جىگدە چېچەك ئاچقان خىلۋەت كۆل بويىدا ۋۇجۇدۇمنى ھىجران پەردىلىرىگە ئوراپ سېنى ئەسلەپ ئولتۇرماقتىمەن. كۆلنىڭ ئۈنسىز سۈكۈت قوينىدىكى دەقىقىلەر ھەسرەتلىرىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا ئىدى. ھايات مەنزىلىمدە سېنىڭسىز كۈنلىرىمىنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن ئايان بولۇپ تۇرماقتا. دىلخانەم كۆكىدە پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ غۇبارسىز سىمايىڭ... ئېھ، تەنھالىقتىكى قاغجىراش، قاغجىراش ئىچىدىكى تەنھالىق. يىگانىلىق ئىچىدىكى ئازاب، ئازاب ئىچىدىكى مىسكىنلىك!
تۇيۇقسىز يىراقتىن چوپان يىگىتنىڭ يېقىملىق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. كىچىكىمدە رەھمەتلىك ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق تۇيۇلغان، ۋۇجۇدۇمغا، ھۈجەيرە، قان تومۇرلىرىمغا سىڭىشىپ كەتكەن خەلق پۇرىقىدىكى بۇ ناخشىلارنى تالاي ئاشىقلار مەشۇقلىرىنى كۈيلەپ ئېيتقان بولغىيتتى؟!
...
تۇيۇقسىز كۆل يۈزىدىن ياڭراق بىر ئاۋاز كەلدى.
—ئەي ئاشىق يىگىت، تۇر ئورنۇڭدىن، ئۆزۈڭنىڭ يۈتتۈرۇپ قويغان مەشۇقىڭنى ئىزدىگىن. تالاي ئاشىق ۋە مەشۇقلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى،ئاشىقلىق مۇساپىسىدە زەپىراندەك سارغايغان، ئۆمرىنى تىراگىدىيە ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆزىنى كۆلگە تاشلىغان ئىرادىسى ئاجىزلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. چىن ئاشىققا نىسبەتەن چۈشكۈنلۈك ياراشمايدۇ، بەخت پەقەت تىنىمسىز قوغلاشقانلارغا مەنسۇپ!
ئۇنىڭ ئەكس ساداسى قۇلىقىمدىن ئېقىپ كىرىپ يۈرىكىمنىڭ پىنھانلىرىدا خۇددى لەرزىگە كېلىپ مەۋج ئۇرغان دېڭىز سۈيىدەك توختاۋسىز داۋالغۇش ھاسىل ئەتتى. روھلۇق ئىرادەم بىلەن مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكۈم ئوتتۇرىسىدا جەڭنامىلەردىكى رەقىبلەرنىڭ قىلىچلىرىدىكى جاڭ-جۇڭ ئاۋازلىرىدەك كەسكىن توقۇنۇش داۋام ئەتمەكتە ئىدى.
—مەشۇقىدىن يۈز ئۆرۈش تېخىمۇ چەكسىز ئازابلارنىڭ باشلانمىسى،—دەيتتى چۈشكۈن مەنىۋىي ھالىتىم.
—چۈشكۈنلۈك بىلەن ئىرادە مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان گورزىنتال تۈز سىزىق،—دەيتتى ئىرادەم.
— ۋىسال جامىدىن ساڭا شەربەت يوق، ئۆزۈڭنىڭ خاھىشىنى كۆڭلۈڭنىڭ مەيلىگە تاشلاپ ئازاب دەرياسىغا ئاداققى غەرق بولۇشلا ئاخىرقى تاللىشىڭ.
— كەسكىنلىك ئىرادىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، تىنىمسىز مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئىرادە قىلىچىمنى جاھاندىكى ھېچنەرسە داتلاشتۇرالمايدۇ.
— ئاشىقلىقنىڭ ئىختىيارلىقى سېنى ھامان بىر كۈنى مېنىڭ يېنىمغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
مەنىسىز سۆھبەتلىشىشتىن ئىرادەم كەسكىن يالتايدى-دە، ئاداققى ۋىسالنى كۆزلەپ قۇم-بارخانلار ئۇچۇپ يۈرگەن، بورانلار گۈكىرەپ دەرھال يۈتىۋېتىدىغاندەك نەرە تارتىۋاتقان ئاشىقلىق چۆلىگە دادىل يۈزلىنىپ مەردانە قەدەم تاشلاشقا باشلىدىم.
تېمىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلدى. تېما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بولۇپمۇ ئې، ئى ، ئۆ ، ئۈ ھەرپلىرىنى(مەسىلەن: چۈلى ئەمەس چۆلى، كېچىگىمدە ئەمەس كىچىكىمدە) جايىغا ئىشلىتىپ يوللىشىڭىزنى، ئېسىل تېمىلىرىڭىزنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
–تەھرىردىن
تەھرىر: نەفىسە