• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مەنمۇ سەنسىز ياشاپ باقاي

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەنمۇ  سەنسىز ياشاپ باقاي!

     


     

    مەن كۆڭۈل ئاياشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن ، شۇنداق بولغاچقا تاشنى تاياققا  تېڭىپمۇ يۈرمەيمەن ، ئەمدى بۇ ئېزىتقۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ  بىۋاپالارغا ئۆزۈمنى ، ئەقىدەمنى خار قىلىپپ يۈرمەيمەن.چۈنكى ، ئەمدى بىلسەم ، ئۇلار مېنىڭ بۇنچىلىك ئاھ ئۇرۇپ ۋايساشلىرىمغا ئەرزىمەيدىكەن شۇنداق بولغاچقا ، مۇھەببەت پاتقىقىغا پېتىپ سېنى كېچە - كۈندۈز ساقلاپ ، ساڭا يالۋۇرۇپ  ياشىغاندىن سەنسىز يالغۇز ياشاپ  بېقىشنى ئەۋزەل دەپ بىلدىم.

     

    مېنى ياقتۇرامدىغانسەن ؟

    ئەگەر ، ياقتۇرساڭ پىيالەڭدە  چاي بولاي ، قىيام بولاي !ياقتۇرمىساڭ، سەنسىز يالغۇز ياشاۋېرەي!

     

    سەن تاپقان پۇللىرىڭغا ئىشىنەمسەن ؟

    مېنىڭچە ، سەن چوقۇم شۇنداق،ئۇنداقتا ، ساڭا ئىلتىماسىم ، مېنى قۇلۇڭغا ئوخشاتما !مەن سەندەك تەكەببۇرلاردىن بىزارمەن !تەكەببۇرلارنىڭ تۇتقان يوللىرىدىن، باسقان ھەربىر قەدەملىرىدىن بىزارمەن !

     

    قارغىنە ئاسمانغا،ئايمۇ  كەڭ زىمىنغا نۇرىنى ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ سېخىيلىق بىلەن چاچىدىكەنغۇ؟ئەگەر سەن بولمىساڭ  مەنمۇ ئاشۇ ئايدەك يالغۇز ياشىسام نىمبوپتۇ ؟

     

    سەن مېنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىمدىن ئۆتمۈشۈمنى ئاختۇرما !مەن سۆيگەن ھەم مېنى  سۆيگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىگىن !مېنىڭدىن ھەم سوراپمۇ يۈرمە!

     

     

    سەن مېنىڭ يۈرۈكۈمنى تىڭشاپ باق ، ئۇمېنىڭ بۈگۈنۈم ۋە ئەتەم  ھەققىدە ساڭا نېمىلەر نى دەركىن!

     

    يۈرۈكۈم ،بۇ دۇنيادىن مېنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرگەنلەرنى ئىزدەيدۇ !

     

    خەيرىيەت ، بىۋاپا سۆيگۈنۈم سەنمۇ ئۆزۈڭنى جاھاندىكى ئەڭ <نوچى > دەپ ھېسابلاپ  <مەغرۇر> ياشاپ باق !

     

    مەنمۇ ، ئۆزۈمگە چەكسىز سېغىنىشنى ھەمراھ قىلىپ ئۆزۈم يالغۇز سەنسىز  ياشاپ باقاي!!

     

     


    ئادىرسىمىز