ناخشا سەنئىتى ئۇسسۇل سەنئىتىگە ئوخشاش ئەڭ قەدىمكى سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ناخشىلار جۇغراپىيەۋى چەكلىمە تۈپەيلىدىن روشەن خاسلىققا ئىگە ئىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، تارىخىي تەرەققىيات قەدىمىگە ماس ھالدا ھەر خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشلارغا ئەگىشىپ،ناخشا تەركىبىدىكى ئىندىۋىدۇئاللىق ئېلېمېنتلىرى تەدرىجىي كېمىيىپ، ئورتاق ئېلېمېنتلار كۆپىيىشكە باشلىدى. يەر شارىنىڭ ‹‹كىچىك››لىشىشىگە ئەگىشىپ، مەلۇم بىر دۆلەت ناخشىچىسى ئورۇندىغان نادىر ناخشا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ھالقىپ دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ياقتۇرۇشىغائېرىشمەكتە، ھەتتا باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان بولدى. بۇنداق ھادىسىلەر مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدىكى مۇقەررەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوخشاشمىغان مىللەت، دۆلەت ۋە رايونلار ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا، يەرلىك مىللىي سەنئەتنى دۇنياۋى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيىتى بار. مانا بۇ سەنئەتتىكى يېڭى بىر تېما تەقلىدىي سەنئەتتۇر.
تەقلىدىي سەنئەت ئەسلىي ماتېرىيالنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش سەنئىتىدۇر. ھازىر بىزدىمۇ چەت ئەل ناخشىلىرىنى، قېرىنداش مىللەتلەر ناخشىلىرىنى تەقلىدىي ئورۇندايدىغان ۋە تەرجىمە قىلىپ ئورۇندايدىغان ناخشىچىلار بارلىققا كەلدى. ئاز ساندىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن باشقا، بۇ ناخشىچىلارنىڭتولىسى يەنىلا ئەسلىگە سادىق بولماسلىق، تېكىست قۇرۇلمىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىقلاردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. بەزى سەنئەتكارلىرىمىز ئەسلىي تېكىستتە ئەسلا بولمىغان مەزمۇنلارنى ‹‹تەرجىمە›› قىلغاننى ئاز دەپ، دۇنياغا داڭلىق ئاھاڭلارنىمۇ ‹‹تەرجىمە›› قىلماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە، كەسىپ ئەخلاقىغا خىلاپ.
نادىر چەت ئەل ناخشىلىرىنى تەقلىدىي ئورۇنداپ، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئېستېتىك زوق بېرىش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
ئەسلىي ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ئىپادىلەش، ئۇنىچۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم. نادىر ناخشىلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ئىدىيەۋى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇڭا ئورۇندىغۇچى، ئالدى بىلەن، ئەسلى ناخشا تېكىستىدە ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات، مەنىۋى مۇھىت ۋە ئاپتورنىڭ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتى، ئەسەر ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندىلا ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئىجادىيەتنى ياخشى ئورۇندىيالايدۇ.
ئەسلىي ئەسەرنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىنى توغرا تونۇش كېرەك. سەنئەت ئۇسلۇبى سەنئەتكار ياكى سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمىدا ئىپادىلىنىدىغان ئىجابىي خاسلىققا ئىگە سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ناخشىچى ناخشىنىڭ تېكىستى، مۇزىكىسىنى تولۇق چۈشىنىشى، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت مەقسىتىنى چۈشىنىشى، ناخشىنىڭ سەنئەتلىك ئۇسلۇبىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك.
ناخشىچى ئەسلىي تېكىست، مۇزىكا ئاپتورىغا ۋە ئەسەر ئىجاد قىلىش مەقسىتىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا، چۈشەنچىسى ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارى بىلەن ئەسەرگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەسلىي ئەسەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەسەردە خاسلىق شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.