• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • خەلق ناخشىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        مەدەنىيەت خەزىنىمىزگە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ تەقدىرى ۋەكەچۈرمىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، ھەر بىر ناخشىدىن يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، بىر قوۋمنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە ھېسسىياتنى، ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتنى، ھەققانىيەتكە بولغان پىداكار روھنى، ئەركىنلىك، باراۋەرلىككە بولغان تەلپۈنۈشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئوخشاشمايدىغان ماكان – زاماندا ئىجاد قىلىنغان بۇ ناخشا– مۇزىكىلار جاھان مەيلى قايسى دەرىجىدە ئۆزگەرسۇن ياكى شۇ جەمئىيەت قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلسۇن يەنىلا خەلقنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي ئېيتىلىپ، بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب خەلقنىڭ ھال – مۇڭى، شادلىقى شۇ ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئىجادىي مەنبەسى بولغانلىقىدا. شۇ دەۋرلەردىكى خەلق سەنئەتكارلىرى، شائىرلار خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، خەلقنىڭ باغرىدىن ئىبارەت چەكسىز دېڭىزدىن جاۋاھىرات سۈزۈشنى بىلگەن، خەلقنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق پەلسەپىۋى ھېكمەتكە ۋە بەدىئىي پىكىرگە باي ئۆلمەس كۈيلەر، قوشاقلار، نادىر ناخشا – مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ‹‹كۆچ – كۆچ قوشىقى››، ‹‹سادىر پالۋان ناخشىسى››، ‹‹سېپىل ناخشىسى›› قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ئۆلمەس ناخشابۇنىڭ تىپىك دەلىلى.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئاسمانىڭدا ئاي بولۇپ،eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        پىيالەڭدە چاي بولۇپ،eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        لەۋلىرىڭنى كۆيدۈرسەم .eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        قاراڭ، بۇ ناخشىدىكى شېئىرىي قۇرۇلما، ئىدىيە ۋە مەزمۇنغا. ئۇنىڭدىكى كەيپىيات ھەم تىل ئىشلىتىش ماھارىتى بىزنى تاڭ قالدۇرسا، بۇ بىر كۇپلېت شېئىرىي بوشلۇققا سىڭىپ كەتكەن مەنە بىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقان.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ھاۋانى تۇمان باستىeMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئاينى كۆرگىلى بولماس.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتىeMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        يارنى سۆيگىلى بولماس.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        بۇنىڭدا بىر ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق پۈتكۈلئىنسانىيەتكە ئورتاق مەلۇم ھېسسىيات ۋە تۇيغۇ ئەركىن ئىپادىلەنگەن. بىز بۇ پارچىدىن شېئىرىيەتنىڭ تەلىپىگە بولغان تولۇق ئۇيغۇنلۇقنى كۆرەلەيمىز.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        دەۋرىمىزدىكى يېڭى ناخشىلار خەلق ناخشىلىرىنىڭ ۋەئەنئەنىۋى شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى ئاساسىي مەنبە ۋە يىلتىز قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تولىلىرىدا ھېسسىيات ئارقىلىق مۇئەييەن كەيپىيات يارىتىپ، ئۇنى مەلۇم مەزمۇن ۋە ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا سەل قارالغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھاياتىي قىممىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. شېئىردىكى چىنلىققا سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھېسسىيات ۋە بەدىئىي دىتنىڭ گاللىشىشى، خەلقتۇرمۇشىدىن يىراقلىشىش شېئىر – ناخشىلىرىمىزنى ساختا ھاياجان ۋە پۇچەك مەزمۇنغا بۆلەپ قويۇۋاتىدۇ. بىرقىسىم سەنئەتكارلىرىمىز بىۋاسىتە ھېس قىلىش بىلەن ئەمەس، پەقەت قۇرۇق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئىش قىلىۋاتىدۇ،بۇ ئىلمىيلىق ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى، رەڭگارەڭ ھالەتلىرىنى، ھايات ئۆتكەللىرىدىكى ئاجايىپ قىسمەتلەرنى يېزىش ئىككى شائىرغا تەڭلا ۋاقىتتا توغرا كەلسە، ئۇنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، بىۋاسىتە ھېس قىلغىنى بىلەن پەقەت تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ يازغىنىنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ھازىر ساختا ئىڭراش، مىچىلداشلارغا تولغان ناخشىلارئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلاردىكى پىكىر تەكرارلىقى خېلىلا ئېغىر. مېنىڭچە، بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى، روھىيەت ئەندىزىسىنىئۇستىلىق بىلەن سىزغاندا، ئۆز دەۋرىمىزنىڭ مۇقامىنى ياڭرىتالايمىز. مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرى قىممەتلىكمەدەنىي مىراس سۈپىتىدە بىزگە مەنسۇپ بولغىنى بىلەن، ئىجادىي مېھنەت نۇقتىسىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ كىشىلىرىگەمەنسۇپ. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مۇقامىنى، دەۋرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ساداسىنى ئىپادىلەيدىغان سەرخىل ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ئېلىپ كېلىۋاتقان غېرىبسىنىش تۇيغۇسىنى، سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەت ھەققىدە ئادەمنى ئويغا سالىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىزكېرەك.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        سەنئەت ئۆزىنى ئىجاد قىلغان خەلق ۋە خېرىدارى بىلەن سەنئەت. خەلققە تەۋە بولمىغان، خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن، قايغۇ – ھەسرەتلىرىگە يانداشمىغان، كەلگۈسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلمىگەن ۋە خەلق تۇرمۇشىدىن ئايرىلغان ھالەتتە بارلىققا كەلگەن بارلىق ئەسەرنىڭ ئۆمرى كۈتە بولىدۇ. سەنئەت بىر ھېسابتا بىر مىللەتنىڭ روھىي ئەندىزىسىنى سىزىپ چىقىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە. شۇنداق ئىكەن، ئاشۇ ئۆلمەس خەلق ناخشىلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا ۋارىسلىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرىگە ئەستايىدىل نەزەر سېلىپ، تەھلىل قىلىپ، ئاندىن بۇ ساھەگە قەدەمباسقىنىمىز ياخشى. ئاشۇ ئۆلمەس كۈي – ناخشىلار خەلقىمىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيەنە مەۋجۇت بولىدۇ. دېمەك، خەلق ناخشىلىرىنىڭ جەلپكار ھالەتتە چاقنىشى سەۋەبسىز ئەمەس. ئۇنىڭدا ھېكمەتبار، تۇرمۇش بار، غايە، ئارزۇ – ئارمان بار. ئىشىنىمەنكى، بۇلار بىزگە ئۇدۇم بولۇپ، يېڭىدىن يېڭى ئىجادىيەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئۆلچەم، ئىلھام بولغۇسى.eMTئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت