• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مىللىي ناخشىچىلىقىمىزنىڭ رولى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىدا مىللىي سەنئەتنىڭجەۋھەرلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىرادىسى، قۇدرىتى ۋە ئارزۇ – ئۈمىدلىرى ئەكس ئېتىپتۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇ پۈتكۈل مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئورگانىك بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.z3uئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ھازىر مىللىي ناخشىچىلىقىمىز تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەزگىلدە قەدىمكى بىلەن ھازىرنىڭ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ، ئېسىل بىلەن ئاممىبابنىڭ تەسىرى يۇغۇرۇلۇپ كېلىپ، ناخشىچىلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋردە، مىللىي ناخشىچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. ھازىر جەمئىيەتتە مودا ناخشىلار ئاۋۇپ كەتتى، ھەر خىل غەلىتە مۇھەببەت ناخشىلىرى ياشلارغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ. يەرلىك خاسلىققا ئىگە مۇزىكىلار ۋە ناخشىلار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ھازىر مودا ناخشا ئېيتىدىغان چولپانلارنى كۆپرەك بىلىدۇ، سەنئىتىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلغان پېشۋالىرىمىزنى بىلىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئاممىباب مودا ناخشىلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز،لېكىن بۇ، مىللىي خاسلىققا ئىگە مىللىي سەنئىتىمىزنى رەت قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ناخشىنىڭ ھۇزۇرلانغۇچىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باشقا شەكىلدىكى سەنئەتكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مىللىي ناخشىچىلىقىمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردەئوينىغان ئىجتىمائىي رولىغا، جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ناخشىچىلىقىمىزنىڭ تارىخى ئۇزاق، ناخشا ئىجادىيىتى،ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مۇزىكا ۋاسىتىسى قاتارلىق جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقى كۈچلۈك، بۇ ئالاھىدىلىكلەر مىللىيلارنىڭ پىسخىك ساپاسى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ناخشا – مۇزىكىدىكى ئىنكاسىدۇر. كىشىلەر مىللىي ناخشىمىزدىن نوقۇل سەنئەت ھۇزۇرى ئېلىپلا قالماي، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ – دەريالىرى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇيدۇ. ھازىر مىللىي ناخشىچىلىقىمىزدا يېڭى ئەسەرلەر مەيدانغاكەلدى، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش، تۇرمۇشنىمەدھىيەلەش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ، بۇلار جۇڭخۇا سەنئىتىنى بېيىتىپلا قالماي، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئادىمىيلىكىمىزنى تاۋلاۋاتىدۇ.z3uئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        تەربىيەۋى ئەھمىيىتى جەھەتتىن قارىغاندىمۇ سەنئەت تەربىيەسىگە سەل قارىغانلىق تەربىيەگە سەل قارىغانلىق بولىدۇ، ئۇ شەخسنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەنئەت مىللەتنىڭ خاسلىقىغا ئايلانغاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ، دۇنيانىڭ مەدەنىيىتىگە ئايلىنىپ، ئەبەدىي راۋاج تاپىدۇ. ۋەھالەنكى مىللىيناخشىچىلىق مىللىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. يەرلىكنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئاساسەن، شۇ جايغا خاس بىرەر ناخشىنى توۋلىغاندا، ھەرقانداق كىشىنىڭ كەيپىياتىنىيېڭى دولقۇنغا كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ مەلۇم مىللەتتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا، بۇنداق ناخشىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.z3uئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت