• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سۆيگۈ يادىكارى

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۆيگۈ يادىكارى(دىلداش)

    ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

    قەلبىم كۆزنىكىنى ئىشقىڭ بىلەن چەككەن،مىسكىن ھالىمغا مېھىر سۈيۈڭنى تامدۇرغان قەدىرلىك نىگارىم.ساڭا شۇتاپتا يۈرىكىمدىكىنى تۆككۈم كەلدى.ماڭا بىر ئىجازەت بەر يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا دەۋالاي،مەيلى ئاڭلىغىن مەيلى ئاڭلىما چۈشكۈنلىكتىن يىنىكلەي.سۆز ئوينۇتۇش ئۇرنغا ھەقىقى يۈرەك ئىزھارىمنى سۇناي.مۇنازىرسىز ھەقىقەتكى سەن مەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار ئىدىڭ.مەن شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى:
    ئىقىل كۆزۈم ساداقىتىڭىدىن نۇرلانغان،ۋاپادارلىقىڭدىن ھايات مىزانىم ئۈلگە ئالغان ئىدى،ئەپسۇس تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچقى بىلەن تەڭلا مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.مەن سەن ئۈچۈن شۇنداق ۋاپادار سانىلاتتىم،لىكىن نىمە بولغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالدىم ئۆزەڭچە مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ.تالاي ۋەدەلەر سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭدىن مۇڭلاندى.دوستلۇق ھۆرمىتىم ،ساڭا بولغان سۆيگۈ ساداقىتىم سېنىڭ ئالدىڭدا بۇيۇن قىستى....
    توختىماي قىلىندىغان تېلېفۇن ۋە ئۇچۇرلۇرۇڭ تۇرمۇزلۇنۇپ قالدى....
    ساڭا بولغان تەققەزالىقىم قانچە كۈچەيگەنسىرى سېنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭمۇ ئۆرلەپ باردى.قەلىب خەزنەڭگە نىمە سەۋەپتىن قۇلۇپ سىلىنغانلىقنى تالاي ئويلاندىم.گەرچە مەن تالاي ھېكمەتكە تولغان سۆزلىرىڭنى تەشنالىق ئىچىدە سىغىنغان بولساممۇ،سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى تەشنالىق ئىچدە خىيال قىلساممۇ،ئۆتكەن ئۆتمۈش مېنى سەگىتەلمىدى...كۆڭلۈم ھىچ بىر تەسەللى تاپالمىدى.ئۆزەمدىن نەپرەتلىنىپمۇ باقتىم،خىياللىرىمدا ھەر بىر ھۆجەيرىلىرىمنى تەپەككۇرۇم بىلەن ئوپراتسىيە قىلشقىمۇ ئۈلگۈردىم.ھېسچە مەندە نە سەۋەنلىك بولسۇن؟مەن ساڭا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلدىم؟ئۈزەلمەس سۇئاللار يەنىلا مېنى ھالسىراتتى....
    تەكرار ئوي خىياللارنىڭ مەھسۇلى ئۈچۈن يۈرىكىم قىتىدىن سۆيگۈ يادىكارى سۈپتىدە مۇنۇ مىسرالار تىزىلدى:

    ئەسلىگىن يۈرىكىم سەن بىلەن قالدى،
    ئەسلىگىن ھاياتىم سەندىن نۇر ئالدى.
    ئۇنۇتما،نەقەدەر پاكتۇر بۇ سۆيگۈ،
    ئەمما ئۇ پاك پېتى مەڭگۈ تاق قالدى.


    ئاخىرقى خۇلاسەم:ھەر قانچە قەدىرلىك مۇھەببەتمۇ قىسمەتلەر ئالدىدا بۇيۇن قىسىدىكەن.ۋاقتىڭ ئۆتۈشى تەقدىرنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى يۈرەكنىڭ خاراكتىرىنى تىپ- تىنچ ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.... مەيلى مېنى سۆي ياكى سۆيمە،مەندىكى يۈرەكنىڭ ساڭا كۆيدىغانلىقنى مەڭگۈ ئۇنۇتما!

    ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
    ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.


    ئادىرسىمىز