• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • پۆرە

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
     

     

    ماتېرىياللار: ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ، گۆش 500 گرام، جاڭيۇ، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ، كۈدە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

    ئېتىش ئۇسۇلى:

    1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، كۈدە، قارىمۇچ، جاڭيۇ، تۇز، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

    2. تۇز قويۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 35 گرام خېمىردا 4-3 دانە زوۋۇلاپ ئۈزۈپ، نېپىز جىلىت ئېچىپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ، ئوتتۇرىسىدىن پۈكلەپ قاتلاپ، ئەتراپىنى يىپىشتۇرۇپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۈگۈپ تەييارلايمىز.

    3. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىززىتىپ، تەييارلانغان پۆرىنى سېلىپ، ئالدى-كەينىنى قىزارتىپ ئېلىۋالىمىز.

    4. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ قاينىغاندىن كېيىن، قاسقانغا مايدا قىزارتىۋالغان پۆرىنى قويۇپ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى چىڭ يىپىپ، سۇنىڭ ھورىدا 15-20 مىنۇتقىچە پىشۇرۇپ ئالساق بولىدۇ. پۆرىنى پىشۇرغاندا سۇغا چىلىشىپ قالماسلىقى لازىم. ئادىرسىمىز

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت