• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كىملىك گىمنازىيەسى

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

       

        قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ ،رەڭگا-رەڭ گۈللەرنىڭ ھېدلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ ،ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ مەيىن شاماللارغا جۆر نەمخۇش يامغۇر تامچىلىرى سەبىيلىك بالقىغان مەڭزىلىرىمنى يەڭگىل سىپاپ ئاياغلىرىم ئاستىغا ئىز سالغاندىلا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
        گويا بۇلبۇللارنىڭ خەندانلىرىدەك جاراڭلىق ،ئۆزگىچە سادالىرىڭ قەددىمنى تەۋرىتىپ ،يۈرىكىمگە ئوتقاشتەك زەرەت بەرگەن قىزىل گۈل كەبى تەبەسسۇملىرىڭ دىلىمغا ئەبەدىيلىك تاج بولۇپ، ھېـتىرقاش ۋە ياشلىق ئىپپەتلىرىڭ ئېلىپ كەلگەن بىپەرۋا ئىزگۈلىرىڭ ئۆزۈڭگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ مەھرۇملۇق سەن ۋە سەنسىز ھەر بىر دەقىقىللىرىمگە ئورناپ بارغاندىلا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى بىلىشكە ھازىرلانغان.
        خىلۋەتلەردە ئېيىتقان ناخشىلىرىڭغا جۆر بولۇپ ،يۇلتۇزلارغا بەدەشقان قۇرۇپ ئارمانلىرىڭغا تەسلىم ساڭا كۈنلۈك تۇتۇپ ئولتۇرۇشنى ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق دەپ بىلگەن دەقىقىلىرىمدە مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمنى چۈشىنىشكە ئالدىرىغان.
        تىنىقلىرىڭغا غەمخان،سايىلىرىڭدا ئۆزۈمنى بەخت ،ئىقباللار تەمەنناسىغا يۈكلىگەن ،ئازاب ۋە جەۋرىلىرىمنى سېنىڭ كۈلگۈنلىرىڭگە ئاتاشتىن ئۆزگە نىجاتلىق تاپالمىغان ساڭا تالىق نەپەسلىرىمنىڭ پۈتۈن دەملىرىدە مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمگە ئىشىنىشكە تۇتۇندۇم.
        ئىسمىمنى مۇپەسسەل چاقىرىپ، كۆزۈڭ كۆزۈمدە،مۈرەڭ مۈرەمدە شۇنچە نۇرغۇن داۋان-يوللارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ غەمسىز كېتىۋاتقان ئاسايىشلىرىمىزدا مەن پەقەت مەن ئىكەنلىگىمگە يەتتىم.


    ئادىرسىمىز