مۇزىكا مائارىپى تار مەنىدىن ئىيتقاندا، مەخسۇس مۇزىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان مۇزىكا مەكتەپلىرى ۋە مۇزىكا ئىنستىتۇتلىرىدىكى مۇزىكا ئوقۇتۇشىنى، كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن مۇزىكا تەربىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مۇزىكامائارىپى دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى مۇزىكا مەكتەپلىرى ۋە مۇزىكا ئىنستىتۇتلىرىدىكى مۇزىكا ئوقۇتۇشى بىلەنلا چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. مۇزىكا مائارىپى مۇزىكانتلارنى تەربىيىلىگەندىن باشقا، ئادەملەرنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋە ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تارىختا داڭلىق مۇتەپەككۇرلار، پېداگوكلار، سىياسىئونلار مۇزىكا مائارىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندىكى مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس كۇڭزى مۇزىكا مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئاساس مائارىپنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار مۇزىكا مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇزىكا سىستېمىسى، مۇزىكا نەزەرىيە ئاتالغۇلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
مۇزىكا مائارىپى مۇزىكا ھەققىدىكى ئاساس بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ مۇزىكىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇزىكا مۇئەييەن قانۇنىيەتكە ئىگە ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق مۇزىكىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئادەملەرنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، مۇزىكا ھەققىدىكى ئاساس بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئىگىلىگەندىلا، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى ھەم ئۇنىڭدىن لايىقىدا ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
مۇزىكا مائارىپىنىڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش جەھەتتىكى رولى باشقا پەنلەرنىڭكىدىنقېلىشمايدۇ. ياۋروپالىقلارنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەشتە مۇزىكامائارىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى دەل شۇنىڭ ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: ئېينېشتېيىن كىچىك ۋاقتىدا زېرەك بولمىغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى دائىم ھېس قىلىپ تۇراتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىقلىرىدىكى نەتىجىسى تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئېينېشتېيىننىڭ زېھنىي قابىلىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان. بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مۇزىكا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئاساسلىق تەلەپ. ئىجاد قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن تەپەككۇرى جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۆگىنىش جەريانى، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئىجاد قىلىش تەجرىبىسىنى توپلاش ۋە ئىجادىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. ئوقۇتقۇچى ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ‹‹ئۆلچەملىك جاۋاب›› بىلەن چۈشەپ قويماسلىقى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى رىتىم شەكلى ئىجاد قىلىدىغان، ئاددىي مېلودىيىلەرنى تۈزىيەلەيدىغان ئىجادىي پائالىيەتلەرگە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.