مۇزىكا سەنئىتى — ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئالاھىدە سەنئەت تۈرىگە مەنسۇپ، مۇزىكا تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھادىسە ۋە ئۇقۇملارنى ئاۋازلارنى تەشكىللەش ۋە مۇئەييەن تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئىنسانىيەت تۇرمۇشى ئەزەلدىنلا مۇزىكىغا ئەگىشىپ كەلگەن. جەمئىيەت، تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە رىتىم بولغاندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئاۋاز ۋە ئاۋازنىڭ ئېگىز – پەسلىكى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، مۇزىكا سەنئىتى شۇ ئاۋازلارنى مەلۇم قانۇنىيەت ئاساسىدا سىستېمىلاشتۇرغان ئاۋاز سەنئىتىدىن ئىبارەت.
مۇزىكا سەنئىتى ناخشىلىق مۇزىكا ۋە چالغۇلۇق مۇزىكا دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىز سۆزلىمەكچى بولغان خەلق ناخشىسى ناخشىلىق مۇزىكىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ھەر قانداق مىللەت، دۆلەتنىڭ خەلق ناخشىسى بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شىنجاڭ ‹‹ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى›› دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. خەلق ناخشىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي مۇساپىسى داۋامىدا باشتىن كەچۈرگەن قايغۇ – ھەسرەت، جەبىر – زۇلۇم، ئارزۇ – ئارمان ۋە شاد – خۇراملىقلىرىنى ئىپادىلەپ، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك سىرداش دوستى بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئۆزىگە خاس تۇرمۇش مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي قارىشى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، روھىي ھالىتىنىڭ ئىنكاسى، ناخشىلار خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ، خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان. ئۇنىڭدا ئىنتىلىش ۋە تىلەكلەر ساپ لىرىك ئاھاڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن.
خەلق ناخشىلىرى خەلق قەلبىنىڭ ساداسى، لىرىك ھېسسىياتنىڭ مۇزىكىلىق يەشمىسى سۈپىتىدە ئۆزىدە ھەر قايسى نۇقتىلاردىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى تەييارلىغان.
تۆۋەندە مەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن:
1. خەلق ناخشىلىرىنىڭ تىلى راۋان، ئاھاڭى يېقىملىق، خەلق قەلبىگە يېقىن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. خەلق ناخشىلىرىدا خەلقنىڭ چىن ھېسسىياتى، ئورتاق تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىزگە ئەينى دەۋردىكى رېئاللىقنى چىنلىق بىلەن ئەسلىتىدۇ. بۈگۈن ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
2. خەلق ناخشىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا بولۇپ، ئۇ رومانتىك تۇيغۇغا باي، خەلق ناخشىلىرى ئۇزۇن دەۋىرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى، ساقلاپ، قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ تاۋلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
3. خەلق ناخشىلىرى تېكىست رىتىمىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى خەلق مۇزىكىسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
4. خەلق ناخشىلىرى رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، خەلق ناخشىلىرى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ناخشىنىڭ رىتىمى، ئاھاڭى، مېلودىيىسى جەھەتلەردە روشەن پەرقى بار. شۇڭا، مەيلى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل ياكى ئىلى خەلق ناخشىلىرى بولسۇن، بىر ئاڭلاپلا قەيەرنىڭ ناخشىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
خەلق ناخشىلىرى خەلقنىڭ قەلب ساداسىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇش، ماھىيىتىنى ئىگىلەش، ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش ناخشىچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.