• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • خەلق ناخشىلىرى ۋە ناخشىچىنىڭ ئوبرازى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قىزغىن قوللىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى قايتا رەتلەش، خەلققە تەقدىم قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۇتۇقلۇق خىزمەتلەر ئىشلەندى. لېكىن ناخشىچىلىرىمىز ئارىسىدىكى بىر قىسىم ياش ناخشىچىلاردا خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشتا ئەسلىسىگە سادىق بولمايدىغان، بۇزۇپ ئېيتىدىغان، تېكىست بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ، ناخشىچىلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        يېقىندا بىر ناخشا پىلاستىنكىسىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە خەلق ناخشىسىنىڭ خالىغانچە بۇزۇپئېيتىلغانلىقىنى، كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ناخشا مەزمۇنىغا ماس كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ پىلاستىنكىدا ئورۇندالغان بىر ناخشىدىكى ‹‹ھەر جايغا بارىپ ئەقلى ئۇنۇتما›› دېگەن بىر مىسرا دىققىتىمنى تارتىپ قالدى.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        بۇ مىسرادا ‹‹ئەقلى ئۇنۇتما›› دېگەن سۆز خاتا ئېلىنغان، ئەسلىدە بۇ خەلق ناخشىچىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئېيتىپ كېلىۋاتقان كونا ناخشا ئىدى. ناخشىچى بۇ ناخشىنى خاتا ئاڭلىۋالغىنى بويىچىلا ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، بۇ مىسرانىڭ توغرىسى ‹‹ھەر جايغا بېرىپ ھەقنى ئۇنۇتما›› بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ھەققانىيەتنى ياقلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى دەۋەت قىلغان. بۇ يەردىكى ‹‹ھەقنى›› دېگەن سۆزنى خاتا ئاڭلىۋالغان ناخشىچى ‹‹ئەقلى›› دەپ خاتا ئېيتىۋەرگەن، پىلاستىنكىنى ئىشلىگۈچىلەر، رىژېسسور، مۇھەررىرلەر بۇ خاتالىققا دىققەت قىلمىغان. بىر ئوبدان ناخشىنى بۇنداق بۇزۇپ ئېيتقاندا خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، ناخشىچىنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ناخشىچى ناخشا ئېيتىشتىن بۇرۇن، ئاۋازىغىلا ئەھمىيەت بەرمەي، ناخشا تېكىستىگە، ناخشىغا كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، مەيلى كۈي، ئاھاڭ جەھەتتە بولسۇن، مەيلى تېكىست جەھەتتە بولسۇن ناھايىتى ياخشى جىپسىلىشىپ، مۇكەممەل بىر سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        مېنىڭچە، ناخشىچى ئەل سۆيگەن ناخشىچى بولۇپ يېتىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئەتراپلىق يېتىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى، خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتقاندا، ناخشىنىڭ ئەسلىسىگە سادىق بولۇشى لازىم.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتىدە زوريۈكسىلىش بولدى، سەنئەتكارلار قوشۇنى زورايدى. ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە سەنئەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەش ئىشلىرىدا ناھايىتى ياخشى شارائىت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ناخشىچى ياخشى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. خەلقىمىزنىڭ سەنئەت بايلىقىنى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرى جانلاندى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى،ھەر قايسى يۇرت خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئورتاقلىقى تەتقىق قىلىنىپ، نۇرغۇن ئەسەر يېزىلدى. شۇڭا، مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ناخشىچىلىرىمىز خەلق ناخشىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشكە، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇ ئارقىلىق ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.aSBئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت