سېغىنىش تىۋىشلىرىمغا ،قۇلاق سال ئەزىزەم!
ئازابلىق ئەمما شېرىن بولغان سېغىنىشنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ،چەكسىز ئازاپنى قۇچاقلاپ ياتقا دەملەردە ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەتلا سېنىڭ سىمايىڭ،چەكسىز مېھرىبانلىق نۇرى يېغىپ تۇرىدىغان ،ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ماڭا تۇنجى بولۇپ تونۇتقان مۇھەببەتلىك بىر جۈپ كۆزۈڭ ئىدى.
ئارىلىقىمىز يىراقتا ، تولىمۇ يىراقتا لېكىن ،كۆڭلىمىز ، يۈرىكىمىز يېقىن .شۇڭا بىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىمىز بىر، سۆزلىگەن سۆزىمىز بىرخىل كۆرگەن چۈشىمىزمۇ ھەم بىرخىل.
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى قات-قات تاغلار ئايرىپ بىزنى رەھىمسىزلەرچە ھىجران چۆللىرىگە تاشلىۋەتتى ،سەن بىلەن مەندىكى ئاشىق يۈرەك بۇ ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلمىدى لېكىن ،چىن سۆيگۈنىڭ ھېجراندا تاۋلىنىدىغانلىقىنى ئۇنۇتما جېنىم!
مەن ساڭا قاچانلار دا ، قانداق بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ساڭا بۇنداق يىپسىز باغلىنىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن بەلكىم بۇ بىز دائىم تىللاردا داستان قىلىپ ئۇلۇغلايدىغان مۇھەببەتنىڭ سېھرى بولسا كېرەك ،
سېنى ساقلايمەن،تاكى سەن يېنىمغا كېلىپ مۇھەببەتلىك مېھرىڭ بىلەن مېنى باغرىڭغا مەھكەم باسقۇچە، ئوتلۇق كۆزلىرىڭنى كۆزۈمگە تىكىپ مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ تۇرغان ئوتلۇق لەۋلىرىڭنى لىۋىمگە ياققۇچە ساقلايمەن.
ئۈمىد بىلەن ياشايمەن جېنىم،
ۋىسال پەيتى يېتىپ كەلگۈچە..
بىر ساڭىلا مەنسۇپ يۈرۈكۈم،
تاكى يىنىپ تۈگەپ كەتكۈچە
كۈندۈزلىرى خىيالىمدا پەقەت بىرلا سەن ،ئۇزۇن كېچىلەردە يەنىلا سەن بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىپ ئۇيقىدىن بىدارمەن!
مېنى بۇنداق قىينىمىغىن يېنىمغا بىر كېلىپ ھالىمنى بىلىپ كەت !
ئۆزۈڭدىن كەلگەن بۇ دەردلەرگە ئۆزۈڭدىن ئۆزگە ھېچكىم داۋا بولالماس .........