(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم.
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم ) دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا ئالجىغان،قېرىغىنىنى تۇيمىغان ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى دادا،بوۋا ,موما ,ئانا ,ئاكا ، ئاچا دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ،ئەدەبسىز ,تەربىيە كۆرمىگەن دەپ قارىلىدۇ
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا كۆيۈمسىز ، مېھرى يوق،باغرى قاتتىق، كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەندەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى سىز،سىلى.... دەپ ئاتىشى لازىم ،سەن دېيىلسە كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىكدەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن ئۆيگە باشلاي، خىزمەتتە بولاي دېيىش لازىم . بولمىسا قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە ئەسسالام دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھۇئەكبەر دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا,قائىدىسىز; ، ھاكاۋۇر دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت دەپ ئەتىبلىنىدۇ
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم.
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان قېنى باقىلىي دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ،كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارىلىدۇ.
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.