دوستۇمغا خەت
دوستۇم!سىز سۇنۇپ يېرىمى ئىچىدە قالغان تىكەن زەرداپ قىلغاندىن كېيىنكى ئازابنى ھېس قىلىپ باققانمۇ ؟
جېنىڭىز بىلەن ياخشى كۆردىغان نەرسىڭىزنى قىلچىلىك ياقتۇرمايدىغان ، ياخشى كۆرمايدىغان قىياپەتكە كىرۋېلىپ باققانمۇ؟
قان -زەرداپقا لىق تولغان يۈرىكىڭىزگە << دۇنيادا ئاچچىق يۇتقان ئۇلۇغ ، يۈك كۆتۈرگەن ئۇلۇغ تاتلىقنى ھەممە كىشى يۇتالايدۇ >> دېگەن تەسەللىلەر بىلەن داۋا ئىزدەپ باققانمۇ ؟
بەلكىم بۇ سوئاللىرىمنى سىزنى ھەيران قالدۇرشى ۋە بەلكىم سىزنى ئۇزاق ۋاقىت يوشۇرنۇپ ياتقان ئاشىق خىياللىرىڭىزنى ، نەپرەتلىك ھېسلىرىڭىز نى ئويغىتشى ۋە يەنە بەلكىم << ۋاي توۋا >> دەپ مەسخىرلىك كۈلكىلىرىىگە جور قىلشى مۇمكىن . سىز گە دېسەم دوستۇم : كۆزلىرىمدىكى يۇم-يۇم ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ، سىز بىلەن تەڭ مېڭىۋاتقىنىم بىلەن يۈرىكىمدىكى بۇ قان -زەرداپقا ، تالجىۋاتقان روھىمدىكى بىچارىلىككە نېمە بىلەن ئامال قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم . گەرچە ئۆتمۈشۈمدىن شۇنچە نەپرەتلەنسەممۇ ، شۇنچە شۇنچە يىرگىنىپ ياشىساممۇ ، بىراق ئۇنى يەنە خىياللىرىم بوسۇ غىسىدىن ھەيدەپ قوغلىيالمىدىم .
گويا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ھېسيات ، ھەممە گۈزەللىك ، ھەممە بەخىت -سائادەت ، ئىشقىلىپ ئادەمگە ھەمراھ بولدىغان شېرىن ئەسلىملەر ئۆتمۈشۈم ئىچىدە قالغاندەك ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپەمدە مېنىڭ ئۇلاردىن زوق ئېلشىم پۇرسىتىم ئۆتمۈشۈم بىلەن تەڭلا يوقالغاندەك تۇيغۇ مىنى نەپەس ئالدۇر مايۋاتاتتى . بەلكىم مەندە ھازىرقى بار تۇيغۇ، بۇنداق ھېسيات يەنە باشقىلاردا ، پۈتۈن دۇنيا يوقتۇر ....
دوستۇم ، سىز يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ باققانمۇ ؟
كېچە -كېچە ئۇيقۇدىن تەرىك ئېتىپ ، ئازاب دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ باققانمۇ ؟
تولا يىغلاۋېرىپ كۆزىڭىز بۇرۇنقى شوخلۇقىدىن ، جەلىپكار لىقىدىن روشەنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ باققانمۇ؟
سىزگە دېسەم يۈرىكىمدە ھازىر يىغىدىن ، ئازابتىن باشقا نەرسە يوق . غۇۋالاشقان كۆزلىرىم ئىلگىرىكى بۇلاقتەك ھالىتنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ...شۇنداقتىمۇ قەلبىم ئۆزىگە مەنسۇپ يوشۇرۇن ، غەيرىي خوشاللىقتىن ھەر دائىم خوشال . بۇ نېمە دېگىنڭىزدەمسىز ؟
قۇلاق سېلىڭ ئەمسە : دۇنيادا كىم ئازابلىنىشنى خالىسا شۇ ئازابلىنۋەرمەيدىكەن، ئازابلىنىش پۇرسىتمۇ ئۇنىڭغا كېلىۋەرمەيدىكەن ئازابمۇ ئۇنچە ئەرزان ، ئۇنچە قەدىرسىز نەرسە ئەمەس ئىكەن ، پەقەت ساپ ۋىجدانغا ، ھەقىقىي ئىنسانىي ھېسياتقا ئىگە كىشلا ھەقىقى ئازابلىنالايدىكەن . ئەنە شۇ ئازابنى ھەرىكەتلەتلەندۇرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، ئىنتايىن .ئۇلۇغ ،ئىنتايىن مۇقەددەس ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ، ئەسلەشكە ، تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقرىش ئۈچۈن تىماي ئىزدىندىكەن تىرشىدىكەن ....
مەنمۇ شۇنداق ئازانلانغۇچى بولۇش ئۈچۈن سىزگە بۇ قۇرنى يازدىم . ئاڭلاڭ دوستۇم ، يېقىندىن بۇيان مېنىڭ بىھۇدە ئازابلىنۋاتقىنىم يوق . مەن ئۈچۈن بىھۇدە ئازاب مەنىسىز ، مەن ھازىر ئازابلىنىشنى خالىسام . ئازابلىنىشنى خالىمسام ئازابلانماسلىقىنى ئۆگىنۋالدىم . بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدىكى ئىشلار بولۇپ قالدى. ۋۇجۇ دۇمدا بىھۇدە ئازابمۇ يوق . سۆيگۈمۇ يوق . پەقەت ئىنسانلاردا بولدىغان ھېس تۇيغۇلاردىن نەپرەتلەرلا بار خالاس ،ھازىر ھېچيەرگە ھېچكىمنى ئىزدەپ بارمايمەن . مېنى ئىزدەپ كەلگەنلەردىن بولسا بەدەر قاچىمەن ، ئادەملەرنى مېنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالسىكەن دەپ ئويلايمەن .
دوستۇم ، قېنى ئېيتىڭە ، سىزدە مەندىكى ھازىرقى تۇيغۇلار بولۇپ باققانمۇ؟ئۇنىڭغا قانداق يۈزلەنگەن ، قانداق مۇئامىلىدە بولغان ئىدىڭىز ؟
سىزگە دېسەم ، گەرچە سىز ، مەن پەقەت بىر بولساقمۇ ، بەلكىم باشقىلار ئۈچۈن بىر ئەمەس ،ئۇلارنىڭ بارلىقى ، بەختى بولۇشمىز مۇمكىن .
قاچانلاردىن باشلاپ قىزىل رەڭگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن ،بىراق قىزىل رەڭنى ئۆزۈمگە ھەر زامان ھەمراھ قىلىپ ياشاپ كېلۋاتمەن ، قىزىل رەڭمۇ ھەر دائىم ماڭا جۇشقۇنلۇق ، ئىشەنچ . ئۈنىدۋارلىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .
شۇڭا كەيپىياتىڭىز ناچارلاشقاندا ، كۆڭلىڭىز يېرىم ئازابلانغان چېغىڭىزدا ئىككىلەنمەي كىيىم ئىشكاپىڭىزنى ئېچىڭدە ئىچىدىن قىپقىزىل رەڭلىك كىيمىڭىزنى تاللاپ كىيىپ ، مەشغۇل بولماقچى بولغان ئىشىڭىزغا كىرشىپ كېتىڭ ،كۆڭلىڭىز ئەڭ يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلگەندە سىزنىڭ كۈلكىڭىزنى كۆرۈشكە كىم ئەڭ ئامراق شۇنى ئويلاڭ -دە قاھ-قاھ ئۇرۇپ خەندان كۇلۇڭ ، ھە ، شۇ چاغدا مەنمۇ ئەرزىمەس قۇرلىرىمدىن سۆيۈنگەن بولمەن