• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ناخشا ئېيتىش ماھارىتىدە مەشىقنىڭ رولى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ناخشا سەنئىتى ناخشىچىدىن تېكىستنى چۈشىنىش، مۇزىكا سېزىمى، سەھنە سېزىمى، تۇراقلىق كەيپىيات، دولقۇنلۇق ھېسسىياتلارنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، مۇھىمى، ئۇنىڭدىن يەنە ئۆزىدىكى ئاۋاز تۈسىئالاھىدىلىكىنى بايقاش ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ھەرقانداق ناخشىچى يېقىملىق ئاۋازى بولۇشىنى ۋە بۇ ئاۋازى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى ئىلمىي ئۇسۇل، ئىلمىي پىرىنسىپ بويىچە يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر. ناخشا ئۆگىنىش جەريانىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، ناخشىچىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن:9AUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ناخشا ئۆگەنگۈچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى. سەنئەت ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداقسەنئەتكار سەنئەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرىدە چوقۇم ياخشى نەتىجە يارىتىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن، ئۆزىدە تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى لازىم.9AUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        مەشىق ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش مەسىلىسى. ھەربىر ناخشا ئۆگەنگۈچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مەشىق ئۇسۇلىنى تاللىشى ناخشا سەنئىتىدىكى مۇھىم ئۆتكەلدۇر. ناخشا ئۆگەنگۈچىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئەزاسى فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلما جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، يەنىلا پەرق بار بولىدۇ. ئۆگىنىشنىڭ دەسلىپىدە ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازى تۈر بويىچە ئايرىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئىنچىكە – توملۇقى، ئۇزۇن – قىسقىلىقىدا پەرق بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، ئېستېتىك قارىشى، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بىز ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى مەشىق قىلغاندا، ھەر بىر ئۆگەنگۈچىنىڭئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ناخشا ئېيتىشتىكى مەشىق ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا ناخشا ئۆگەنگۈچىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ناخشا ئورۇنداش سەنئىتىدىكىخاسلىقىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولىمىز.9AUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئاساسىي مەشىق بىلەن ماھارەت يېتىلدۈرۈش مەشىقىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسىي مەشىق دېگىنىمىز ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلىنى مەشىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ماھارەتيېتىلدۈرۈش مەشىقى ئاۋازنىڭ ئۆتكۈنچى ئاۋاز رايونىغا، يۇقىرى ئاۋاز رايونىغا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋاز رايونىغا ئۆتۈشتە ئۆزىدىن ھالقىغان ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئاۋاز چىقىرىش سېزىمىنى مەشىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي مەشىقتە نادىر ناخشىلارنى ئېيتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ناخشا ئۆگەنگۈچىلەر ئاۋازنى داۋاملىق ياخشىلاشنى ئويلايدىكەن، ئاۋۋال ئاساسىي مەشىقنى كۆپ قىلىشى كېرەك. ناخشا ئۆگەنگۈچىلەر ئاساسىيمەشىققە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، تەدرىجىي ھالدا ماھارەت يېتىلدۈرۈش مەشىق يولىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.9AUئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت