ئۇ .....
مۇھەممەتئېزىز تۇرسۇن
ئۇ سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاق، ئۇنىڭ ھەربىر تامچىسى كىشىنى راھەت - بەخىش تۇيغۇسىغا چۈمدۈرىدۇ.
ئۇ گۈل يۈزىدىكى شەبنەم، ئۇ ئۆزىدە پۈتۈن دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدۇ.
ئۇ كېچىدە كىرپىك قاقماي گۈل تۈۋىدە سايراپ چىققان بۇلبۇل، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتقانلارنى ئويغىتىدۇ.
ئۇ چۆلدىكى جەزبىدار ئالۋۇن...
ئۇ توختىماي ئۆز ئىسمىنى چاقىرىپ سايراۋاتقان كاككۇك........
ئۇ يىراقتىكى ئاقباش كۈمۈش چوققا.........
ئۇ ئەمدىلا ئۆملەشكە باشلىغان سەبى بوۋاق، ئۇنىڭ قەلبى پەرىشتىدىنمۇ ساپ.
ئۇ كۆيىۋاتقان شام، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە باشقىلارنى يورۇقلۇققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇ سەھەردە ئېچىلغان گۈل، ئۇ ئۆز گۈزەللىكى بىلەن ھەر قانداق گۈزەللىكنى خىجىل قىلالايدۇ.
ئۇ يىراقتا ئاڭلانغان كارۋان ناخشىسى........
ئۇ ئۇپۇققا تۇتاشقان زېمىن........
ئۇ ياقا يىرتىپ ناۋا قىلىۋاتقان ئاشىق...........
ئۇ قۇملۇقتىكى ياشىرىپ تۇرغان توغراق، ئۇنىڭ قەددى مەڭگۈ پۈكۈلمەيدۇ.
ئۇ ئەمدىلا كۆتۈرلىۋاتقان تاڭ قۇياشى، ئۇ ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى.
ئۇ مەن يازغان مۇھەببەت لىرىكىسى، ئۇنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
2010.5.4