى.OQcئاقيول تور بىكىتى

       نېمىلا دېگەن بىلەن، سەن يەنىلا بىر كىچىك ۋەتەن. مېنىڭ ۋەتىنىم، مەن چوڭلىغانسېرى سەنمۇ چوڭىيىپ باردىڭ. تونۇش، قاراشلىرىم ئاددىيلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلەندى، ھەر كىمدە بار نەرسە مەندىمۇ بار، دەپ قارىدىم. ئاتا – ئانا، ئەجداد پەقەت بىرلا مۇشۇ زېمىندا. ۋەتىنىم قانچە چوڭ ياكى قۇدرەتلىك بولسۇن، تەرەققىياتقا قانچىلىك يۈزلىنەي، ئاتا – ئەجدادىم ئاۋۇنغان مۇشۇ زېمىندا خۇددى قۇياش نۇرىدەك مەركەزگە تۇتاشقان بىر ئۈزۈلمەس رىشتە بار. ئۇ چوڭ ۋەتىنىم قوينىدىكى كىچىك مەھەللەم. مەھەللەمنىڭ زېمىن تومۇرى يا تۇپراق ئارقىلىق ياكى سۇ ئارقىلىق ۋەتىنىم ساھىلىغا تۇتاش.OQcئاقيول تور بىكىتى

       مەندىكى ۋەتەن ئەقىدىسى مانا مۇشۇنداق ئاپىرىدە بولغان ۋە بولماقتا.OQcئاقيول تور بىكىتى

       قەلبىمدىكى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش تۇيغۇسى تۇغۇش ۋە تۇغۇلۇشقا تۇتاشقان مۇشۇ روھ بىلەن مېنى ھەر ۋاقىت بۇ زېمىنغا باغلاپ تۇرىدۇ. مېھرىبان ئانامنىڭ قەبرىسى سېنىڭ تۇپرىقىڭدا. ئۇنى ھەر قېتىم تاۋاب قىلغىنىمدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ تۇپرىقىڭىڭ توپىسىنى پۇرايمەن. بۇ توپا ھەر قانداق زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك. ئانامنىڭ قەبرىسى يېنىدا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بوۋام – مومامنىڭ قەبرىسى بار. ئۇلار ماڭا يەنىلا تارىخنى چۆچەك – رىۋايەتلەر ئەۋجىدە سۆزلەپ تۇرىدۇ. ئاتام مۇشۇ زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇپ ياشىماقتا.OQcئاقيول تور بىكىتى

       ئېھ، قارادۆۋە، مۇقەددەس زېمىن! تاغلىرىڭنىڭ قەددى بىر ھېكمەت، باغلىرىڭنىڭ ھۆسنى بىر جەننەت، دەپ ناخشا توۋلاۋاتقان چېغىمدا باھار يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى ۋۇجۇدۇمغا ئاجايىپ بىر مەمنۇنلۇق بېغىشلايدۇ.OQcئاقيول تور بىكىتى

       مەن سېنىڭ بۇ ئەزىز تۇپرىقىڭدىن نەچچە قېتىملاپ يىراقلاپ باقتىم. بىراق بىر سېھرىي كۈچ يەنىلا باغرىڭغا ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ.OQcئاقيول تور بىكىتى

       مەن ۋاپادار بىر ئوغۇل بولۇشنىلا ئەمەس، نام شۆھرىتىڭنى ئاشۇرىدىغان، قوغدايدىغان، ئاسايىشلىقىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرەلەيدىغان قەھرىمان ئوغۇل بولۇشنى بۇرچۇم دەپ قارايمەن.OQcئاقيول تور بىكىتى

       ئەنە، مېنىڭ چىغىر يوللىرىم دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى داغدام يوللارغا تۇتاشقان. مەن بۇ يوللاردا ھەر ۋاقىت مېڭىشقا تەييار!OQcئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز