بىر مىللەتنىڭ تىل گۈزەللىكى، تىل ئىشلىتىش ئادىتىشۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ناخشىلاردىكى تىل گۈزەللىكى مىللەت ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.
يېقىندىن بۇيان، ھەرقايسى سورۇنلىرىمىزدا ئېيتىلىۋاتقانناخشىلىرىمىزدا تىل گۈزەللىكى، بولۇپمۇ مەنە گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى. مەسىلەن:
‹‹كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ ئالدى چاقى پەس،
بۇ زاماننىڭ قىزلارىنىڭ ئەرگە تەگمىكى تەس.››
* * *
‹‹ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق،
قىزنىڭ ياخشىسى ئورۇق.››
* * *
‹‹ھەي تاش، ئوينا يوغان باش،
ساڭا بويسۇنماس، ماڭا كەلسە ياۋاش.››
مانا مۇشۇنداق تېكىستلىك ناخشىلاردىن قانداق ھۇزۇر ئالغۇلۇق!؟ يۇقىرىقى تېكىستلەرنىڭ بەزىلىرى خەلق قوشاقلىرى بولۇپ، مۇئەييەن سورۇندا بەزى قىزىقچى ئەلنەغمىچىلەر تەرىپىدىن كۆڭۈل خۇشى باھانىسىدە ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىلىپ ئورۇندالغىنى بىلەن، بۇنىڭ زامان، ماكانىنى چۈشەنمىگەن دورامچىلىرىمىز ئۇنى قايتا بازارغا سېلىپ، ناخشىچىلىقىمىزغا ھاقارەت كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ناخشا سەنئىتىمىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يەرگە ئۇرماقتا.
ناخشا گۈزەل، مەنتىقىلىق تىل سەنئىتى ئارقىلىق تىڭشىغۇچىغا ئىلھام، شادلىق، ئۈمىد ئاتا قىلىش بىلەنبىللە، ئۇنىڭ مۇڭىغا مۇڭداش بولىدىغان قۇدرەتلىك سەنئەت. شۇنداق ئىكەن، بۇ سەنئەتنىڭ قەدىر – قىممىتىنىبىلمىگەن كىشىنىڭ بۇ كوچىدا خالىغانچە ئوڭ – تەتۈر جۆيلۈيدىغان ھەققى يوق! ناخشا سەنئىتىدىن ئىبارەت گۈزەللىك دۇنياسىغا قەدەم باسقۇچىغا تەۋسىيەم شۇكى، ناخشىلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش، ئورۇنسىز بۇرمىلاش، مەنتىقىسىز قۇراشتۇرۇشلىرىڭىز بىلەن ئۇنى دەپسەندە قىلماڭ!